كۆرۈش: 4125|ئىنكاس: 66

3-قېتىملىق«تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز» مەخسۇس تېمىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 5207
تۆھپە : 23
توردا: 2158
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 14:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە3-قېتىم تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزىنىڭ ئىسىملىكى



     ئىلاۋە:2014-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 3-قېتىم (2015-2016-يىللىق) تەكلىپلىك يازغۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىندىغان تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ نامزاتىنى بېكىتىپ چىقتى.
     تۆۋەندە بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر، تەجىك يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىمىز.



     1.مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، 1970-يىلى4-ئاينىڭ 8-كۈنى  كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1989-يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز يېزىسىغا ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .1997-يىلى كەسپ ئالماشتۇرۇپ ، ناھىيەلىك سىياسى كېڭەش ئىشخانىسى، تارىخى ماتارىياللار كومىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن .ھازىر كېرىيە ناھىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
   مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1988-يىلى باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقاتسى مەتبۇباتلاردا 60 پارچىدىن  ئارتۇق ھىكايە، نەسىرلىرى ،14 پاچە ئەدەبىي ئاخپاراتى، بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى،«خالتا كۇچا»، «زىمىن گۇۋاھ»،«دەريا بويىدىكى سۆيگۈ »،»بەختلىك بول،لالە»، «ئەركەكلىك قىسمىتى»،«مۇزداۋاندىكى ئاتەش»قاتارلىق پوۋىستلىرى، ‹‹ بۇ شۇنداق جاھان››، ‹‹ ئوتلۇق نەپەسلەر ››، ‹‹ قىزارغان ئۇپۇق››، ‹‹ تەشنا لەۋلەر ››،‹‹ كىچىكىپ كەلگەن باھار ››،‹‹ سۆيگۈ قىسمىتى››، ‹‹ شىرىن دورغا ››قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.‹‹يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.

     2.مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، 1972- يىلى 6- ئاينىڭ 25-كۈنى چىرا ناھىيە دامىكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھازىر چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەۋاتىدۇ.
   مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ ھازىرغىچە «ئازغان ئايال»، «قىزارغان ئۇپۇق»، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» قاتارلىق 7 پوۋېستى، «يېرىم كېچىدە كەلگەن تېلېفون»،  «كۆنگەن خۇي»، «يۇقىتىش»، «قاشتېشى سوۋغا قىلىش»، «ياز چۈشى»، «ئاشناجان»، «ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»،  «قەشقەر»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»،  «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «كىروران» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 1997- يىلى «ئىككى ئىت» ناملىق ھېكايىسى «ئىشچىلار ھەركىتى» ژورنىلى تەرىپىدىن نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2006- يىلى 12-ئايدا «كۈنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2007- 2008- 2010- يىللىرى «ئەۋلىيا خۇراز»، «قەدىرسىز كېچىلەر»، «كونا بازار» قاتارلىق ئەسەرلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەرىپىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. چىرا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىئيىتىنىڭ باش كاتىۋى.

    3.مۇھەممەدسېلىم  مۇھەممەدقاسىم، 1964 يىلى 3 - ئاينىڭ 24-كۈنى خوتەن  ۋىلايىتىنىڭ  كېرىيە ناھىيە جاي  يېزىسىدا دۇنياغا  كەلگەن. ھازىر  خۇتەن «يېڭى  قاشتېشى»  ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ  كىلىۋاتىدۇ.
        مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىمنىڭ  ئىجادى  پائالىيىتى 1978 - يىلى، ئۇ  تۇلۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان مەزگىللەردە باشلانغان. ئۇنىڭ  ھازىرغىچە «باھار يەنە  كېلىدۇ»، «  مەڭگۈلىك ناخشا»،  « ئاھ يۈرۈكۈم»،« كونا گىلەم»، «قىساس»، «دوقمۇش»،« ئۇرايىم گىجىڭ»،« غۇجى بودەك»، « قاباھەت»، «بىتەلەي»،«سۆگەل» قاتارلىق يۈز نەچچە  پارچە ھېكايە - پوۋىستلىرى، «مىھرى شەپقەتلىك دۇنيادىكى ياش ۋە تەبەسسۈم»، «تېكلىماكاندىن سادا- ئاگاھ بولۇڭلار ئادەملەر»،« يېڭى  ئەسىر بۇسۇغۇسىدىكى كونا پاراڭلار»  ،« ھەكىملەر ئىزىدىن»،« دەريا بويىدىن بىر قىسىم ئەنئەنىمىزگە نەزەر»،« تارىمنىڭ يۈرىكىدە بالقىغان گۈلخان»  قاتارلىق يىگىرمە نەچچە  پارچە  ئەدەبى ئاخباراتى، «يازالايدىغانلارمۇ  ئەسىلىدە  يازالمايدىغانلار ئىدى»، «‹ھېجران› ناملىق رومان توغرىسىدا» قاتارلىق ئوبزورلىرى، «ئاتىلارنىڭ كامالىتى  ۋە بالىلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى»، « مىللى  ئەنئەنىمىزدە يىگىتلىكنىڭ سۈپىتى ۋە نۆۋەتتىكى يىگىتلىك كىرىزىسى»، «ئوت پەسلىدىكى بىخۇتلۇقتىن نىكاھتىكى مەغلۇبىيەتكىچە»، «بەخىت قوينىدىكى بەخىتسىزلەر» قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە پارچە ئىلمى نەزىريىۋى ماقالىلىرى ئاپتۇنۇم  رايونىمىزدىكى  ھەرقايسى  مەتبۇئاتلاردا  ئېلان  قىلىنغان.
مىللەتلەر  نەشىرياتى تەرىپىدىن «باھار يەنە كىلىدۇ»، «  ئۇنتۇلماس  ئىزلار» ناملىق پوۋېست ۋە ئەدەبى ئاخباراتلار توپلاملىرى، شىنجاڭ  سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن  «تىبابەت ئۇستازى  تۇردى  ھاجى»، «تىبابەت ئۇستازى  ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ  ھاجى» ناملىق ئىككى بىئوگىرافىك كىتابى،خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «قول ھۈنەرۋەنچىلىق رىسالىسى» ناملىق كىتابى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆز يېشى ۋە تەبەسسۇم» ناملىق ئەدەبى ئاخباراتلار توپلىمى  نەشرى قىلىنىپ  تارقىتىلغان.
«باھار  يەنە كېلىدۇ»، «ئۇنتۇلماس  بىر كۈنۈم»، «مىھرى  شەپقەتلىك  دۇنيادىكى ياش  ۋە تەبەسسۇم» ناملىق  ئۈچ  پارچە  ئەسىرىئايرىم- ئايرىم ھالدا «شىنجاڭ خانتەڭرى  ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا  ئىرىشكەن. ئۇ ھازىر  ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق  يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ،  ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق ئىجتىمائى پەنلەر بىرلەشمىسى ئون  ئىككى  مۇقام تەتقىقات ئىلىي جەمئيىتىنىڭ، خۇتەن ۋىلايەتلىك  يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى.

     4.ماخمۇت يولۋاس، 1970-يىلى توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تەمىنات-سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كاستىر، بازار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 1993-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىگە يېقىن پوۋېست-ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.  ئۇنىڭ «كۆك قۇمۇش» ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى ۋە «كۆك قومۇش» ناملىق ھېكايە -پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.2014-يىلى ئۇنىڭ «قەبرە يۆتكەش» ناملىق پوۋېستى خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 2014-يىللىق «يۈدافۇ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ ھازىر شىنجىاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    5.ئابدۇكېرىم قادىر، 1969- يىلى يەكەندە تۇغۇلغان. 1989- يىلى قەشقەر ماليىە-سودا مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش بويىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىرتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى تولۇق كۇرۇسنى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى تولۇق كۇرىسنى تاماملىغان. ھازىر يەكەن ناھىيلىك ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتپىدا خىزمەت قىلماقتا.
    2005- يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «تارىم»،«تەڭرىتاغ»، «يېڭى قاشتېشى» ،«قەشقەر» قاتارلىق ژورناللاردا « تەشنارەڭ كۆڭۈل»، «چۇۋۇق چىتلاق»، « خوتۇن تەڭلىكى»، «قوناق پۆپۈكى»، «تاز قوچقار»، « ئاخىرقى كېمە»، «لەڭگەردىكى چۈش»،   « ئۈجمە پىشىقى»، «كونا كوچا»،  «ئالما تاتلىقى»،«ئەقىدە»، «ئازغان چىچىكى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېسىتلىرى ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپدىن «دولقۇنلۇق تارىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى  بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن«تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان. «تەشنارەڭ كۆڭۈل»، «ئاخشام بولغان ئىش» قاتارلىق بىرنەچچە پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. «كونا كوچا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن 14- نۆۋەتلىك؛ «ئەقىدە» ناملىق پوۋېسىتى بىلەن 15- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىىيات مۇكاپاتىغا،2007-يىل 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن«تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئابدۇكېرىم قادىر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

     6.تۇرغۇن مىجىت، 1972- يىل 12- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇچتۇرپان ناھيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا تۇغۇلغان. تۇنجى شېئىرى 1990- يىلى «شىنجىاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىككى پارچە پوۋېست، 70 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 300 پارچە شېئىر، باللادا ۋە بىر قىسىم نەسىر، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللار ۋە خەنزۇچە «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئىجادىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.«ئېتىقاد» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ھاراق ئېلانى» ناملىق شېئىرى «تۇرپان گېزىتى» تەرىپىندىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ساپال چىراغ» ناملىق ھېكايىسى 3- نۆۋەتلىك «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «قاباھەت ۋە جاسارەت» ناملىق ھېكايىسى 4- نۆۋەتلىك «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نايىل بولغان.
ئۇ ھازىر شىنجىاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    7. ئەسئەت ئابدۇرېشىت، 1967– يىلى 11 – ئاينىڭ 22- كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1988 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر ‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە ئىشلىمەكتە.  
ئۇنىڭ  ئەدەبىي  ئىجادىيەت  ھاياتى  90 – يىللاردىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى ژانىرلاردا پوۋېست،ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات  ۋە  ئىلمىي  ماقالىلارنى  ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئۇ يازغان ‹‹ بىر تامچە ياش بولسىمۇ كەم تۆكۈلسۈن ›› ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات 1993 – يىلى گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايۇن بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ‹‹ ياقۇتقا قونغان توزانلار›› ناملىق ماقالىسى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە،‹‹دوقمۇشتىكى لەتىپە›› ، ‹‹ يەكپاي ئاياغ ›› ناملىق ھىكايىلىرى 1995-يىلى ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرغان گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ،‹‹ ئەركەكلەر ›› ناملىق ھېكايىسى 7 –نۆۋەتلىك ‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا،‹‹ئادىنوشكا›› ناملىق ھېكايىسى 3 –نۆۋەتلىك ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،‹‹ ئاق رومال›› ناملىق پوۋېستى 3 –نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات -سەنئەت مۇكاپاتىغا، مەزكۇر ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1 –سانىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ شەھەرنىڭ ھېكايىسى›› ناملىق  ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىگى ئۈچۈن تۈزۇلگەن يېزىقچىلىق يېتەكچىسى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ،قازاق تىللىرىرىغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە كوللىكتىپ توپلارغا  كىرگۈزۈلگەن.‹‹ ئايدىكى داغ›› ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹يەكپاي ئاياغ›› ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلغان.

    8.بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىل، 1973-يىلى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1977-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە قويۇق ئىلىم-مەرىپەت مۇھىتى ئاستىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن. 1991-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن «مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتىتى»نىڭ تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان . 1993-يىلى «شىئەن تاشيول قاتناش ئۈنۋىرسىتىتى»غا تەقسىم قىلىنىپ ، ئېقتىساد ئېلمى ئۆگەنگەن. 1997-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە چۈشكەن . ئۇ ھازىر شۇ مەكتەپتە كەسپىي ئوقۇتقۇچى،دۇسسېىنىت بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىل 1995-يىلى«ئىلى دەرياسى »ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«خورلانغان بىر كۈن»،«قول ئېلىشىش»ناملىق ئىككى پارچە ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىغا  كىرگەن. شۇندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا پوۋىست، ھىكايە ۋە باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ«دەز كەتكەن يۈرەك»، «ئايال ۋە تۇماق»ناملىق ئەسەرلىرى 9-نۆۋەتلىك ،15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتى»غا نائىل بولغان .«دەز كەتكەن يۈرەك»، «نامسىز خەت» ناملىق پوۋىست-ھىكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ قىسمەن ھېكايىلىرى خەنزۇ ۋە قازاق  تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

    9.مۇتىللا ئەبەد قىرانى، 1970-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازار ساي كەنتىدە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1988- يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى قاكولتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. ھازىر قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونۇم ئوبلاسلىق مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ بۆلۇمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1986 يىلى «قىزىلسۇ گېرىتى»دە ئېلان قىلغان «ئويغات مېنى» ناملىق شىئىرى بىلەن باشلانغان.
  ئۇنىڭ 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاش شەھەر» ناملىق شېئىر-نەسىرلەر توپلىمى، 2012-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاش قەدەھ» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى، 2014-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «سۈكۈتتىكى ئاۋاز» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.  ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    10. تۇرسۇن مۇسا، 1968-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شىخو ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1985 –يىلغىچە شىخو شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1986-يىلى قاراماي ئىشچىلار تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن،1988-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان.2006-يىلى ئىشتىن سىرت ئوقۇپ ،شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرىس دىپلومىنى ئالغان.ھازىر قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پىروگرامما بۆلۈمىدە رېژىسسورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللاماقتا.
2003 – يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كېچە قىيانى»ناملىق پوۋسېت-ھىكايىلەر توپلامى نەشىر قىلىنغان.2009-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «جوڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى»ناملىق قامۇسقا «چۆچەك – ئېمىل ۋادىسى مەشرىپى»كىرگۈزۈلگەن.بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.جۇڭگۇ نېفىتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ئەزاسى، قاراماي يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى.

     11. ياقۇپ كېرەم، 1974- يىلى 4- ئاينىڭ 20 – كۈنى قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرىدا تۇغۇلغان. 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھازىر قۇمۇل شەھىرى غەربى ئۆستەڭ رايونلۇق كوچا ئىش باشقارمىسى مىللەت – دىن ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
   ياقۇپ كېرەم 1988- يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە «ئىنىمنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى»، «ئېھ ، سېھىرلىك كۆل»، «زەردابلىق بالكۇن»،«ھەشقىپىچەك گۈلى»،«بوۋاي، پەرىزات ۋە ئۈجمە دەرىخى»، «گۈلدەستىخان»، «تۇرمۇش قارىشى ئۈستۈن ئاياللار تەشكىلاتى»، «ئالتۇن»، «ئەركەك»، «ئاھ، سەپەردىشىم»، «دادا بولماق تەس»، «بىنا باشلىقى»، «غازاڭ پەسلى»، «قوشنام»، «قاچقۇن قىز»،«شەھەرگە كىرىش خاتىرىسى»،«نومۇس»،«دادا ۋە بالا»  قاتارلىق 25 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،«مەڭگۈلۈك ئىزدەش» ناملىق بىر پارچە پوۋېست، 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، بىر نەچچە پارچە ماقالىسى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «بوۋاي، پەرىزات ۋە ئۈجمە دەرىخى» ناملىق ھېكايىسى 8- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،« مەڭگۈلۈك ئىزدەش» ناملىق پوۋېستى 11- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «بىنا باشلىقى» ناملىق ھېكايىسى 14- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ھەشقىپىچەك گۈلى» ناملىق ھېكايسى قۇمۇلدا «ئالتۇن روجەك» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىغا بېسىلغان.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

   12.ﮔﯜﻟﺒﺎﮬﺎﺭ  ﺋﻪﺯﯨﺰ،  1975-ﻳﯩﻞ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﮬﻪﺭ  ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ  ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ  ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 1992-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1995-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ   ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ  ﻗﺎﻧﯘن  ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ  ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ  ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ  ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘپ ، باغراش ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدىرسى  قانۇندىن ياردەم بىرىش مەركىزىدە  قانۇن مۇلازمەتچىسى بولغان. 2008-يىلى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن  ئۈتۈپ  ئادۋۇكاتلىق سالاھىيتىگە ئېرىشكەن. ھازىر «شىنجاڭ  تىئەنتوڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنى»نىدا ئادۋۇكاتلىق  قىلىۋاتىدۇ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ  ﻗﻪﺩﻩر «تاﺭﯨﻢ»،«ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ» ،«ﺟﯘﯕﮕﻮ  ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ»،«تەڭرىتاغ» ،«ئاﻗﺴﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ »،«تۇرپان ژورنىلى»،«ئىلى دەرياسى»،«يېڭى قاش تېشى» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ نەشر ئەپكارلاردا 100ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ  ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ  ﺷﯧﺌﯩﺮ ،ﻧﻪﺳﯩﺮ ،  ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ ،  ھېكايە – پوۋېستلىرى ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨغان.2011-يىلى 10-ئايدا  شىنجاڭ ئونۋېرستتى نەشرياتى تەرپىدىن «يۈركىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار»ناملىق نەسىرلەر توپلىمى  نەشىردىن چىققان ، ئۇندىن باشقا ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان  بىرلەشمە توپلامغا بىرقانچە ھېكايىللىرى تاللانغان .  ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگۇو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى .بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى .

     13. ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق، 1971-يىلى 11-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، مەكىت ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە مۇخبىر، تەرجىمان، دىكتور ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ   كەلمەكتە.
     ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاساسەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «قەشقەر» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىجتىمائىي تېمىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرى، بىرقىسىم ئەدەبىي ئوبزورلىرى ۋە «ئاينىش»، «قىزلار ئارخىپى»، «چۇۋۇلۇش»، «بىر كۈنلۈك ئايرىلىش»، «بىر يۈز بىرىنچى ھېكايە»، «تارىخنىڭ تاللىشى» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى نىكاھ» نامىلىق رومانى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئۇ يەنە ھازىر «مۇدھىش كېچىلەر»ناملىق تىرىلوگىيەسى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە.

    14.گۈلباھار ناسىر، 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان.1986-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1997-يىلىنىڭ بېشىدا «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلگەن.ھازىر بۇ ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئۇ 1997-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، تولىراق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىش بىلەن كىتابخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئاخباراتى ئېلان قىلىنغان. 2006-يىلى پېشقەدەم مائارىپچى ، پسىخىلوگ ئانار مۇھەممەد بىلەن بىللە يازغان «جەلبكار قىز، مۇكەممەل ئايال بولۇشنى خالامسىز»ناملىق كىتابى،  2010-يىلى -يىلى «سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر » ناملىق ئەدەبىي توپلامى(پوۋېست، ھېكايىلەر) ئېلان قىلىنغان. «تاش شەھەردىكى ئايال» ناملىق پوۋېستى 16-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    15.پەرھات كازىمى، 1970-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ دالانكارىز يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1991 -يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ پىچان ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
   پەرھات كازىمى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىلى2-سانىدا ئېلان قىلغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «ئاپرېلدىكى لۈكچۈن سەھىرى»، «ئىدىقۇتنىڭ يېشىل  يۈرىكى»، «ئۈمىد قوڭغۇرىقى»، «كۈز-كارىز دالاسى»، «بىر يۇتۇم سۇ»، «ئەپسۇس، ئوماق قۇشۇم»، «مېنىڭ ناخشام»... قاتارلىق  300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر  ئېلان قىلغان؛ «يىلان مۈڭگۈزى»، «ئۆڭمەس مۇھەببەت»، «كۆزىنى ئېچىش»، «ئالتۇن پاجىئەسى»، «ناجىيە»، «ماندالىن كۈيى»... قاتارلىق  30پارچىغا يېقىن چوڭلار تۇرمۇش ھېكايە- پوۋېستلىرىنى؛ «بىر پۇتلۇق بالا»، «كونا قەلەمدان»، «مىس قازان»،  «شەبنەم»،  «يېشىل كىيىملىك پەرىزات»، «قارلىغاچ ئايىم ۋە ئوردا ئويۇنى»... قاتارلىق 55 پارچە بالىلار ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل، تارىخ تەتقىقاتىدىمۇ ئىزدىنىپ «كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى»، «سىركىپ ۋە ئۇيغۇر كۇلالچىلىقى»، «كارىز ۋە كارىزچىلىق ئاتالغۇلىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا»، «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» ... قاتارلىق15پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.
   ئۇنىڭ ھازىرغىچە،«بوۋام ۋە ئۈجمە دەرىخى»،«ئوغرى ئاتىلىپ قالغان قىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى «ئۈمىدۋار بالا» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان بالىلار ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلىمى «ئوسما ئوغرىسى» غا « بوۋاي بولۇشنى خالايدىغان بالا» ماۋزۇدا ئالتە پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. 12-14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ۋە كۆپ قېتىم «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرناللارى ئۇيۇشتۇرغان باشقا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
    ئۇ ھازىر پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

     16. ئادىل تۇنىياز، 1970–يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھازىرغىچە «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدا كوچا» ناملىق شىئىرلار توپلىمى، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە–ئوبزورلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
شائىر ئادىل تۇنىياز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمىي ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى، قۇم بىلەن ئادەملەر، بوستانلىق بىلەن شەھەرلەر ئارىسىدىكى رېتىملىق سادانى تىڭشىغىلى. شۇنداقلا ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن بىر قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇپۇقىدا كۆتۈرىلگەن ھايات ۋە ماماتنىڭ يېڭى شولىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    17.زامانىدىن پاكزات، 1970-يىلى غۇلجا ناھىيىسىچۇلۇقاي يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1993-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى جوڭگۇ تىل-ئەدەبىياتى فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
    زامانىدىن پاكزات ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقىغا قىزىققان.1986-يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم شىئېر ۋە بالىلار ھېكايىلىرى «ئېلى گېزىتى»،«ئىلى دەرياسى»،«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»،«تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بۈگۈنگە قەدەر شىئېر، نەسىر، ھېكايە، داستان، بالىلار شىئېر-قوشاقلىرى، بالىلار ھېكايىلىرى،بالىلار پوۋېسىتى،بالىلار چۆچەكلىرى،بالىلار نەسىرلىرى قاتارلىق ژانىرلاردا 300 پارچىغا يېقىن ئەسەر ئېلان.ئوننەچچە ناخشا تېكىستى رادىئو – تېلۋىزىيەدە ئاڭلىتىلغان،بىر قىسمى باشلانغۇچ مەكتەپ«مۇزىكا»دەرسلىكىكە،توت-بەش پارچە ئەسىرى باشلانغۇچ مەكتەپ «ئەدەبىيات» دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  1999-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ «بالىلار ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا،2001-،2003-يىللىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.2009-يىلى «شىنجاڭنى كۈيلەش» ناخشا كۆرىكىدە ناخشا تېكىستى ــ«بەخت قۇشۇم»،«ئالتۇن مۇكاپاتى»غائېرىشكەن.
2013-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك«تارىم غۇنچىلىرى بالىلار ئەدەبىياتى »غا ئېرىشكەن.
2005-يىلى بالىلار ئەدەبىياتىئەسەرلىرى توپلىمىدىن «تويغا ماڭغان مۈشۈك»(شېئىر) «قاچقۇن دوستلار» (ھېكايە - چۆچەك) نەشىر قىلىنغان.2006-يىلى ئالىي تېخنىكوم-ئېنىستېتوتلار دەرىسلىكى«بالىلار ئەدەبىياتى»نى تۈزۈش ، 2008-2009-يىللىرى قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«ئەدەبىيات»دەرىسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.2008-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبوللانغان.2012- يىلى «شىنجاڭلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى» قاتارىدا شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىر ئايلىق تەرربىيىلىشىدە بولغان.2013-يىلى شېئىرلار توپلىمى «يىڭناغۇچ قانىتى» نەشىر قىلىنغان.   

      18.مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى،تولۇق كورس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئۇ 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيەدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىدە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا يەنى 1992-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تۈندىكى چاقىرىق»ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان.ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، بىر نەچچە پارچە ھېكايىسى، 80 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى «كۆكنۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە ھەرخىل يەرلىك ژورناللار ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «تەڭرىتاغ»، «كروران» ژۇرناللىرىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ ئىجادىيتىگە باھا بېرىلگەن. ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    19.ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، 1969-يىلى 18-سىنتەبىردە قەشقەر ئوپالدا تۇغۇلغان. 1983-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھېيىلىك يېزائېگىلىك بانكىسىدا ئىشلىگەن.2003-يىلى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىزاد ئىنىستىتونىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى مەخسۇس كۇرس بويىچە ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 1996-يىلى يىزا پۇل مۇئامىلە گېزىتىدە «دوستۇمغا» ناملىق ساتىراسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت ژورناللاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شئېر، نەسر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان .
«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان«يېڭى ئەسىر،يېڭى ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى شېئىرىيەت مۇسابىقىسىدە 3-دەېىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.14- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2010-يىلى  «تارىم ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىب» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.ھازىر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيلىك يېزائېگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدا كىردىت خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

      20. قاھار نىياز، 1970- يىلى 3- ئايدا كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1988- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1993- يىلى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، كۇچا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي ئىجادىيەتچىلىككە تەقسىم قىلىنغان. 1997- يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىغا «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقىغان. 2000- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ،  «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
    قاھار نىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1985- يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر، ئىلمىي ماقالىلىرى ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. كۇچا سەنئەت ئۆمىكىدىكى ۋاقتىدا 40 پارچىدىن ئارتۇق سەھنە ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرگەن. «ئاي گۇۋاھ» ناملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ «كۈسەندە نورۇز»،«سەنئەت يۇترىدا باھار»، «ئۈزۈلمەس تارىم»، «شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ 2007- يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى» قاتارلىق 10 غا يېقىن چوڭ تىپتىكى بەدىئى سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. قاھار نىياز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجاد قىلغان 20 پارچىغا يرقىن ئېتوت ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.بىر قىسىم ئەسەرلىرى«تارىمدىكى ئاي»، «زىمىننىڭ چۈشى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. يېقىندا ئۇنىڭ «كۇچادا ئۆتكەن تارىخى شەخسىلەر»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان سەھنە ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان) ناملىق ئىككى كىتابى نەشر قىلىندى. قاھار نىياز 1992- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

     21.تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ،(تاجىك)،  1980-يىلى 1- ئايدا  ئاقتۇ ناھيىسىنڭ  تارتاجىك مىللى يېزىسىدا تۇغۇلغان 1999- يىلى قىزىلسۇ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومومىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتلىرىدا مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.ھازىر ئاقتۇ ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئىشلىمەكتە.
   ئۇ«قىزىلسۇ گېزىتى»نىڭ 1994- يىلى 7- ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان «ئارچا خىسلىتى » ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت  ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان  مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى  مەتبۇئاتلاردا 800 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.53 پارچە ئەسىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.بىرقىسىم ئەسەرلىرى«بۈركۈتلەر پەرۋازى»،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى»،«لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا جەم بولۇش»قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ  ئەزاسى،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قىزىلسۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.






Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6142
تۆھپە : 0
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچىلىرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىشىغا تىلەكداشمەن!

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن توغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                    -«دانالار خەزىنىسى»دىن

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 996
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4063
تۆھپە : 39
توردا: 1242
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-18

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان ، ئايقۇت،مىھرىگۈل،گۈلباھار...قاتارلىق ئەدىبەلەرگە ۋە بارلىق يازغۇچىلىرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىشىغا تىلەكداشمەن!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
http://saadat.blogbus.com/

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇ!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1407
تۆھپە : 0
توردا: 527
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، سىلەردىن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەر كۈتىمىز! بۇ قېتىم يەنە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدىبلەر تاللىنىپتۇ. بۇ يارقىن يۇلتۇزلارنى بايقىغان قوي كۆزلەرگىمۇ  كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. زامانىدىن پاكزات، پەرھات كازىمى قاتارلىق دوستلارغا مۇبارەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8482
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك ، مۇبارەك،مۇبارەك،

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2482
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان ئەدىبلەرگە مۇبارەك بولسۇن، خېلى ئادىل ۋە دادىل بولغاندەك تۇرىدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 2
توردا: 392
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1942
تۆھپە : 0
توردا: 566
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا-ئاچىلىرىمغا مۇبارەك بولسۇن! ئىجاد سەپىرىڭلار شان-ئۇتۇقلارغا پۈركەنگەي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1106
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1963
تۆھپە : 0
توردا: 428
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتكەم ھەدەم قاتارلىق بارلىق ئەزىزلەرگە مۇبارەك بولسۇن،قەلەم تۇتقان قولۇڭلارغا كۆز تەگمىسۇن،ئىجاد سەپرىڭلار گۈللەرگە پۈركەنسۇن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3871
تۆھپە : 14
توردا: 580
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە3-قېتىم تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا قۇت بولسۇن!
   ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ئەدەبىي دىت بىلەن پىششىقلاپ، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى ھېكمەت سىرلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل زىمىنىدا رەڭگا-رەڭ گۈل-غۇنچىلارنى ئېچىلدۇرىشىغا سەمىمى تىلەكداشمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6574
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3625
تۆھپە : 0
توردا: 417
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 17:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچىلارغا ئاپىرىن !ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 971
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 17:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدسېلم مۇھەممەدقاسىم، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم قاتارلىق كەسىپداش، قەلەمداش، قەلىبداشلىرىمنى، شۇنداقلا بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان بارلىق قەلەم ساھىبلىرىنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن.  بۇ قېتىممۇ قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، مۇئەييەن ئىجادىيەت خاسلىقىنى ياراتقان، ئەلنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن، يازمىلىرى دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان يازغۇچىلار تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدا ئىچ ئاتلىق رول ئوينىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8538
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1278
تۆھپە : 0
توردا: 257
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 17:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچىلارغا مۇبارەك بولسۇن.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان،خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھابىلىرى ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش