يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8221|ئىنكاس: 12

خۇرشىد دەۋران: مەھمۇد كاشىغەرىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-24 15:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەھمۇد كاشىغەرىي   
      
خۇرشىد دەۋران (ئۆزبېكىستان )                 
         
     
1                                 

يىراق، يىراقلاردا ، تاڭ يورۇقىدا،               
ياشىغان ئېدىردا سۈرگەنچە خىيال.               
ئاسمانۇ ، زىمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا،              
چال تۇرار ، ساقىلىن يەلپۈيدۇ شامال.            

        ئۇ دەپتەرنىڭ ئاپئاق ۋارىقى ئوخشاش ،      
زەڭگەرى سامانى تەكشىلەپ، قاراپ.            
قەلىمىنى يالقۇنغا پاتۇرۇپ ئېلىپ ،              
" قۇياش " دېگەن سۆزنى يازدى ئاۋايلاپ.           

شۇندا دەريالاردا سۇ بولۇپ ئاقتى ،            
قىرلارغا تامچىدى گۈللەر قۇياشتىن .         
ئۇپۇققا تەلپۈنۈپ چاپتى تار يوللار،            
مايسىلار سەكرىشىپ ئۆتۈشتى تاشتىن .        
2                              
يىراق، يىراقلاردا، يىللار قەئىرىدە ،         
سۆزلەرنى ئويغۇتار ئويچان كۆزلۈك چال .   
قۇياشنىڭ تەپتى بار يۈرەك قېتىدا،        
سۆزلەرنىڭ چېڭىدىن ئاقارغان ساقال .     

چال بىلەر ، سۆز دېمەك خەلق يۈرىكى ،     
خەلق ئۆلمەس سۆزىنى يوقىتالمىساڭ .     
سۆز بىلەن تىرىكتۇر ئەلنىڭ تىلىكى ،      
سۆزلەردە تىرىكتۇر دىلدىكى ئاھاڭ.      

خىرە كۆزىنى ئۈزمەي ئاپئاق ۋاراقتىن ،   
پۈتەركەن ئەڭ ئاددى ئۇلۇغ سۆزلەرنى .   
ئۇ سۆزلەرنى ئەمەس، بەربات بولۇشتىن ،   
ئەسلىدە قۇتقۇزۇپ قالدى بىزلەرنى ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 17:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-24 15:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 15:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخچى ھەققىدە داستان

تارىخچى ئەما ئىدى، ئۇنىڭ قىزى
ھەممە ياق سىياھتا بۇلغانمىسۇن دەپ،
قۇپقۇرۇق سىياھداننى ئۇنىڭ ئالدىغا
كەلتۈرۈپ قۇياتتى تاڭ سەھەر بىلەن.
تارىخچى ئەما ئىدى، سىياھدانى
قۇپقۇرۇق، ئۇ بىخەۋەر تىنماي يازاتتى،
يازاتتى ۋەتىنىنىڭ تارىخىنى ئۇ،
مەن بۈگۈن ئىزدەيمەن ئاشۇ كىتابنى
ئاپئاق ۋاراقلارنىڭ قېتىنى تىتىپ...

ۋاقتى: 2014-12-24 16:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيماپسىز ، ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ ؟ بولمىسا ئىسىل شېئىرلار ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-12-24 16:47:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ئاددىي-ساددا سۆز بىلەن چوڭقۇرلۇققا قاراپ شۇڭغىغان شېئىر ئىكەن. يوللىغۇچىغا رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 16:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم قۇرۇسۇن، مەندە بۇنچىلىك شېئىر تەرجىمە قىلغۇدەك سالاھىيەت يوق، ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژورنىلىنىڭ 2014- يىللىق 12-سانىغا قارىسام ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تورداشلار بىلەن تېزرەك يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى ئويلاپلا ئەسلى مەنبەنى .ۇنتۇپتىمەن.

ۋاقتى: 2014-12-24 17:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورولچى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 16:53
ئىسىم قۇرۇسۇن، مەندە بۇنچىلىك شېئىر تەرجىمە قىلغۇدەك  ...

ئەجرىڭىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر!!

ۋاقتى: 2014-12-24 20:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورولچى  داۋامى بارمۇ تۉگدىمۇ؟ بار بولسا تەرجىماننى ئەسكەرتىپ قويۇپ يوللاپ قويعان بولسىڭىز.

ۋاقتى: 2014-12-24 21:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل بىر شېئىر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
بۇلۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى مىسرالىرى بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .

ۋاقتى: 2014-12-25 01:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئېسىل شېئىركەن، تەرجىمانغا شۇنداقلا تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-12-25 10:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇلچى ئەپەندى، مۇشۇ ئېسىل شېئىرنى مۇنبەرگە يوللىغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەرنا ئەمگەك جۈملىسىدىندۇر! تەشەككۈر...

ۋاقتى: 2014-12-25 17:28:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام قۇرۇلچى، ئاۋۇ شېئىرنى ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائىر ماخمۇد مۇھەممەد ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانكەن، ياخشى ئىش قىلدىڭىز، ھەممىمىز بەھرلىنىدىغان بولدۇق...

ۋاقتى: 2014-12-26 23:06:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇرشىد دەۋران ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويۇڭلار، مەن بەك قىزىقاتتىم....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش