كاتتا خۇشخەۋەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يازغۇچىلار تورىدىكى قەلەمكەش دوستلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەدەبىياتتىن ئىبارەت گۈزەللىك بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ، چاڭقىغان قەلبلەرگە زەم-زەم كەبى قۇيىلىۋاتقان ئوتيۈرەك ئەدىبلەر، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىتابخۇمار قوۋمنىڭ ئۈمىدلىك ئىزباسارلىرى . كەمىنە تاھىرخالىقتىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام ۋە ئوتلۇق سالام !
شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى (شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:30 دا ۋە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:30 دا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولى، رۈيدا بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىگە جايلاشقان بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىدا، ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قابىل تەشكىللىگۈچىسى، تالانتلىق تەرجىمان ، پىشقان ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى، ئۇستاز ئازات سۇلتان مۇئەللىم بىلەن «مەھمۇد كاشغەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى»قاتارلىق نادىر رومانلارنىڭ مۇئەللىپى، تىلشۇناس، داڭلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئەدىبلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلەر» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى .
سۆھبەتنىڭ كونكېرىت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا، ئازات سۇلتان مۇئەللىم «مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىم»دېگەن تېمىدا ئوقۇرمەنلەرگە ۋە سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلەيدۇ.
2. 12-ئاينىڭ 28-كۈنى(يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا، يازغۇچى پەرھات جىلان «مەھمۇد كاشغەرىي» رومانىنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
3. پائالىيەت ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىغا جايلاشقان رۈيدا سودا بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىدىكى بىلكۈچ كۇتۇپخانىسدا.
4. سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلار بىلكۇچ كۇتۇپخانىسىغا ئالدىن تېلېفون ئۇرۇپ ئورۇن زاكاس قىلىدۇ ھەمدە100يۈەن ئىشتىراك ھەققى ( بۇ پۇل بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغا كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ) تاپشۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا باھادا % 50 ئېتىبار قىلىنىدۇ .
5. ھەر ئىككىلا سۆھبەتكە ئىلىگىرىكى « بىر كىتاب-بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۈرەش بارات مۇئەللىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ .
6. ئورۇن زاكاس قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 2556408 - 0991
يازغۇچىلار تورىدىكى بارلىق قەلەمكەشلەر دوستلارنىڭ ۋە ئەدەبىيات ئىشقىدا پەرۋانە بولىۋاتقان ، كىتابتىن ئىبارەت بۇ « تۆت تېمى يوق ئۇنىۋېرسىتېت»تىن بىلىم ئېلىپ ، مىللىتىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن ئات سالغان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ، سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ بىر ئىلىمدارلار سورۇنى، ھەرگىزمۇ xx ناخشىچى ياكى xx چولپاننىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئەمەس . ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ھەم قەدرىگە يەتمىگەن مىللەت خار ۋە زەبۇنلۇقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ياخشى ئەسەرلەرنى يازالمىسىڭىزمۇ ، ياخشى يېزىۋاتقانلار بىلەن سىردىشىش ھەم ئۇلار بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇشمۇ مىللەت ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتۇر .
بىر قېتىملىق توي-تۆكۈن، بىر قېتىملىق قاتار چاينىڭ مېھرىدىن كېچىپ، مەنىۋىيىتڭىزنى بېيىتاي دېسىڭىز، بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغا مەرھەمەت قىلىڭ . چۈنكى، سىز ئىزدىگەن ھەم تاپالمايۋاتقان خۇش پۇراق گۈللەر بۇ يەردە !
6 t: j9 A& h; l9 y
تاھىر خالىق خەۋىرى
; l8 Y' Q+ T* ?; {, j2 x
3 ^! U( T: G- k$ e0 ?3 q
3 n6 E8 j* O$ i
1 G7 H, O: d9 P2 ? I* @
4 u4 p0 g0 j* J1 ~8 [/ v6 a
" L' a0 D# x' X# C7 t8 M9 r. A. g$ N) W& E! j
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-26 11:51
& d/ C; P: {0 ^5 z4 }! I; D U+ x: L# L, ~; [0 S* R0 ^