ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى.1978-يىلى1 -ئۆكتەبىر ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان. 1996-يلى 7-ئايدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش تېخنىكۇمىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2003-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە بالىلار كېسەللىكلەر كەسپى مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرۈپ، ئىماملىرىم يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن. 2014-يىل 5-ئايدىن باشلاپ خىزمەتتىن چېكىنىپ، مەدەنىيەت بويۇملىرى تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيە دۆڭكۆۈۋرۈك «سەئىدىيە» كىتابخانىسىدا.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تېببى ئونۋېرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى ئەسىرى «سۆيگۈ قەترىلىرى» «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«جۇڭگۇ مىللەتلىرى»،« ھاياتلىق»،«تۇرپان»،« پەن ۋە تۇرمۇش»،« يېڭى قاشتېشى»،«مايبۇلاق »،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،« شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»،«شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋېزىيە گېزىتى»،«ئاقسۇ گېزىتى»،« ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،« شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى»،« شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى»... قاتارلىق ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە،شېئىر،ئەدەبىي خاتىرە، تەرجىمە ئەسەر ۋە ھۆسىن خەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
2012-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «تەكلىماكان چېچەكلىرى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.