كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 2

يارى: كارۋان (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-27 15:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارۋان

ئۆتكەن بىر يىل ۋە كىلىۋاتقان يېڭى يىلغا بېغىشلايمەن
(نەسر)

رۇزى كېرەم يارى


ئاستا بېسىپ كىلىۋاتقان ئۇيقۇ پەرىشتىسىنىڭ نازى ئەس – ھۇشۇمنى ئىگىللەپ ، كېچىدىكى چەكسىز پىنھانلىققا ئاستا تارتقىنىدا ، مېڭەمدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر خىيال كۆزلىرىمگە كىرىك سالدى .
بۈگۈن دەل كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋالىدىغان كېچە ! بەلكىم يۇپيۇرۇق چىراغ يۇرۇقى ئاستىدا ئولتۇرۇپ ، مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھېس – تۇيغۇلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش گويا مۇشۇ كونا يىلدەك ، گويا ياشلىقتەك ، گويا ئىنسان ھاياتىدەك ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا نېسىپ بولىدىغان ئاجايىپ بىر پەيت . بۈگۈن بۇ بەتلەرگە مەيلى نېمىلەرنى يازماي ، تاڭنا كۈنلەردە بۇلار مېنىڭ ئەشۇ تىنىچ ، دەب – دەبىسىز ئۆتكەن ئاددىي ھاياتىمنىڭ ئەڭ يالقۇنلۇق خاتىرىسى بۇلۇپ قالىدۇ .
چەكسىز مۇھتاجلىق قاپلىغان تېنىمنى گۈللۈك ئەدىيال بىلەن ئوراپ ، قەلىمىمنى قاماللىغىنىمچە ، ئالدىمغا سېلىق دەستىخاندىكى پەتنۇسقا ، پەتنۇس ئىچىدىكى نان ، پىيالىغا ؛ پىيالە ئىچىدىكى لازا قىيامى ۋە قۇشۇققا ... قارىغىنىمچە ناندىن بىر بۇردا – بىر بۇردىدىن ئۇشتۇپ ئاغزىمغا سېلىپ ، ئالدىرىماي چاينىغاچ بۇ قۇرلارنى پۈتىۋاتىمەن !
ئادەم ھاياتى ماددا بىلەن روھنىڭ كۆرىكى . مەن ياشىغان بۇ جەمئىيەتتە ماددا ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ، روھنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى . جەمئىيەتتە بۇ خىل ھادىسە (بۇنى پەقەت ھادىسە دەپ ئاتاش مۇۋاپىق) ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلاندى . بىراق تارىخ چاقلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن ئايانكى ئادەم ھاياتى ياكى بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ماددىي بايلىق چۇقۇمكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل . لېكىن ، بىر مىللەت ، بىر خەلق ، بىر دۆلەت ياكى بىر دەۋىر ئۈچۈن ماددىي بايلىق ھەرگىز روھىي بايلىقلارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ .
قەدىمى يىپەك يۇلى تۆگە يېتىلىگەن ئەجداتلىرىمنىڭ چارچىماس قەدەم ئىزلىرىدىن ؛ چەكسىز قىزغىنلىق ، تىرىشچانلىق ئۇرغۇپ تۇرغان قەيسەر ، قورقماس روھىدىن تەدرىجى شەكىللىنىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ، تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزۈلمەس ئېقىن بىلەن تەمىنلەپ ، جاھان سەھنىسىدە ئۆز شۆھرىتىنى نامايەن قىلغىنىدا ئۇلارنىڭ ساقال – بۇرۇت باسقان يۈزلىرىدىن ئۆز غورورىنى نامايەن قىلغان سىماسى تارىخ بەتلىرىدە قېتىپ قالدى ... بىراق ، بۇ بەتلەردىن شۇ ۋاقىتتا بۇ يوللاردا تۇشۇلغان قىممەت باھالىق ماللار ، جاۋاھىرات ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە باشقا مال - دۇنيالارنىڭ قايسىسىنى تېپىش مۇمكىن ؟!
ئاڭلا ! يىراقتىن بىر كارۋان يول تارتىپ ئۇدۇل بۇياققا قاراپ كىلىۋاتىدۇ . تۆگىنىڭ بوينىدىكى تۇش قوڭغىراق بىر خىل رېتىمدا جاراڭلاپ ، چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلاردىن بېسىپ ئۆتۈپ قۇلاقلىرىمىزغا ئۇرۇلماقتا ...سەن ئۇنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭمۇ ؟ بۇ قايسى كارۋان بىلدىڭمۇ ؟ قايسى جايدىن ئۆتەر ، ھالى نېچۈك بىلگىڭ بارمۇ ؟
ئۇلار چۈشكۈن قىلمايدۇ . ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدىغان كارۋان ...  ...مەن ئۇلارنىڭ ئۈتۈپ كېتىشىنى ئازۇ قىلىپ قالدىم . چۈنكى بۇ شەھەردىكى مەي – مەيزاپلار ئۇلارنىڭ ئىمان – ئېتىقادىنى بۇلغىمىسۇن ؛ زەھەرلىك چېكىملىك ، بۇلغانغان ھاۋا ئۇلارنىڭ تېنىنى زەئىپلەشتۈرمىسۇن ؛بۇ شەھەرنىڭ ھاياسىز سەتەڭلىرى ئۇلارنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى تالان – تاراج قىلمىسۇن ؛ بۇ شەھەردىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ھەم روھىي نامراتلىق ، ئېتىقادسىز ، ئۈلۈمتۈك روھ ئۇلارنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرمىسۇن ...  ...
شۇنداق ، بۈگۈن كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋالىدىغان كۈن ! بەلىكم ، بۈگۈن روھىي ئىزتىراپ ھەم خوشاللىق ئادەمنىڭ ئىككى كۈزىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان كۈن . ئۇلار دەل ئوتتۇرىدىكى مەڭگۈ ئۆتەلمەيدىغان قاڭشاردىن بىر – بىرىگە قارىشىدۇ . سەن قايسى تەرەپتە تۇرىسەن ؟ بەلكىم ، ئۆتكەن يىل ئۈچۈن ئۆكۈنۈشۈڭ مۇمكىن . شۇنداق ، ئۆتكەن كۈنلەر نېمىشقا كۆڭلۈكگە چوڭقۇر تىغلارنى سېلىپ قىينىمىسۇن ؟ سېنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئۆزەڭگە تىغ ئۇرۇپ ، ئۆز جاراھەتلىرىڭنى ئۆزۈڭ ئەملىگىدەك جاسارەت بولمىسا ....
سەن يېڭى يىل ئۈچۈن خوشال بۇلۇشۇڭ كېرەك . سەن بىر ياش چوڭايدىڭ . سېنىڭ يەنە قىلىشنى ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭ بار . ئارزۇلىرىڭ بار . يېڭى يىلدا سېنى نۇرغۇنلىغان نەتىجە – خوشاللىقلار كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . گويا سەن چىن قەلبىڭدىن سۆيگەن يارىڭدەك ئۇلارمۇ سېنى باغرىغا چاقىرىشىدۇ . قېنى بارغىن ! بىراق ، بىر ياش چوڭىيىشىڭ بۇ ساڭا يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ توغرا ، بۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭنىڭ بىر يىل قىسقارغىنىغا ، يەنى ، سەندىكى ياشاش پۇرسىتىنىڭ بىر قىسمى – نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ تامامەن قولدىن كەتكىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !
«بىر دۆلەتنىڭ يەر – زېمىنى قولدىن كەتسە ، ئۇنى قايتۇرىۋېلىش تامامەن مۇمكىن» . بىراق ، بىر ئادەمنىڭ ۋاقتى قولدىن كەتسە ، ئۇنى نەچچە جان بېرىپمۇ قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ . سېنى روھى ۋەسۋەسىلەرگە سېلىپ قىينىغۇم يوق . بىراق ، سەن چۇقۇم قىيىن – قىستاققا چۈشۈشۈڭ كېرەك . سەن چۇقۇم ئازاپلىنىشنى ئۆگىنىشىڭ ، ئازاپنى تېتىشىڭ ، ئاخىرىدا ئازاپنى يېڭىشىڭ كېرەك ! سەن بۇ باسقۇچنى تاماملىماي تۇرۇپ كونا ياكى يېڭىدىن بىرىنى تاللىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
مېنىڭ كارۋانلارغا قېتىلغۇم بار . مەنمۇ ئەجدادىمدەك يېڭى يىپەك يۇلىدا ئەشۇ كارۋاننىڭ تۆگىسىنى يېتىلىسەم دەيمەن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 23:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-29 13:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز !


سەن يېڭى يىل ئۈچۈن خوشال بۇلۇشۇڭ كېرەك . سەن بىر ياش چوڭايدىڭ . سېنىڭ يەنە قىلىشنى ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭ بار . ئارزۇلىرىڭ بار . يېڭى يىلدا سېنى نۇرغۇنلىغان نەتىجە – خوشاللىقلار كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . گويا سەن چىن قەلبىڭدىن سۆيگەن يارىڭدەك ئۇلارمۇ سېنى باغرىغا چاقىرىشىدۇ . قېنى بارغىن ! بىراق ، بىر ياش چوڭىيىشىڭ بۇ ساڭا يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ توغرا ، بۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭنىڭ بىر يىل قىسقارغىنىغا ، يەنى ، سەندىكى ياشاش پۇرسىتىنىڭ بىر قىسمى – نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ تامامەن قولدىن كەتكىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !



بۇ قۇرلىرڭىز مېنى يەنە بىر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى ، رەھمەت !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 16:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە !
مېنىڭچە ، ھەر بىرىمىز ئۆتكەن شۇ كۈنلەر ئۈستىدە بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۈرۈر دەپ قارايمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش