كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 1

كەلپىننىڭ قەدىمى كارۋان يوللىرى ۋە تۆگە كارۋانچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-27 18:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كەلپىننىڭ قەدىمى كارۋان يوللىرى ۋە تۆگە كارۋانچىلىقى

يۈرچى

كەلپىن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەبىي شىمال چېتىگە،ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەرىبي جەنۇپ قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇپتا مارال بېشى بىلەن،شىمالدا قىرتاغ ئارقىلىق ئاقچى ناھىيەسى بىلەن،غەرىپ تەرىپى ئاتۇش بىلەن،شەرقى شىمالدا قاراتېكە تېغى ئارقىلىق ئۈچتۇرپان بىلەن چېگىرلىندۇ، بۇ چېگىرالىنىيىلىرىدە كەلپىن سودا كارۋانلىرى ۋە تۇرلۈك يولوچىلار ئۈزۈلمەستىن مېڭىپ خوشنا ناھىيە شەھەرلەرگە بارىدىغان كارۋان يوللىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
   كەلپىن – ئۈچتۇرپان يولى  :بۇ يول بىلەن كەلپىندىن شىمالغا  110چاقىرىم ماڭسا ئۈچتۇرپانغا بارغىلى بولىدۇ، بۇيول ئۈچكە ئايرىلغان.
   1.غەرىبى شىمالىي يول . بۇ ئەينى چاغدا كارۋانلار ئەڭ كۆپ ماڭغان ئاۋات يول بولۇپ.بىۋاستە ئۈچتۈرپاننىڭ ئاقتوقاي يېزىسىغا تۇتىشىدۇ.بۇ يول كەلپىندىن شىمالغا مېڭىپ سەرەم،توڭگۇزبۇرۇن، ھەرەمجانلاردىن ئۆتۈپ غەرىبكە بۇرۇلۇپ ،تېرەكئاۋات مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ،ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان قاپچىغاي ئىچىدە سۇكېچىپ،ئېقىن بويلاپ قاپاقسۇندى دېگەن تارقاپچىغاي ئارقىلىق ئاق دۆڭ دىگەن جايدا ئىككىگە بۆلىنىدۇ.بىرى داۋاملىق غەرىبكە مېڭىپ قارا ئۆتەك،سېغىزغان ئاتنىڭ بېلى بىلەن غەرىبكە مېڭىپ ئۈچتۈرپان تەۋەسىدىكى بوزيالپاق بىلەن كۆك يالپاق ئوتتورىسىدىكى ئۇزۇن ،تاركەتكەن بەل قاپچقغايدىن ئۆتۈپ شىمالغا بۇرۇلۇپ، قورۇل ئارقىلىق ئاقتوقاي يېزىسىغا بارىدۇ. يەنە بىرى شىمالغا مېڭىپ ئۈچتۇرپان تەۋەسىدىكى ئۆڭكۈر ئۆتەك ، ساربەل ئارقىلىق شەھرى بەربەرگە كېلىپ ، بەر بەر تېغىدىكى ئىدىقنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ غەربى يول بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇل ئارقىلىق ئاقتوقاي يېزىسىغا بارىدۇ.بۇ يول كارۋانلار قاتنايدىغان غول يولدۇر.
  2.شىمالىي يول . بۇيول كەلپىنىڭ شىمالىدىكى مۇرى ۋە مەمەتتوقاي ئارقىلىق داۋاملىق شىمالغا مېڭىپ ، ئۇچتۇر تۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسى تەۋەسىدىكى ئاتيايلاق،كۈنگەي قوتان،سۆگەت بۇلاق،قىزىل قوتان قاتارلىق يايلاق ئۆتەڭلەر ئارقىلىق قاراقولغا كېلىپ بۇيەردىن كەڭ ئۇزۇن كەتكەن ساي يولى بىلەن ئاقيار يېزا مەركىزىگە بارىدۇ.ئۇندىن باشقا ، يەنە كەلپىندىن شىمالغا مېڭىپ سەرەم،توڭگۇز بۇرۇنلاردىن ئۆتۈپ تامچى ئارقىلىق ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسى تەۋەسىدىكى يايلاقلاردىن ئارپاساي ، بەلئۆتەك ۋە ئىسلىققا كېلىپ ، ئۇزۇن ساي يولى بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ئاچاتاغ يېزىسىغا بارىدىغان يول. بۇ يول ئۇزۇن ھەم تىك داۋانلىرى كۆپ بولغاچقا ئاساسلىقى چارۋىچىلار ماڭغان.
     3.شەرقى شىمالىي يول . بۇ يول كەلپىندىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ ھاشىم قۇدۇق ۋە بەلقۇمنى كېسىپ ، ئاچال يېزىسى تەۋەسىدىكى كوناچىلان كەنتىگە كېلىپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئىڭگەنگە كېلىپ، بۇيەردىن ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسى تەۋەسىدىكى قۇرۇق ئۈزۈم كەنتىگە كېلىپ، كەڭ ئۇزۇن ساي يولى بىلەن داۋاملىق شىمالغا مېڭىپ، ئاقيار يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى خاڭدى كەنتىگە بارىدۇ. بۇ يول تۇز ھەم بىخەتەر بولغاچقا ئىككى ناھىيەنىڭ ئالاقىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.
  كەلپىن - مارالبېشى يولى بۇ يول كەلپىندىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ غالتەكنىڭ دېڭى ، ئاچالدىن ۋە قاراكۆل توغراقلىقىدىن ئۆتۈپ ياقا قۇدۇققا كېلىپ، بۇيەردىن سېسىققۇدۇققا كېلىپ، بۇيەردىن چېدىركۆلگە ، بۇيەردىن تۇمۇشۇققا بۇيەردىن چاھارباغقا،  بۇيەردىن مارال بېشىغا تۇتىشىدۇ. بۇيولنىڭ پىچاق سۇندى ئارقىلىق ئايلىنىپ ماڭىدىغان يەنەبىر بۆلىكىمۇبار بولۇپ بۇيول، كەلپىندىن چىقىپ ئاچال ۋە قارا كۆل توغراقلىقىدىن ئۆتۈپ ياقا قۇدۇققا كېلىپ، بۇيەردىن سېسىققۇدۇققا كېلىپ،بۇ يەردىن پىچاق سۇندىغا كېلىپ ئاندىن تۇمۇشۇققا،بۇيەردىن چاھارباغققا،بۇيەردىن مارال بېشىغا بارىدۇ.بۇيول تەڭتوغراق ئارقىلىق مېڭىپ مارال بېشىغا بارىدىغان يولدىن 13يول ئۇزۇن. بۇيوللاردا دەڭ ۋە بىر نەچچە ئۆيلۈك ئاھالابار .
كەلپىندىن مارال بېشىنىڭ ئاچىلىغا بارىدىغان تاغ يولى. بۇ يول كەلپىننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى لوپ دىگەن يەردىن چىقىپ، ئىنگەن تېخى، تۆۋەنكى كەلپىن تېخىنى بويلاپ جەنۇپقا بۇرۇلۇپ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، تاغققا كىرىپ، چاققۇ بۇلاق ئارقىلىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مارال بېشىنىڭ ئاچىلىغا (سانساكۇ) بارىدۇ.
      كەلپىن – ئاتۇش يولى . كەلپىندىن ئاتۇشقا بارىدىغان ئىككى يول بار. بۇنىڭ بىرى كەلپىن ناھىيەسىدىن غەرىبكە مېڭىپ ، گەزلىك يېزىسى ئارقىلىق قاراتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىنى بويلاپ 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۇرۈپ ساغان تېغىغا بېرىپ، ئۇيەردىن يەنە 25 كىلومېتىر يول يۈرۈرۈپ  تاغ ئارىسىدىكى تار ھەم ئۇزۇن كەتكەن يول بىلەن ئاتۇشقا بارىدىغان يول. يەنە بىرسى كەلپىن ناھىيەسىدىن غەرىبكە قاراپ مېڭىپ قىسىل تېغى ئارقىلىق سۇبېشىغا بېرىپ، قاراتاغنىڭ شىمالى باغرىنى بويلاپ، غەربىي جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ پاقىلىق سۆگەتتىن ئۆتۈپ، سىزغان بۇلاققا بېرىپ، بۇيەردىن يەنە نەچچە ئون چاقىرىم يول يۈرۈپ ئاتۇشقا بارىدىغان يول.
        كەلپىن - قەشقەر يولى. بۇ يول كەلپىندىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ غالتەكنىڭ دېڭى ۋە ئاچالدىن ئۆتۈپ قىزىل تامغا بېرىپ، بۇيەردىن سېسىق قۇدۇققا بېرىپ، بۇيەردىن تۇمۇشۇققا كېلىپ، بۇيەردىن ئوقۇمازارغا كېلىپ، بۇيەردىن مارال بېشى بازىرىغا كېلىپ، بۇيەردىن بەشتامغا كېلىپ، بۇيەردىن لەنگەرگە كېلىپ، بۇيەردىن قارا قىلچىنغا كېلىپ، بۇيەردىن قۇم كەپىگە كېلىپ، بۇيەردىن باشلەنگەرگە كېلىپ، بۇيەردىن قارا سىدىققا كېلىپ، بۇيەردىن لەنگىرىگە كېلىپ، بۇيەردىن شاپتۇلغا كېلىپ، بۇيەردىن ياندۇرمىغا كېلىپ، بۇيەردىن قەشقەر شەھىرىگە بارىدىغان يول
     كەلپىن - ئاقچى  يولى. بۇ يول كەلپىن ناھىيەسىدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ قىسىل تېغى ئارقىلىق سۇبېشىغا بېرىپ،بۇ يەردىن سۆگەتلىككە بېرىىپ، بۇيەردىن جاغلا،مۇزلۇق، قارا سۇ ئارقىلىق قارىغايغا بېرىپ، بەلدىن ئۆتۈپ ئاقچىغا بارىدىغان يول.كەلپىندىن ئاقچىغا بارىدىغان يەنە بىرنەچچە يول بار بولۇپ بۇيوللار تاغ ئارىسى داۋانلىرى كۆپ بولغاچقا كارۋانلار ئانچە كۆپ ماڭمىغان.
   كەلپىن - ئاقسۇ يولى. بۇ يول كەلپىندىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ غالتەكنىڭ دېڭى ۋە ئاچالدىن ئۆتۈپ كۆلگە كېلىپ، بۇيەردىن كوناچىلانغا كېلىپ، بۇيەردىن شوتاقۇدۇققا كېلىپ، بۇيەردىن ئايكۆلگە كېلىپ، بۇيەردىن ئاقسۇ يېڭى شەھەرگە (ھازىرقى ئاقسۇ شەھرىگە ) بارىدىغان يول .

تۆگە كارۋانچىلىقى

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ،ناھىيە زېمىننىڭ شەرىقتىن غەرىبكە ئۇزۇنلىقى 151 كىلومىتىر، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلىقى 110 كىلومېتىر، يەركۆلىمىنىڭ %72.4 تىنى تاغلىق ، چۆللۈك جايلار،  %27.6 تىنى تۈزلەڭلىك ئىگەللەيدۇ. ناھىيە غول قاتناش لىنىيىسىدىن يىراقتا بولغاچقا كەلپىن خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەر ۋەنچىلىك  قاتارلىق ئۈچ خىل ئىگىلىكنى بىرگەۋدە قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن .كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئېقلىم، تەبىي شارائىت، يايلاق تىپى قاتارلىق تەبىي شارائىتلار ھەم تۆگەنىڭ چۆل باياۋانلاردا يايلاشقا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە كەلپىن خەلقىنىڭ تۆگە بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان خارەكتىرى سەۋەپلىك كەلپىن ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچىمۇ تۆگە ئەڭ كۆپ بېقىلىدىغان ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.1920 - يىلى كەلپىندە بېقىلىۋاتقان تۆگە 3500 ئەتراپىدا بولۇپ، تۆگە كارۋانچىلىقىمۇ تازا گۈللەنگەن بۇمەزگىللەردە، كەلپىن ناھىيەسىدىكى داڭلىق باي، مەرىپەتپەرۋەر مەھەممەت ھاجىم قاتارلىق كىشىلەر تۆگە كارۋانچىلىق كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، خوشنا ناھىيە، شەھەرلەرگە ئۆزكارۋانلىرىنى ماڭدۇرۇپ تۇرغان،بۇ ئارقىلىق، كەلپىن خەلقىنىڭ تۆگە كارۋانچىلىقى بىلەن سودا قىلىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يوللىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. 1930-يىللارنىڭ بېشىدا مەھەممەت ھاجى، توختى بوجاڭلارنىڭ 200 – 250 تۆگىدىن تەركىپ تاپقان كارۋانلىرى كەلپىن -ئاقسۇ، ئاقسۇ –باي، كەلپىن– ئۈچتۈرپان، كەلپىن – مارالبېشى، كەلپىن –ئاتۇش، كەلپىن – ئاقچى ئارىلىقلىرىدا قاتناپ ، كەلپىننىڭ گۈلە قاقلىرى ،يۇڭ، تېرە ،ئۈچەي، تىۋىت ، چۇپۇر ۋە باشقا يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى يۇقارقى جايلارغا ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرۇپ كەلپىنگە ئېلىپ كېلىپ، كەلپىن دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش بۇيۇمغا بولغان  ئېھتىياجىنى  قاندۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن تۆگە بىلەن  كىرا كەشلىك قىلىپ ياخشى ئىقدىسادى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ھەم‹‹ خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ قوشۇنلىرىغا ، ئاقسۇ – كۇچا، ئاقسۇ – ئۈچتۇرپان ئارىلىقىدا، ئۇزۇق – تۇلۇك توشۇپ بېرىپ ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن››[1] ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ سوۋىت ھاكىميىتى قۇرۇلۇپ  ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹شىنجاڭدا سوۋىت ئىتتىپاقى – شىنجاڭ سودا شىركىتى قۇرۇلغان.1921-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى – شىنجاڭ سودا شىركىتى ئاقسۇدا ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرغان.  1933-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تاشقى سودا ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەدەل چېگرا ئېغىزىنى رەسمى ئېچىۋەتكەن. ››[2]بۇ يولنىڭ رەسمى ئېچىلغانلىقىنى سودا-تىجارەت ، كىراكەشلىك قىلىپ پۈل تېپىشنىڭ ياخشى پۈرسىتى دەپ بىلگەن‹‹كەلپىن ناھىيە گەزلىك يېزىسىدىن توختى تالىپ، مېھمان ئاخۇن، سابىر ئاخۇن، مەھەممەت قۇلى، يۈرچى يېزىسىدىن مەھەممەت ھاجى، ھەمە جىسا، ھاپىز ئاخۇن، مەھەممەت سىدىق ئاخۇن قاتارلىق 20 – 30  نەپەر كىشى بىر قانچە ئون قاتار تۆگە بىلەن كەلپىن – ئۈچتۇرپان، ئۇچتۇرپان – قارا قول ئارىلىقىدا كارۋانچىلىق  ۋە كىرا كەشلىك تىجارىتى قىلغان . ››[3] بۇ چاغدا كەلپىن ۋە ئۇچتۇرپاندىن يەرلىك مەھسۇلاتلار،ئات، كالا، قوي تېرىلىرى يۇڭ، چۇپۇر،تىۋىت ،ئۈچەي، ئۇن،گۈرۈچ، ھەرخىل سەي كۆكتات قاتارلىق ماللارنى بەدەل چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق سوۋىت ئىتىپاقى قىزغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قارا قول شەھرىگە توشىغان. ھەم ئۇيەردىن (قارا قولدىن) قەن،شېكەر، گەزمال، سەرەڭگە، سىز، ئەينەك، ئاق قاڭالتىر، تۆمۈرھەرە، تۆمۈر كارۋات،چىراغ، مىخ، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىق ماللارنى ئۈچتۇرپانغا توشىغان.‹‹ئۇچتۇرپان – قاراقول يولى قارمۇزلۇق، ئەگرى –بۇگرى، ئېگىز- پەس، جاپالىق ھەم خەتەرلىك تاغ يولى بولۇپ، ئۇچتۇرپاندىن قارا قولغا 10-11 كۈنلەردە بېرىپ، يەتتە سەككىز كۈنلەردە(قايتىشتا يول پەسلەپ ماڭغاچقا تېزرەك مېڭىپ بالدۇر كېلەتتى) قايتىپ كەلگەن.ئۇچتۇرپاندىن يولغا چىققاندىن كېيىن ئىسلىق دېگەن جايدا مۇقۇم تۇرالغۇ بولسىمۇ، باشقا جايلاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئادەم بولمىغاچقا،كارۋانلار بېرىپ كېلىش يولىدا قار-مۇزلارنى تازىلاپ قونالغۇ ئورنى تەييارلاپ،چېدىر تىكىپ،يېتىپ-قوپاتتى. ئۇچتۇرپاندىن قارا قولغا بىر كىلو گىرام يۈك كىراسى بىر يۈەن،قارا قولدىن ئۇچتۇرپانغا بىر كىلو گىرام يۈك كىراسى 0.70يۈەن بولغان.››[4] بۇيولدىكى كارۋانچىلىق ، سودا-تىجارەت كىرا كەشلىك ئىشلىرى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كەلپىندىكى كارۋانچىلىق تىجارەتى قىلىدىغانلار خېلى ئوبدان بېيىپ قالغان.ئۇچتۇرپان –قارا قول يولى ئېتىلىپ قەشقەر –ئەركەشتام يولى ئېچىلغاندا كەلپىن كارۋانلىرى كەلپىن – قەشقەر،قەشقەر - ئەركەشتام ئارىلىقىدا كارۋانچىلىق تىجارىتى قىلىشقا باشلىغان. بۇ قېتىمقى كەلپىن – قەشقەر، قەشقەر- ئەركەشتام كارۋانچىلىق تىجارىتىگە، كەلپىننىڭ ھەرقايسى ئايماقلىرىدىن ‹‹ خۇداقۇلى ھاجى، سايىم ھاجى، قۇربان بوجاڭ، ھەمەر جىسا، مېھمان شاڭيو، ئەيسا شاڭيو، ھەققۇلى ئەپەندى،يۇنۇسلاق، توختى تالىپ،سابىر ئاخۇن، مېھمان ئاخۇن، سەمەت قۇلى  قاتارلىق 30-40 كىشى ئۆزلىرىدىن كارۋان بېشى تەيىنلەپ600  -700 تۆگە بىلەن ھەيۋەتلىك كارۋن قوشۇنى بولۇپ ئۇيۇشۇپ 3-4 يىل كارۋانچىلىق تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇتىجارەتتە ئۇلار راسا بېيىپ، ئۇلار بىرتۆگە يەنە بىرنەچچە تۆگە كەلگۈدەك ئىقدىسادقا ئىگە بولغان.››[5] قەشقەر بىلەن ئوش شەھرى (قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى شەھەر)ئوترىسىدىكى تارخى يول قەشقەر –ئەركەشتام كارۋان يولى – قەشقەردىن چەتئەلگە سوزۇلغان تاغ- داۋانلىق تاشقى يوللارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى . كەلپىن كارۋانلىرى قەشقەر – ئەركەشتام يولىدا يەرلىك مەھسۇلاتلار ئات، كالا، قوي تېرىلىرى،  يۇڭ، چۇپۇر،تىۋىت ،ئۈچەي، ئۇن،ۋە باشقا ماللارنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇيەردىن سانائەت ماللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى چىنە قاچا – قۇچا قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ كەلگەن.بۇ يول قەشقەردىن مۇشقىچە 55 چاقىرىم، مۇشتىن مىڭ يولغىچە 40 چاقىرىم، مىڭ يولدىن كانسۇغىچە 60 چاقىرىم، كانسۇدىن قوغشۇن كانغىچە 45 چاقىرىم، قوغشۇنكاندىن ئوقسالۇرغىچە 54 چاقىرىم، ئوقسالۇردىن سارقان چاتقىچە 44 چاقىرىم،سارقان چاتتىن ئۇلۇغچات قورغىنىغىچە 46 چاقىرىم، ئۇلۇغچات قورغىنىدىن جېيىنغىچە 42 چاقىرىم، جېيىندىن ئەركەشتامغىچە 46 چاقىرىم  بولۇپ قەشقەر شەھرىدىن ئەركەشتامغىچە بولغان مۇساپىسى 432 چاقىرىم. مۇلازىمەت ئۆتەڭلىرى يۇقارقىلاردىن ئىبارەت.بۇيولدا يازئايلىرى كەلكۈن كۆپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۈز ۋە ئەتە ياز ئايلىرى ئاساسى قاتناش ۋاقتى قىلىنغان.
     ‹‹1941-1942-يىللىرى سوۋىت قازاقىستان رىسپوپىلكىسى بىلەن شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىرقىسىم كارۋانلارنى تۆگىلىرى بىلەن قازاقىستاندا توختاملىق ئىشچى  ھېسابىدا ئىشلەشكە توختاملاشقاندا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قاشئېرىق كەنتىدىن توختى تالىپ، يۇنۇسلاق، ھەمەر ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر 50 دىن ئارتۇق تۆگە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئوش شەھرىدە سەككىز ئاي توختاملىق ئىشچى بولۇپ كىراكەشلىك قىلغان. ئۇلار بۇ سەككىز ئاي ۋاقىتتا ھەربىر تۆگىنىڭ تاپقان پۇلىغا يەنە بىر تۆگە كەلگۈدەك ئىش ھەققىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەن. ››[6]‹‹1943-يىلى شېڭ شىسەي، كومپارتىيە ۋە سوۋىت ئىتىپاقىغا قارىشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭ -سوۋىت ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىىۋىتىنى ئۈزگەن.بۇۋەجىدىن بەدەل ئېغىزىنى تاقىۋەتكەن. ››[7] شىنجاڭ -سوۋىت ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىىۋىتى ئۈزۈلۈپ بەدەل ۋە ئەركەشتام ئېغىزلىرى تاقالغاندىن كېيىن كەلپىن كارۋان تىجارەتچىلىرى قەشقەردىن ئۈرۈمچى، قەشقەردىن قۇمۇل، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىگە ۋە قەشقەر -كەلپىن ئارىلىقلىرىدا كارۋانچىلىق تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان بۇجەرياندا بەزى كارۋان تىجارەتچىلىرى خېلى زور ئىقدىساتقا ئىگە بولغاندىن سىرىت باشقىلارمۇ ئىقدىسادىنى خېلىلا ياخشىلىۋالغان. ‹‹1944-يىلىنىڭ ئاخرى كەلپىن كارۋانلىرى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۈرۈمچى، گۈچۈڭ، غۇلجا، ئالتاي ۋە چۆچەكلەرگە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئوق – دورىلىرىنى توشۇشقا مەجبۇر بولغان. كارۋانلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىگە چۇشلۇق راسخوت بەرگەندىن باشقا تۆگىلەرنىڭ چىقىمىغا راسخوت بەرمىگەن. بۇلاردىن بىرقىسىملىرى تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ تۆگىلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۆگىلەر ئاچلىق، كېسەل ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئۆلۈپكەتكەن. شۇنىڭ بىلەن كارۋانلارمۇ تارقىلىپ كەتكەن ھەتتا بەزىلىرى كەلپىنگە قايتىپ كېلەلمەي ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋەباشقا جايلاردا يېتىمچى بولۇپ تۇرۇپ قالغان .››[8] دۆلىتىمىز ئازات بولۇپ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن دوسلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن چېگرا ئېغىزلىرى قايتا ئېچىلىپ، كارۋانچىلىق ئىشلىرى قايتا تەرەققى قىلىشقا باشلىغاندا، كەلپىن تۆگە كارۋانچىلىرى يەنە قايتىدىن بۇسودىغا ئاتلىنىپ. قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، كەلپىن- ئۇچتۇرپان. ئۇچتۇرپان قاراقول .كەلپىن –قەشقەر، قەشقەر –تورغات. تورغات-تاشقورغان،تاشقورغان- مىڭ تېكە، تاشقورغان-غونجىراپ، قەشقەر- كانسۇ يوللىرىدا كولدۇرمىلىرىنى جاراڭلىتىپ 1958-يىلىغىچە كارۋانچىلىق تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. مۇشۇ قىسقىغىنە 8يىل ئىچىدە كەلپىندىكى كارۋانچىلىق تىجارىتى  بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار 40-50 كە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى 7-8 يۈزگە يەتكەن.            كارۋانچىلىق سودا ئالاقىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئارقىسىدا،خەلىق ئىگىلىكى جانلىنىپ، بازارلار ئاۋاتلاشقان ھەم خەلىق تۇرمۇشى پاراۋانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. كەلپىن تۆگە كارۋانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى،  كەلپىننىڭ مەدەنيەت،مائارىپ، ئىقدىساد ۋە باشقا ساھەلىرىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. كارۋانلار  بۇياقتىن يۇڭ،تېرە،ئۈچەي،تىۋىت،چۇپۇر ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قارا قول ۋە ئوش شەھەرلىرىدىن سانائەت ماللىرى بىلەن بىللە پاتېفۇن ۋە ھەرخىل كىتاپلارنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەن بۇئارقىلىق كىشىلەر سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان. بولۇپمۇ كەلپىن ناھىيەسىدە 1934-يىلى قۇرۇلغان تۇنجى پەننى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش قوراللىرى،قەغەز،قەلەم، سىياھ قاتارلىقلار كارۋانلار ئارقىلىق سوۋىت ئىتىپاقىدىن كەلتۇرلۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا بىرقەدەر ياخشى بولغان شارائىت تۇغۇلغان. دېھقانلار تۇرمۇشىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئەينەك دېرىزىلىك،  قوش قانات ئىشىكلىك ، ۋاساجۈپ، سۈرۋاسىلىق يېڭى پاسۇندىكى ئۆيلەرگە تەرەققى قىلغان.ئۆيلەرگە مەش قويۇپ ئىسسىنىش،كاڭ،سۇپىدا يېتىشتىن كارۋاتتا يېتىشقا، ياغاچ قاچا -قۇچا ئورنىغا چىنە چەينەك ئىشلىتىدىغان، قولدا تىكىلگەن كىيىم كېچەك ئورنىغا ماشىنا بىلەن سىپاتا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىش، خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئۆتۈك، بەتىنكە، توپلەي، مەسە-كالاچ قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى كىيىدىغان، چىبەرقۇرىت، دۇراپ، سوكنو، سارجا قاتارلىق يۇڭ رەخىتلەرنى،غىژىم رومال،گىرىپشىن، ئەنگىلىشىن  قاتارلىق يىپەك گەزلىمىلەردىن كىيىملەرنى كىيىش ئۇمۇملىشىپ كىشىلەرگە ئېستىتىك زوق بېغىشلايدىغان يېڭىچە تۇرمۇش بارلىققا كەلگەن.قىسقىسى ئەينى چاغدىكى كەلپىن تۆگەكارۋان تىچارەتچىلىرى كەلپىننىڭ ئىقدىساد، مەدەنيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ئىجابى تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.


ئىزاھلار :
[1]،[3]،[4]،[5]،[6]،[8]: سامساق ئىبراھىم ‹‹ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆگە كارۋانچىلىقى توغرىسدا ››  شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 36- سان : شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى1993-يىلى12-ئاي1-نەشىرى. 176 – 177 - ، 178 - ،   179-،  180  - بەتلەر.
  [2] ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر:‹‹مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم›› قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلى1997-يىللىق 1-سان.
        [7] خوجانىياز:‹‹ يېپەك يولىدىكى مەشھۇر ئۆتكەل – بەدەلئارىت ›› ،‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› ژۇرنىلى  ئۇيغۇرچە 2007-يىللىق 1-سان.
پايدىلانغان ماتىرياللار :
1.نىياز كېرىمى : ‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ›› شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 2000 – يىلى 11 –ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
2.نىزامىدىن ھۇسىيىن : ‹‹ تارىختىكى يول – مۇساپىلىرىمىز ›› شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 35-سان : شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى1993-يىلى12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى
3.ئەخمەت مۆمىن تارىمى : ‹. ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ۋە تاشقى سودىسى ›› ، ‹‹ شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ›› ژۇرنىلى 2014-يىلى 3-سانى
4.‹‹ كەلپىن ناھىيەسى تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1994-يىلى 6- ئاي  ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.


خىزمەتدېشىم: جېلىل ئەپەندىمنىڭ يازمىسى پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 21:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-28 23:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللاردىمۇ گۈلە ۋە يىگ ساتىدىغان ئېشەكلىكلەر ۋە ئاشلىق يۆتكەيدىغان تۆگىلىكلەر پات-پات كېلىپ تۇراتتى.تەدرىجى يوقىلىپ كەتتى....  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش