61
كۆزنىڭ شاھىتلىقىنى پەرۋاسىز تاشلاپ ، قۇلاقنىڭ دەلىللىرىگە ئىشىنىپ كەتمە . كۆزنىڭ نوپۇزىنى بېسىپ چۈشكەن قۇلاق شۈبھىلىك شاھىت .
كۆزنىڭ يېڭىلىشىگە ئىشەن .
كۆڭۈلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن چۆچۈيمەن . ئۇنىڭ يېنىدا ئاتىللانىڭ ھازىسى مېنى ھەسرەت شارابى بىلەن سەگەك قىلىدۇ .
62
مۇھەببەتنىڭ مەھلىيا كۈچىدىن سېھىرلەنگەن چېغىمدا ئۈمىدۋارلىق ھېس قىلىمەن . بۇنداق ماگنىتتىن ئايرىلغىنىمدا ئۈمىدسىزلىك تەرىپىدىن جادۇ قىلىنىمەن . جەزب قىلىنىمەن .
63
بەخت مەبۇدى << قۇتلى >> بىلەن گۈلزار ئاشىقى << بۇلبۇل >> دىئالوگلاشتى .
قۇتلى : ساڭا بەخت كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .
بۇلبۇل : شۇنداق ، مەن ئۇنىڭغا تەقەززا.
قۇتلى : مەن ساڭا شۇنداق سائادەت ئەڭگۈشتىرى ئىنئام قىلايكى ، ئۇنىڭ شاراپىتى سەن خالىغان چېغىڭدا ئەرشكە ۋە بېھىشكە چىقىپ ، ئۆلمەسلىك كەۋسەرلىرىنى ئىچىپ ، ھۆر ۋە رىزۋانلار بىلەن ئىشرەت سۆھبىتى قۇرالايسەن . ئۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ تەھلىكىسى يوق.
بۇلبۇل : بۇ مەن ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك ياكى ئۆلۈم ئالدىدىكى خىيالىي ئۈمىد . مېنىڭ ئارزۇ قىلغىنىم بۇنىڭ ئەكسى .
قۇتلى : بۇ قانداق بەخت ؟
بۇلبۇل : قايغۇ ۋە شادلىقلار ئىقلىمى ، باھار ۋە زىمىستان دۇنياسى ، ئۈمىد ۋە كۈرەش مەيدانىدىكى قىسمەت ۋە جاسارەت بىلەن تولغان مۇشۇ ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بەختى .
قۇتلى : ئەجەبا ...
بۇلبۇل : چۈنكى ، ئۇنىڭدا ھادىسىلەردىن خالىي بولمىغان ۋە مېنىڭ سىنەمنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى پەلەك بىلەن شاھمات ئوينىماقتا . مەنمۇ ۋاقىت ۋەھىمىسى بىلەن قاتار تۇرۇپ ئوينايمەن . ئۇ مېنى ھالاك قىلىدۇ ، مەن ئۇنى قۇل قىلىمەن .
قۇتلى : خالىغىنىڭ بولسۇن .
64
سەن تەڭدىشى يوق گۈزەل .
سەن ئۇرۇقى يوق يېگانە تۇغما گۈزەل .
گۈزىلىم ، ئەدىپىنى بېرىش ۋە رەھىمسىز غەزەپ ئىنسانىيەتنى بالايىئاپەتكە گىرىپتار قىلىدىغان ھالاكەت مەبۇدىنىڭ خاسىيىتى ئىكەنلىكىنى سېزەمسەن . ئۇ ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى ، داۋالىغىلى بولمايدىغان بۇنداق تەبىئەت زىننەتلىگىلى بولمايدىغان يەر يۇتۇش دەزى ئالدىدىكى يارلىق . ئۇ مەغرۇرلۇقنىڭ توپان بالاسى ، ئۇ كائىناتنىڭ ئەڭ تەشۋىشلىك كالا دىۋىسى .
ئوتنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمە ، ئۇ ئەرۋايىڭنى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىدىغان ئەزرائىلنىڭ ئېتى ، ھالاكەت تەڭرىسى قىرغىنغا چۈشىدىغان قان سەھنىسى .
65
ھايات سۈيىنى مەنىسىز ئىسراپ قىلىسەن .
ئۇ ئاز قالغاندا ھەسرەتلىنىپ كۆز يېشى قىلىسەن .
ۋاقىت ئارقىدا پۇشايمان قىلىش ئورۇنسىز ، ئۆلۈم ئالدىدا ئېچىنىش پايدىسىز .
66
قۇشلار سايرىدى ، سەن تېخى ناخشاڭنى باشلىمىدىڭ .
شاماللار ئۇچۇرقىدى ( << چاپتى ، يۈگۈردى ، ئۇچتى >> دېگەن مەنىلەردە ) ، سەن تېخى نىگاھىڭنى ئاچمىدىڭ .
گۈللەر ئېچىلىپ سۇلدى ، سەن تېخى تەبەسسۇم بىلەن كۈلمىدىڭ .
67
سېنىڭ ھەسەتخور قەلبىڭگە ئاق كۆڭۈللۈك زەپەر مەشئىلىنى ياققاندا ، سېنىڭ نادان ۋە جاھالەتلىك تەلۋە كۆكسۈڭدە نۇر مالائىكىسى تەبەسسۇم قىلىدۇ . سەن رەشكى تۇزىقىدىن قۇتۇلغاندا ، تۆت ئەتراپ ساڭا سۆيۈملۈك گۈزەل گەۋدىسىنى ئاچىدۇ . شۇ چاغدىلا سەن مۇھەببەتنى ۋە ئىززەتنى نومۇس ئىچىدە ھېس قىلىسەن . بۇنىڭ يولى بىر : مەغلۇبىيەتكە ھازىرلىنىش .
68
شېئىرلىرىم ئالەمنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن شىۋىرلايدۇ .
مەن مەشۇقۇم بىلەن ئىككى شەبنەم تامچىسىدەك بىر لالە يوپۇرمىقى ئۈستىدە ياتىمىز . ئۇ ماڭا : ئاڭلا ئەزىزىم ، سېنىڭ يۈكسەكلىكىڭنى شاماللار تەرىپلىمەكتە ، دېدى . مەن ئۇنىڭغا : تىڭشىغىن ئامرىقىم ، سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى يوپۇرماقلار قوشاق قىلماقتا ، دېدىم.
ئۇ قىزىرىپ كەتتى . ئۇ شۇنداق قىزاردىكى ، بىر پارچە چوغقا ئوخشايتتى . مەن ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ قىزاردىم . مەن بىر قەدەھ قىزىل ئۈزۈم ھارىقىغا ئوخشاپ قالدىم .
69
قۇربىتىم يەتسە سەن توغرۇلۇق يېڭى << رامايانا >> داستانى ( ھىندىلارنىڭ قەدىمكى خەلق داستانى ) يازسام.
سېنىڭ قەلبىڭ يەر ئانامنىڭ چوڭقۇر تەكتىدە تۇغۇلغان مىسلىسىز گۈزەل قىز شىدۇدىنمۇ ساداقەتلىك ۋە مېھىرلىك .
سېنىڭ سەرگۈزەشتلىرىڭ ئاسمان ئاتىنىڭ بەلەن يېرىدىكى قۇياش دۆلىتىدىكى نۇرانە ساھىبقىران يىگىت رامانىڭ قىسمەتلىرىدىنمۇ تەسىرلىك .
مەن مەپتۇن بولىمەن . مەپتۇنلۇقتىن يىقىلسام ھوشۇمغا كېلىش يولىدا ئىلھام مەبۇدىسى مۇسىي ياكى كۈمۈش تارلىق ۋىنا چالغۇسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن سامانىۋى مۇزىكانت نارۇت ( ھىندىلارنىڭ << ماخاپخاراتا >> داستاننىدىكى قەھرىماننىڭ نامى ) قاچان لەگلەك قۇشىنىڭ پېيىدىن قەلەم قىلىپ ، مېنىڭ لېۋىم ئۈستىگە سەن توغرىلىق لەرزان شېئىرىيەتنىڭ ئۈنچە مىسرالىرىنى تىزاركى ...
پاھ ! ھالاكەت مەبۇدى سىۋا . ئەمدى سەن مېنى پىلە قۇرتىدەك قارىلىقتىن ئاققا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ۋەلى قىلماقچىمۇ ؟
ئېھ ! شېئىرىيەت مەبۇدىسى نارۇت ، سەن مېنى قاراقچىلىقتىن شائىرغا ئايلانغان ئاق چۈمۈل ساھىبى رودناكا ( بارمىچ )دەك توپىدا كۆمۈپ ( رودناكا _ ھىندىلارنىڭ << ماخاپخاراتا >> داستانىدىكى قەھرىماننىڭ نامى ) ، يامغۇردا يۇماقچىمۇ ؟
ئاھ ! گۈزىلىم ، غوزەك ئىچىگە بەند بولۇپ قالمىساملا ياكى چۈمۈلە تېغىدا كۆمۈلۈپ قالمىساملا سېنى كۈيلەيمەن . چۈنكە مەن رامانىڭ ۋارىسى .
70
مەن سېنى سېغىنغاندا كۆز يېشىمنى دەريا قىلىمەن .
ئۇ تامچىيدي، تاراملايدۇ ،سۈرەن سېلىپ ئاقىدۇ ، ئۇپقۇن كۆتۈرىدۇ .
سەن ئۇپقۇنلار قاينىمىدىن خۇددى بېلىق پەرىسىنى سۇ ئىلاھىدەك مەرۋايىت بۇژغۇنلار چاچرىتىپ قەد كۆتۈرۈپ چىقىسەن . سېنىڭ ئاپئاق قاشتېشىدەك ئوڭ قۇلۇڭدا ئۈستىگە زەر قاپچۇق يېپىلغان مەرمەر قۇتا تۇرىدۇ . ئۇ ماڭا ئاتىغان << سۆيگۇ سۈيى >>قاچىلانغان قۇتا !
ئۇ پىرومىتۇسنى زەنجىر باغلاقتىن خالاس قىلىدىغان، تاشقىزنى ئەسلىگە كەلتۇرىدىغان ،ھەممە تەتۈر ئەفسۇنلارنى ياندۇرىدىغان ئادالەت ھېكمىتىنىڭ كىميالىق زەمزىمى .
چاچ، بۇ <<سۆيگۇ سۈيى >> نى ، مۇھتاجلارغا چاچقىن .
ئۇنۇتما،مەن سېنى ئۇلار ئۈچۈن سۆيىمەن ۋە سېغىنىمەن!
71
بەخت مەلىكىسى،مەنمۇ رامادەك دېنڭ ئالتۇن قەبرەڭدە شىپۇ*[شىپۇ- ھىندىلارنىڭ ‹‹رامايانا››داستانىدىكى قەھرىماننىڭ نامى- مۇھەرىردىن]نىڭ كارامەتلىك ئوقياسىنى قولۇمغا ئالدىم.ئەمدى مېنىڭ مەشۇقۇم بولۇشۇڭ ئىلكىمدىكى ئىش.
مېنىڭ كۆتۈرگىنىم جاپا-مۇشەقەتلەرنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان ئېغىر ئوقياسى.
سېنىڭ ماڭا ئۈلپەت بولۇپ مۇشەقەت چېكىشكە رازى بولغانلىقىڭ قەلبىڭدىكى بەخت.
سەن مېنىڭ ماھارىتىمدىن خۇشال بولۇپ كۈلگىنىڭدە،مەن سېنىڭ مەن بىلەن چېكىدىغان قىسمەتلىرىڭدىن ئەنسىرەپ تىترەيمەن.
ئۇنۇتما:زوقلۇق خوشاللىقلىرى بىلەن پاجىئەلىك مۈشكۈللەر بىر-بىرىنى قۇچاقلىشىدۇ ۋە بىر- بىرىگە باش ئېگىدۇ.
72
ئېھ، ئۇچار قاناتلار.
ئورمان سىلەرنىڭ شېئىرىيەت مەدرىسىڭلار.
ئاھ،تىزىلىپ ئۇچقان تۇرنىلار.
سىلەر يېزىلغان،يېزىلىۋاتقان داستان.سىلەر سانسىز پەي قەلەم بىلەن ئۆچمەس سىياھنى كۆتۈرۈپ ئۇچقان شېئىرىيەت يۈرىكى.
مەن سىلەرنى خۇشال ئارزۇلار ئىچىدە ئۇزىتىمەن.
73
ئۇ ئۆزىنىڭ قاچىلاپ تولمايدىغان غەزىنىسى ئۈچۈن مارجان ئوۋلايدىغان تۆمۈر تورلىرىنى دېڭىز ئاستىغا تاشلىدى.
ئۇ تورغا چۈشكەنلەر ئۈستىدىن مەسخىرە بىلەن كۈلىدۇ.
مارجانلار ئالدانماڭلار.
74
ئالەن ماڭا نىدا قىلىدۇ: مەن ساڭا ھەر خىل نان ھەدىيە قىلىمەن.
مەن خۇشاللىق بىلەن قۇلۇمنى سوزىمەن.
ئۇ ماڭا:بىراق ھەر قېتىمقىسىنىڭ بۇر پۇچۇغى كەم ، دېدى.
مەن بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ،قالغان پۇچۇغىنى ئىزدىگىنىمدە،ئۇ ماڭا:مانا ماۋۇنىمۇ ئال،بىراق كەم قالغان پۇچۇغىنى ئىزدىمە، بۇنىڭمىغۇ بىر پۇچۇغى يوق ،دەيدۇ.بۇنىڭغىمۇ ھەيران بولىمەن.
ئالەم قاقاقلاپ كۈلىدۇ ۋە بىردىن جىمجىت بولۇپ،يېقىنلاپ شىۋىرلايدۇ:سۈرۈشتۈرمىگىن،مەن ھەمىشە شۇنداق ھەدىيە قىلىمەن.بۇ ئىگىسىنىڭ دائىملىق ئادىتى.مەڭگۈلۈك مەخپىيىتى....
چوڭقۇر ئويلىدىم.ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىشنى خالىمايمەن.مېنىڭ ئۆزگىلەرگە ئاتىغان مۇھەببىتىم مۇكەممەل ھەم مۇجەسسەم.
75
ئېھ، مېنىڭ گۈزىلىم،ئالەم گۈزەللىكنىڭ كۆزى.
ئاھ، مېنىڭ ئىلاھىم.مېنىڭ سويگۈنۈمنىڭ مۇرەببى.
مەن سېنى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە بىلەن ــمۇھەببىتىم بىلەن قەدىرلەيمەن.بىراق مەن سېنىڭ قۇلۇڭ ئەمەس.
سەن ئۆزىنى‹‹ سېنىڭ چاكىرىڭ››،‹‹سېنىڭ قۇلۇڭ›› دەيدىغان ھەرقانداق كىشىنى مەھبۇب شەكىلىگە كىرگۈزۋاكغان ئېزىتقۇ مەن دەپ چۈشەن. چۈنكى، ساڭا ئېرىشىش نىيىتىدە ئىنسانى قەدىر- قىممىتىنى ئاياغ ئاستى قىلغان كىشى ، سەندەل ياغىچىدىن ئىسرىق چىقىرىش غەرىزىدە پۈتۈن ئورماننى ھالاك قىلىشقا ھازىرلانغان كىشىدۇر. ئۇ سېنى قۇل قىلىش ئۈچۈن،ئۆزىنى قۇللۇق ئورنىدا كۆرسىتىدۇ.
گۈزەللىك چۆرىسىدەھىلە-مىكىر بولۇتلىرى ىۇددى ئاي چۆرىسىدىكى تۈتەك قوتاندەك ئكزىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى خىرەلەشتۈرىدۇ.
گۈزىلىم،سەن-ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خۇشاللىقى،ئۇنىڭ قەدەملىرىنىڭ ئىلھامى،ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭ ئۈمۈدىنىڭ غايىسى.
مېنىڭ ئىلاھىم. مەن سېنى غۇرۇرۇم بىلەن سۈيىمەن. ئۇنىڭ ئالدى گۈل، كەينى قان.
76
ئۇ ۋىجداننى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت پايدا-زىيان .
ئۇ ئىنساپنى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ھىلە-مىكىر.
ئۇ نومۇسنى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭ بىلىدىغىنى مەنپەئەت قاپقىنى ئالدىدىكى غەنىمەتنى چۆچۈتۈپ قويىدىغان ‹‹تەسىر››.
ئۇ ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭچە بۇنداق پەزىلەت مەنپەئەت نۇرىنىڭ بىجىرىملىكىگە ئېۋەن سالىدىغان ھاماقەتلىك .
ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن خىجىل بولۇشنى بىلمەيدۇ ،شۇڭا ئۇ ھەمىشە غالىپ.
ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرى خىيالى قەھرىماننىڭ ھەقىقى ھەسرىتى.
77
مەن سېنىڭ گۈزەللىكىڭنىڭ مۇنازىرسىز شاھىتى.
مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ ھەسرەتسىز قۇربانى.
78
ئۇ مەغرۇر،شۇڭا ئۇ سېنىڭ مەغرۇرلىقىڭ توغرىسىدا ۋايسايدۇ.
ئۇ ئالدامچى،شۇڭا ئۇ سېنىڭ سېخى ئەمەسلىكىڭدىن كايىيدۇ .
ئۇ گۇناھكار،شۇڭا ئۇ ئىتىغپار ئوقۇشنى ساڭا يۈكلەيدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ‹‹سىرلىق›› قىياپىتىنى ھەمىشە ئاشكارلايدىغان ھەۋەسكار.
ئۇ ئالەمشۇمۇل مەسخىرىگە كۆڭلى تىنماس قەيسەر.
79
ئېھ، شامال تەڭرىسى. سەن تىنىپ تۇرغان شامنى ئۆچۈرىسەن، سەنجىمجىت ئۇچقۇنداپ چەكسىز ئوت دېڭىزىنى ھاسىل قىلىسەن .سەن يوقلۇقنىڭ ئوغلى،موللۇقنىڭ ئاتىسى.
80
ئەكىس سادا چىقارمايدىغان ئاۋاز، يامغۇر بولۇپ قۇيۇلمايدقىغان ھور،ئۆزىگە يانمايدىغان ساۋاق بولمايدۇ، سەن ئەڭ بىزار بولغان نەرسە،سەندىنمۇ ئەڭ بىزار. قاينامدەك مۇرەككەپ ھاياتتا، ئەقىللىقىم،ياخشىلىقلارنىڭ ئۇرۇغىنى چاچ،ۋەھىمە ئايۋىنىدا غال-غال تىترىمە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 23:29