ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئوت يۈرەك ئاكا-ھەدىلەر، ياخشىمۇ سىلەر.
مەرھۇم دادام باتۇر روزى ئالەمدىن ئۆتكىلى سەككىز يىل بولاي دەپتۇ، ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى كىتابلىرىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان گەرچە تورلاردا، كىتاب ژۇرناللاردا دادام توغۇرلۇق كۆپ توختىلىپ ، دادام ئۈچۈن كۆپ مەرسىيەلەر، شېئىرلار ، ئەسلىمىلەر يېزىلغان بولسىمۇ، بىراق بىر يىغىن خاراكتېرلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان ئىدى. كورلا بىلىپ خەير ساخاۋەت كوللىكتىۋىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، يېقىندا كورلا شەھىرىدە مەرھۇم دادام باتۇر روزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ چىقىش، ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ نامىنى ئەلگە تونۇتۇش مەقسەت قىلىنغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكچى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قەلەمكەش ئاكا-ھەدىلەرنىڭ پۇرسەت يار بەرسىلا كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. مەرھۇم دادامغا ئاتاپ يېزىلغان مەرسىيەلەر ۋە شېئىرلار بولسا مۇشۇ پائالىيەتتە ئوقۇساڭلار شەخسەن مەن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.. تۆۋەنچىلىك بىلەن دادامنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ يولنى يىراق كۆرمەي، مالال كۆرمەي، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى سورايمەن.
كونكېرت ۋاقتىنى پائالىيەت ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن مەن مۇشۇ مۇنبەرگە يوللايمەن. (مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللايمەن).
بىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولساڭلار، ئاپامنىڭ تېلىفون نومۇرى: 15899042532.
مۇمكىن بولسا ئۈندىدار نومۇرۇڭلارنى ماڭا شەخسىي ئۇچۇر ھالىتىدە يوللاپ قويغان بولساڭلار.
|