كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 6

ئامانگۈل تۇرسۇن ئاقىن : چۈشۈمدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-25 00:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

چۈشۈمدە




ئامانگۈل تۇرسۇن ئاقىن



چۈشۈمدە چاقىردى گۈزەل بىر قىز،
شۈنچە تونۇش،شۈنچە يېقىملىق.
نېمىلەرنى ئېيتماقچىدۇ ماڭا ئۇ قىز،
قالدىم ئەجەپ ئىشارەتسىز،جاۋاپسىز.

ئويغانسام چۈشۈمدىن،سوغۇق شاماللار،
ئۇرۇلار شىۋىرلاپ مىسكىن جىسمىمغا.
شۇ شامالدىن بىشارەتتۇر چۈشۈم سىماسى،
ئويغانمىسام،قايتىپ كىرسەم شۇ چۈش قوينىغا.

خىيال كەپتەرلىرىم ئىزدەيدۇ چۈشتىكى قىزنى،
ھەر نەپەستە قىز سىماسى ئۆرتەيدۇ دىلنى.
شۇ شامالدىن سوراپ كۆردۇم ئىسمى-زاتىڭنى،
جىمجىت كېچە ھېچ كىرمىدى شامالنىڭ ھېدى.

چۈش قوينىدا سۇرۇپ خىيال يۈردۈم ئارالدا،
ئەشۇ قىزنىڭ خۇش ھېدىنى كۈتۈپ،شامالدا...!


2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 17:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-25 10:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە بىر ئىشلەش لازىم ئىكەن بۇ شېئىرغا، بىر قىسىم مىسرالىرىدا «پۇراق» كەمچىل ئىكەن.
ئاپتۇرغا ئوتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-12-25 11:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بەكلا خام يازمىنى يوللىمىساق نېمە بولار؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 11:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلاردىن تەلىم ئىلىشمۇ ئاپتورنىڭ ئارزۇسى بولغاچقا،شۇ ئارزۇ بويىچە يوللاپ قويۇلغان....
ئەگەر بۇ ئەقىلغا ياكى پىرىنسىپقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېيىلسە،يوللىمىساقمۇ بولىدۇ.....!سىلەرگە ئالىي تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2014-12-25 15:19:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەرگە بىلىم خۇمار قىززىققۇچىلار كىرىدۇ. ئادەتتە ئۇلارمۇ تەنقىتلەردىن بىلىم ھاسىل قىلساق دىيىشى مۇمكىن.
جۇملىدىن مەنمۇ شۇ

ۋاقتى: 2015-2-10 20:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن !سالامەت بولۇڭ ئۇستاز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-11 09:37:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت...!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش