توققۇز باياۋان
ئېزىز تۇرسۇن
ئىھ، مەكىتنىڭ دولان مۇقامى،
لال قىلماقتا يۈرەكلىرىمنى.
كىلىڭ دوستلار، كۆرۈپ كېتىڭلار!
ئۇسۇل-نەغمە كۆرەكلىرىمنى.
مانا قاراڭ، نەغمىچى بوۋاي،
باشلىۋەتتى مۇقاملىرىنى.
«باش باياۋان»①،«بوم باياۋان»②لار،
ئۇرغۇتماقتا تومۇرلىرىمنى.
«جولا»③باشلاپ چۈشتى ئۇسۇلغا،
«ئۆزھال»④بىلەن ياندىشىپ ھەيۋەت.
«مۇشاۋىرەك»⑤يەتتى پەلەككە،
«راك»⑥بىلەن تەڭ كەلدى«دۇگامەت»⑦.
«سىم باياۋان»⑧،«خۇدەك باياۋان»⑨،
چۆلگە تاشقان سۇدەك، باياۋان.
چاڭقاقلىقىم قانار سەن بىلەن،
ئون بەش ياشلىق قىزدەك،باياۋان.
ئەي، نەغمىكەش ئۈلپەتداشلىرىم،
(ئاكا-ئۇكا، تەڭ قۇرداشلىرىم).
«توققۇز مۇقام»- توققۇز ئاھاڭنى،
توغۇپ بەرگەن قان-قانداشلىرىم.
دۇنيا تىڭشار بۆگۈن مۇقامنى،
دونيا تونار بۆگۈن دولاننى.
مەيلى توكيۇ، مەيلى پارىژدا،
گۈل تاقىغان ئىككى ئوغلاننى⑩.
ھايات قايناق بۆگۈن بۇ يەردە،
يۈرەك ئويناق بۆگۈن بۇيەردە.
بارچە دىلدا ئوينار ھاياجان،
زېمىن ئويغاق بۆگۈن بۇ يەردە.
2014-يىل 20-دىكابىر
ئەسكەرتىش:①،②،..⑨لار دولان توققۇز مۇقامىنڭ ناملىرى.⑩ دولان مۇقام ئۇستازلىرى،داڭلىق خەلق سەنئەتكارلىرى ئاكا-ئۇكا ھەسەن يەھيا،ھۆسەن يەھيالار.
|