بۇ خەۋەر مۇنداق تۈزىتىلدى:
بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى 20-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ئوبزورچىلار ، ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى بەگمەت يۈسۈپ ، ئەخمەت ئىمىن قاتارلىق ئىككى يازغۇچىنىڭ نەسر ئىجادىيىتى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر شىنجاڭ نەسر ئىجادىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى . بۇ ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئۇيغۇر ھېكايە ، شېئىر ئىجادىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا نەسر ئىجادىيىتى كېيىن باشلانغان بولۇپ ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ ، بىر تۈركۈم ياش يازغۇچى ۋە شائىرلار خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك يېتىشىپ چىقتى ، بۇنىڭ ئىچىدە بەگمەت يۈسۈپ ، ئەخمەت ئىمىنلار بىر قەدەر ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە يازغۇچىلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ، نەسرلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى . ئەخمەت ئىمىننىڭ داڭلىق نەسرلىرىدىن ‹‹ يۈرەك ساداسى ›› ، ‹‹ باھار ھىدى ›› قاتارلىقلار بار ، ‹‹ ئالىيجاناپلار قەسىدىسى ›› ناملىق نەسرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ‹‹ مۇنەۋۋەر ئەسەر ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، بەگمەت يۈسۈپنىڭ ‹‹ قومۇل بىلەن بولغان سۆزلىشىش›› ، ‹‹ نادان مۇخلىسلار›› ناملىق ئەسەرلىرى مەملىكەت 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيىتىنىڭ ‹‹ تۇلپار مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەن .
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ شياڭچىڭ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر نەسرلىرى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىپ ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر نەسرلىرىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولدى ۋە ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋى تەتقىقاتىنى ئالغا سۈرۈپ ، ئۇيغۇر نەسر ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى .
当代维吾尔散文创作研讨会在京举行
|
时间: 2014-12-22 10:09:00 来源:新疆日报 编辑:李春玲 |
|
新疆日报网讯 记者陈丰报道:20日,由中国社会科学院民族文学研究所、新疆文联主办的当代维吾尔散文创作研讨会在北京举行。来自中国社科院、中国作协、新疆文联等单位的文学评论家、少数民族文学研究者,围绕拜格买提·玉苏甫、艾合买提·伊明两位作家的散文创作及当前新疆散文创作进行了研讨。这是首次在北京举行维吾尔散文创作研讨会。 与维吾尔小说、诗歌创作相比,维吾尔散文创作起步晚,改革开放以来,维吾尔散文快速发展,一批年轻作家及诗人散文家如雨后春笋般涌现,其中,拜格买提·玉苏甫、艾合买提·伊明是较有代表性的作家,创作成绩突出,作品独具特色,在维吾尔文坛上有着较大影响力。艾合买提·伊明著有《心声》《春的气息》等作品,散文《高尚者的颂歌》在全国少数民族文学优秀作品评选中获优秀作品奖,拜格买提·玉苏甫著有《与哈密的对话》等作品,作品《愚昧的人们》获得全国第九届少数民族文学创作“骏马奖”。 中国社会科学院民族文学研究所副所长汤晓青说,此次在北京召开维吾尔散文研讨会,可增加维吾尔散文、文学影响力,让更多文学研究者了解维吾尔散文创作,推动维吾尔散文理论研究,促进维吾尔散文创作。 新疆文联主席阿扎提·苏里坦介绍了当代维吾尔文学创作发展情况。他表示,此次会议,通过研讨拜格买提·玉苏甫、艾合买提·伊明两位有较大成就的散文作家及作品,进而对当代维吾尔散文创作进行总结研究,将有利于促进维吾尔散文创作。 |