قار لىرىكىسى
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
ئەڭ سېخى كۆڭۈلنىڭ سوۋغۇسى بولۇپ،
تۇرىدۇ ئالدىمدا ئاپئاق بىر سۈرەت.
مۇڭ باسقان ھوجرامغا بىرەر تەسسەلى،
ئويغۇنۇپ ھەر كېچە قارىسام رەت-رەت.
ئاقىلىقتىن بىخلىنار بەڭۋاش خىيالىم،
يېگانە ئورۇندۇق تەنھا گۈل سىياق.
بىلىمەن ۋىسالغا يەتمەك مۈشكۈلدۇر،
ئېھتىمال ئۆزۈمدە تاشلايمەن قاسراق.
تۇرغىنى ئالدىمدا جانسىز بىر سۈرەت،
مېھىردىن نۇر بېرىپ تۇرىدۇ شۇتاپ.
پاتىمەن ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلىكىگە،
ئاق قارنى لېۋىمگە يىقىپ يېنىشلاپ.
يىغلاڭغۇ تۇيغۇمدا ئالدىم قەلەمنى،
ئايازدا قىل كەبى تولغۇنۇپ تۇرۇپ.
قارايمەن سۈرەتكە شىۋىرلاش بىلەن،
ئاق قارغا ئىسمىڭنى نەقىشلەپ قويۇپ.
2014-يىلى 23 دېكابىر تۈن تەڭ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 20:39