مائارىپىمىزنىڭ ئۇنتۇلغان تۆتىنچى بۇرجىكى
(قىسقا ئوبزۇر)
ھېبىبۇللا ئابلا مۇھاكىمە
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك نۆۋەتتىكى مائارىپ ئائىلە مائارىپى ، جەمئىيەت مائارىپى ۋە مەكتەپ مائارىپىدىن ئىبارەت ئۇچ بۇرجەكتىن تەشكىل تېپىپ ، ئىز باسارلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ ، ئىمتىھان مائارىپى ، ساپا مائارىپى ......قاتارلىق نۇرغۇن مائارىپ شەكلىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يول ئاچارلارنى يېتەرلىك يېتىشتۈرەلمەسلىكى ، ئەكسىچە مائارىپ تەربىيىسىنى ئانچە كۆرمىگەن مويەن ئەپەندىنىڭ جۇڭگو مائارىپىغا يول كۆرسىتىپ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بۇلۇشى بىلەن خەنزۇچە تور بېكەتلىرىدە ۋە ئويغۇرچە تور بېكەتلىرىدە نۇرغۇن بەس- مۇنازىرىلەر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۇرۇلۇپ ، ھازىرغىچە بېسىقمىدى ، بەلكىم ، مائارىپ ھەققىدە تالاش- تارتىشلار يىراق كەلگۈسىدىمۇ توختىماس .
ئەگەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىدىن 3+2=؟ دىن ئىبارەت بىر سۇئال سورالسا ،ئىنتايىن ئازساندىكى سېستىما ئىلىمى ياكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى خەۋەردارلىرىدىن باشقا مۇتلەق كوپ ساندىكى بارلىق كىشىلەر 5 دېگەن جاۋاپنى ئاپتۇماتىك ھالدا بىرىدۇ ، 5تىن چوڭ ياكى ياكى كىچىك دېگۈچىلەر ھەتتا ئاشۇ مۇتلەق كوپ ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن <<ساراڭ>> لىق بىلەن سۈپەتلىنىدۇ ، مانا بۇ پىروگىراممىلاشقان مائارىپنىڭ فورمۈلىلاشقان نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
مائارىپىمىزنىڭ مەقسىدى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۈلكىلىك ۋە ئەجەپلىنەرلىگى شۇكى <<....ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۇرۈش >> تىن ئىبارەت بولسا كېرەك ، مېنىڭچە مائارىپ يالغۇز تۈركۇملەپ ئىز باسارلارنىلا ئەمەس ،يەنە سان-ساناقسىز يول ئاچارلارنىمۇ يىتىشتۈرەلىشى كېرەك.
خوش ، مائارىپنىڭ ئۇچ بۇرجىكى يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغاندەك ئائىلە ، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت بولسا ، تىمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئۇنتۇلغان تۆتىنچى بۇرجەك قايسى؟
ئەگەر ، مائارىپ –تەربىيىلەش ھەركىتى بولسا ، ئۇ ھالدا ئۇنتۇلغان توتىنچى بۇرجەك شەخسىنىڭ ئۇز-ئۇزىنى تەربىيلىشىدۈر.
جۇبىسنىڭ <<ئالمىسى>> ، ئېينىشتېيىننىڭ <<تېنزورى>> ، مايۇننىڭ <<ئالى بابا>> ، كىرنىڭ<< ئۆڭكۈرى>> ، خاۋكىڭنىڭ <<پارلېنىشى>> ، مۇزاتنىڭ <<كۇيى>> ، ئاماننىسانىڭ <<مۇقامى>> ، سۇرۇسنىڭ <<كۇۋانتى >> ، مۇيەننىڭ <<قىزىل قونىقى >>.......تېگى –تەكتىدىن ئالغاندا ئۇز-ئۇزىنى تەربىيلېشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
شەخسنىڭ ئوز-ئۇزىنى تەربىيىلىشى بولمىسا ، يول ئاچارلارنىڭ تۈركۇم-تۈركۇم يېتىشىپ چىقمىقى بەسى-مۈشكۈلدۇر.
مائارىپتىكى ئۇچ بۇرجەكنىڭ ماھىيەتلىك مەقسىدى- شەخسىنىڭ ئۇز-ئۇزىنى تەربىيلەشكە يىتەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئايلانغاندا ، بىزنىڭ مائارىپىمىز جۇملىدىن جۇڭگو مائارىپى نوقۇل ھالدىكى ئىز باسارلارنىلا ئەمەس يول ئاچارلارنىمۇ كوپلەپ تەربىيلىيەلەيدۇ !.
مەزكۇر يازمىنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ خالىغان تور بەتكە يۆتكەپ ، قانۇنلۇق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.