يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

3-قېتىملىق«تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز» مەخسۇس تېمىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-28 23:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   3-قېتىملىق تەكلىپلىك يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بارلىق قەلەم ساھىبلىرىغا، ئاكا، ھەدىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!  قارىسام بىر قىسم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوتۇقلىرى تولۇق تىلغا ئېلىنماي قاپتۇ، ئۇلارنىڭ نەشىردىن چىقارغان كىتابلىرىنىڭ نامى تولۇق بولماپتۇ، مەسلەن: بۇ قېتىم 3-قېتىملىق تەكلىپلىك يازغۇچىلىققا تاللانغان مۇھەممەتسېلىم مۇھەممەتقاسىم ئاكىمىزنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا نەشىردىن چىققان «يېشىل تۇمان» ناملىق رومانى بار ئىدى، ئاۋۇ يەردە تونۇشتۇرۇلغا تەرجىمىھالىغا قارىسام بۇ روماننىڭ نامى يوقكەن، بىلىشىمچە مۇھەممەتسېلىم مۇھەممەتقاسىم ئاكىمىز بۇ رومانىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقتىنى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. بەلكىم يەنە باشقا ئاپتۇرلارنىڭمۇ تەرجىمھالىدا بىر قىسم يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، تولۇقلاپ قويۇش مۇمكىن بولسا تولۇقلاپ قويغان بولساڭلار ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 23:07  


باھا سۆز

شۇڭا كەمتۈكلۈكلەر بار.  ۋاقتى: 2014-12-29 02:14 PM
تەرجىمھال توردىكى، بۇرۇنقى ماتىرياللار ئاساسىدا تەييارلانغان.  ۋاقتى: 2014-12-29 02:13 PM
ۋاقتى: 2014-12-28 23:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 23:02
3-قېتىملىق تەكلىپلىك يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغ ...

توغرا مەنمۇ شەيدائىينىڭ پىكرىنى قوللايمەن تەرجىمىھالى، نەتىجىللىرى تۇلۇقلانسا دىگەن ئۈمىدتىمەن كەم قالغان تەرەپلەر خېلى باردەك قىلىدۇ مەن بىلىدىغانلىرىدىن مەخمۇت يولۋاس، ئابدىكىرىم قادىرلار 2013.يىللىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن قەلەم ساھىبلىرى ، پەرھات كازىمى بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بۇ نەتىجىلەر ئۇيغۇر ئەدىپلىرى  ئۈچۈن كىچىك نەتىجە بولمىسا كىرەك شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق نەتىجىلەر تۇلۇقلاپ قۇيۇلسا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كىتاب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 23:43  


ۋاقتى: 2014-12-28 23:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ قېتىمكى تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تاللاش  ھەقىقەتەن ئادىل بولۇپتۇ. مەن يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق ئادىل ۋە  تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھالدا بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا  قايىل بولدۇم.
     ئۆتكەندە  ئۈرۈمچىدە  21-ئەسىر دېگەن يوغان قالپاق بىلەن باشلانغان بىر نام بىرىش پائالىيتىنىڭ نەتىجىسىنى توردا كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم (21-ئەسىرنىڭ 14-يىلى ئەمدىلا كىرگەن ۋە ئەسىر ئاخىرى بولماي تۇرۇپ ئالدىراپ تامغۇ بېسىۋىتىلگەن بۇ نام تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان ئىدى).   ئەگەر  بۇ نامنى بىرىشكە توغرا كەلسە  شەخسەن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىچە بولغاندا  ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە ئۇستاز شائىر ئادىل تۇنىياز ھاجىنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايتتى.  سورۇنلاردىن خالى،  مەشھۇرلۇق خاھىشىدىن خالى ، پاكىز ياشاپ ، چىركىنلىك ئەۋج ئالغان ئۇشبۇ ئەسىر بېشىدا شېئىر بىلەن سىردىشىپ بىر ئەۋلات ياشلار ۋە شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا  بايراقدار بولۇپ بەرگەن دوستىمىزنىڭ نەتىجىلىرى شۇ يىغىندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن ئىدى.  بۇ قېتىم بۇ سەھۋەنلىكلەر  ئۈچۈن ئۆزرىلىك ھىساۋىدا بولسىمۇ تەكلىپ قىلىنىپتۇ.  
     يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
  ئۇنىڭدىن باشقا مىھرىگۈل ئابلىز نەزەر خانىم، تۇرسۇن مەخمۇت قاتارلىق ئەدىب ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيتىگە مۇل نەتىجە تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 23:59  


باھا سۆز

دادىل قىپسىز،  ۋاقتى: 2014-12-28 11:46 PM
ۋاقتى: 2014-12-29 10:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن . تەكلىپ قىلنغانلارغا مۇبارەك  بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-29 10:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         تەكلىپ قىلىنغانلارغا مۇبارەك بولسۇن! سىلەرنىڭ زىممەڭلەرگە شەرەپلىك، ئەمما ئېغىر ۋەزىپە يۈكلىنىپتۇ. بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئالغا!...   

ۋاقتى: 2014-12-29 21:57:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچىلارغا مۇبارەك بولسۇن، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن


ۋاقتى: 2014-12-29 22:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-قېتىملىق ئالاھىدە تەكلىپلىك ئەدىبلىرىمىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن.ئىجادىيىتىڭلارغا بەرىكەت،تېنىگە ساقلىق،تۇرمۇشۇڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-29 22:58:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچىلىرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-12-30 16:11:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئادىل ئابدىرھىم چۇڭقۇرچاق قاتارلىق دوستلارنىڭ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشىغا تېلەكداشمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 16:15  


ۋاقتى: 2015-1-1 01:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان ئەدىپلەرگە مۇبارەك بولسۇن!
تولۇقسىز  مەلۇماتتا تىلغا ئېلىنغان نەچچە مىڭ قەلەمكەش ئىچىدىن نەچچە ئونىنى تاللاپ بېكىتمەك بىز ئويلىغاندەك ئوڭاي بولماسلىقى مۇمكىن، ئادىل قىلىپ كەتكىلى بولماسلىقى تېخىمۇ مۇمكىن. ئاۋام رايى دېگەن «يىپ ئۇچى»نى تاپقىلى بولمايدىغان چىگىش ئىش.
يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن بويان قول سېلىپ ئىشلەۋاتقان خىزمىتىنى نىسبەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ،دەپ قارىدىم.

ۋاقتى: 2015-1-2 13:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەكلىپلىك يازغۇچى» لىق نامزاتىغا كىرگەن قەلەمكەشلەرگە مۇبارەك بولسۇن! سىلەرگە يېڭى نەتىجىلەر يار  بولسۇن. نامزاتلار تىزىمىگە ياشلارلا كىرگۈزۈلگەندەك قىلامدۇ قانداق؟ 50 - يىللار ۋە 60 - يىللاردا تۇغۇلغانلار نېمىشقا نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندۇ. ئىلگىرىكى تەكلىپلىك يازغۇچىلار ئەمدى تەكلىپ قىلىنمامدۇ؟
مېنىڭچە بولغاندا پېشقەدەملەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق قەلەمكەشلەرمۇ نەزەرگە ئېلىنغان بولسا (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى كەسپىي يازغۇچىلىق تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرغان بولغاندىكىن. ياسىنجان سادىقنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىق تونىنى كەيگىلى ئۇرۇمچىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-4 10:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە 2-نۆۋەت تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزىنىڭ ئىسىملىكى




    2013-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى» دا بۇلتۇر تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا يېڭىدىن بىر قىسىم يازغۇچىلارنى كۆپەيتىپ تولۇقلاش قارارى ئېلان قىلىندى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ تولۇق ئىسىملىكى بىلەن يېڭىدىن بېكىتىلگەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بۇ تېمىدا قايتىدىن ئېلان قىلىمىز.  
    بۇندىن كېيىن تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇقتۇرۇشلىرىمىز بۇ تېمىدا ئۇددۇللۇق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  بۇ تېمىغا ھەر ۋاقىت نەزەر ئاغدۇرۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىرىنچى: ئۇيغۇر يازغۇچىلار (20 نەپەر)

1.ئەنۋەر ھوشۇر
2.رىزۋانگۈل يۈسۈپ
3.ئابلىكىم ھەسەن
4.زۇلپىيە كۆلتىگېن
5.مۇھەممەتسالى مەتروزى
6.رىسالەت مەردان
7.ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە
8.چىمەنگۈل ئاۋۇت
9.ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
10.ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
11.ئەنىۋەر ناسىرى
12.نۇرگۈل ئەبەي
13.مەتتۇرسۇن ئېلى
14.تۇرسۇنجان مۇھەممەت
15.ئابباس مۇنىياز
16.ۋاھىتجان ئوسمان
17.ياسىن زىلال
18.تۇرسۇن مەھمۇت
19.غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
20.ئالتۇنگۈل رەجەپ

ئىككىنچى: قازاق يازغۇچىلار (10 نەپەر)

1.مادانىيات مۇقاتاي
2.ئېرلان نۇردىقان
3.تۇرسۇنبېك بايجۈما
4.باھارگۈل غوپۇر (باھار بېردىبېك)
5.جېڭىس رېيىسقان
6.ئېرىسباي توقتار
7.خۇماربېك جۇانخان
8.خاربېك نۇرغالى
9.بەيبىت كېرەكباي
10.بىلىسبەك ئابدۇلئەزىز

ئۈچۈنچى: قىرغىز يازغۇچىلار (3 نەپەر)

1.گۈلزىيا قىدىربېك
2.ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى
3.مەھەممەتتۇرسۇن توختاسۇن

تۆتىنچى: موڭغۇل يازغۇچىلار (3 نەپەر)

1.كىمجىلا
2.يېئېردا
3.ئا. بادۇمۇ


بەشىنچى: تاجىك يازغۇچى (1 نەپەر)

1.باتۇرخان ئاتاخان


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2013-يىل2-ئاينىڭ 28-كۈنى


ۋاقتى: 2015-1-11 00:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو توغرىلىق ئۇقۇشماسلق پىكىرلەرمو بولدى. بەزىلەر مەندىن  2013- يىل تەكلىپ قىلىنغانلار قەپ قېلىپ قايتىدىن تولوقلاپتىمو  دەپ سورىۋىدى ،ياق بو يىل يەنە كۇپەيتىپتو  دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم ، پەروزان ئەپەندىم بو جاۋابىمنىڭ توغرلىقىنى ئىسپاتلاپتو .

ۋاقتى: 2015-1-12 11:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 00:52
بو توغرىلىق ئۇقۇشماسلق پىكىرلەرمو بولدى. بەزىلەر مەند ...

ئامىنە خانىم، ئىككىنجى قېتىملىق تەكلىپلىك ئاپتورلار قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى يىل بىر مۇددەت قىلىپ بېكىتىلگەن توختام مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بەلگىلىمە بويىچە چېكىندۈرۈلۈپ، ئۈچۈنجى قېتىملىقى يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئاپتورلاردىن تەشكىللەندى. سىز يەنە خاتا ھېس قىلىۋاپسىز.

باھا سۆز

ۋاي خودا!!!باشقىلارغىمو يالغان جاۋاپ بېرىپتىمەن ئەمەسمو؟!  ۋاقتى: 2015-1-12 02:54 PM
ۋاقتى: 2015-1-12 17:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-قېتىملىق كەسپى يازغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان بارلىق قەلەم ساھىبىلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش