ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى لوپنۇر مەدەنىيىتى ژورنىلى ئاخىر روياپقا چىقىپ، خەلقىمىز بىلەن كۆرۈشتى. ژورنىلىمىز پەسىللىك ئۇنۋىرسال ژورنال بولۇپ، تۇنجى سان تارقىتىش مۇراسىمى 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى لوپنۇر ناھىيەسىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى سۇلايمان ھۈسەيىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى گۈلزار جېلىل، كروران ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى مامۇت ئەلى، سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى يىزا- بازارلار، ئىدارە ئورگانلار، ناھىيەمىزدىكى ئاپتورلار، مەدەنىي مىراسلارنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى.
( V9 n' \/ o0 R. y" r تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر
# f w9 `3 j2 f& i5 R! {7 ?[