باققا كىرسەم
ياسىنجان توخنىياز توغراق
باققا كىرسەم بار ئىكەن،
ھەرخىل گۈل، قوش، ھاشارەت.
مۇجىسسەمكەن ئۇلاردا،
ئۆزىگە خاس ماھارەت.
گۈلدىن-گۈلگە قوناركەن،
شىرنە يىغىپ ھەرىلەر.
كېپىنەككە قارىسا،
كۆرىنەركەن پەرىلەر.
خانىقىزنى بەزىلەر،
گۈللۈك خېنىم دەيدىكەن.
گۈل-چېچەكنىڭ غولىدا،
كۆكپىتلارنى يەيدىكەن.
يىڭناغۇچلار پاشىنى،
تۇيدۇرماستىن يەيدىكەن.
يىڭناغۇچنى بالىلار،
ئايرۇپىلان دەيدىكەن.
خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇللار،
نەغمە ناۋا چالاركەن.
مەيىن شامال گۈللەرنى،
شوخ ئۇسۇلغا سالاركەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-26 12:17
|