يەر شارىنى شار دەيدۇ
ياسىنجان توخنىياز توغراق
يەر شارىنى شار دەيدۇ.
يەلنى قانداق ئۇرىدۇ؟
يا بولمىسا تېرىكى،
كۆكتە قانداق تۇرىدۇ؟
يەر شارىنى شار دەيدۇ،
دوكانلاردا ساتمامدۇ؟
بەك چوڭ بولسا يەر شارى،
دوكانلارغا پاتمامدۇ؟
يەر شارىنى شار دەيدۇ،
بارمۇ ئۇنىڭ ئانىسى؟
باشلاپ باراي گۈلباققا،
قېنى ئۇنىڭ تانىسى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ي.ت.توغراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 10:44
|