مۇڭدىشايلى يېڭى يىل كۈنى
ئوسمانجان زۇنۇن
دېكابىرنىڭ سوغۇق شامىلى،
چاچلىرىمنى كەتتى ئۇچۇرۇپ.
قىرو باسقان تاڭ ئاتماش كېچە،
تاماكامنى تۈگەتتى چىكىپ.
سۆيگۈ تامچىپ تۇرغان قۇرلارنى ،
قاناپ كەتكەن نەپرىتىمى ھەم
خاتىرەمگە قويدۇم كۆچۈرۈپ.
ئۆتتى بىر يىل ئۆمرۈمنى بېسىپ،
يارىيادەك ئاستا غىچىرلاپ.
تومۇزلاردا بىرتال دان ئۈچۈن،
يامغۇر تىلەپ تىترىسە ياپراق؛
،تەنھا تارتقان قىسمەتلرىمگە،
چىدىيالماي يىغلىسا تۇپراق؛
غەيرەت تىلەپ سۆيگۈ پەرىسى
ئاستاغىنە دولامغا ئۇرۇپ،
قۇلىقىمغا كەتتى پىچىرلاپ.
مۇڭدىشايلى يېڭى يىل كۈنى،
كەل، باھارنىڭ ئەركە بالىسى.
يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا
كۆمۈپ قويغان ئوتتەك شاراپ بار.
كەپتەرلەردەك بۇقۇلداپ ئۈنلەپ،
ئىچىشەيلى راسا قانغۇدەك.
يىرىڭلىرى قايناپ مىقىلداپ،
ئېغىز ئالسۇن كۆڭۈل يارىسى.
2014 -يىلىى 25- دىكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 13:21