يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 1

ئەگەر دۇكاننى كۆپ ئېچىشقا توغرا كەلسە - تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەگەر دۇكاننى كۆپ ئېچىشقا توغرا كەلسەتۇردى لېتىپ

كىرىش سۆز

بىر دۇكاننى ئىككى قىلىش، ئېنىقكى سودا- تىجارەتنىڭ ئاققانلىقىدىن، دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا باش ئاغرىقىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگىمۇ سىمۋول قىلىنىدۇ.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە دۇكاننى كىچىك، ئەمما كۆپ ئورۇندا زەنجىرسىمان قىلىپ ئېچىش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك دۇكاننى كۆپ ئېچىش باش ئاغرىقىنى ھەل قىلالاۋاتقان تىجارەتچىلىرىمىز كۆپ ئەمەس.
بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بىزدە نېمە كەم؟ بۇلار دەل تۆۋەندە ئوتتۇرغا قويۇلماقچى بولغان مەزمۇنلاردۇر.

تېخنىكىنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ

كۆپلىگەن كىشىلەر تېخنىكىلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدىلا تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ دەل «ئىتنىڭ كۆزىدە ئادەملەر پاكار كۆرۈنگەن»ىگە ئوخشاش ھەممە ئىشنى ئاددىي، ئاسانلا كۆرۈش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئامىللارنىڭ ياردىمىدىن يىراق قالدۇرىدۇ.
تېخنىكىلىق ئىشلارنى تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك پاراڭلار بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇپ شەرھىلەپ بېرىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن سىخىمىلىك بىرىكمىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە، نۇرغۇن قېتىملىق تەجرىبە، سىناق نەتىجىلىرىنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ھەتتا سودا مەخپىيەتلىكى سەۋەپلىك كۆپلىگەن ئىچكى نازۇك ھالقىلىرىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئاڭلىغۇچىنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىشلارنى زورمۇ-زور قارشى تەرەپكە ئىزىپ چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنۇش بەزىدە ئەخمىقانىلىك ھېسابلانسا كېرەك. شۇڭىمۇ كۆپلىگەن پەن- تېخنىكا جەھۋەرلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە تېخنىكىنىڭ چوڭ-كىچىكى، ئاددىي ياكى مۇرەككىپى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭدا تېخنىكىلىق ھالقىلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بىرىكتۈرۈلگەنلىكىدىن كۆرۈلگەن دائىرە جەھەتتىكى پەرقلا مەۋجۇت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا قوللىنىلغان مەلۇم تېخنىكىلىق ئامىل بەلكىم قولىمىزدىكى يانفوندىمۇ ئوخشاشلا قوللىنىلغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئورتاق ئومۇملاشقان ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، ئورۇن بەلگىلەش، مۇساپە كۆرسىتىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قايسى بىرسىنى تېخى پىشمىغان، ئىنسانىيەتنىڭ گۇمانلىنىشىغا ئەرزىيدىغان تېخنىكا دەپ ئېيتىشقا مۇمكىن بولسۇن. دېمەكچىمىزكى ئىنسانىيەتنىڭ تەسسەۋۋۇر قىلىشىغا مۇمكىن بولىدىغان تېخنىكىلار ئاساسەن مۇكەممەللىشىپ، تاكامللىشىپ بولۇندى.
ئەگەر مەلۇم بىر تېخنىلىك ئۈسكۈنە ياكى تېخنىكىلىق سىستېمىدا مەسىلە بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت شۇ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىك خادىم ياكى مەشغۇلاتچىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنىمۇ كەمتۈكلۈك بار دېيىلسە، پەقەت لايىھىلەش ياكى ئىلغار تېخنىكىلىق ئامىللارنىڭ تەدبىقلىنىشىدىكى مەبلەغ كەمچىللىكى ياكى ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان تېخنىكا كەمتۈكلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەتراپتىكى تېخنىلىق ئۈسكۈنە ياكى تېخنىكىلىق سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى. تېخنىكا مەيلى ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدە ياكى ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاشتا بولسۇن ھەممىسىدىلا تېگىشلىك كۈچىنى نامايەن قىلماقتا.

تېخنىكىلىق قانۇنىيەتلەر

تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. سېرىك ۋە مۇشۇ تۈردىكى ئاجايىپ غارايىپ كارامەتلەرنىڭ ھەممىسى تېخنىكىغا قارشى ئەمەس، ئەكسىچە تېخنىكىلىق ئاممىللاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلغانلىقتىن شۇنداق نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. بىرگە بىر قوشۇلسا، ئىككى بولغىنىغا ئوخشاش بارلىق مەۋجۇداتلار مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئېلېكتىر يەنى توك مەنبەسىسىز ھەرىكەت قىلالمايدۇ، مەيلى سىرتقى ئېلېكتىر مەنبەسىگە ئۇلانسۇن ياكى ئالدىن توك ساقلىۋېلىنغان باتارىيەنى توك مەنبەسى قىلغان بولسۇن توك مەنبەسىدىن ئايرىلغان ھامان خىزمەتتىن توختايدۇ. شۇنىڭدەك توك تۇراقسىزلىقى؛ توك بېسىمى ۋاقىتسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇش ياكى تولا توك توختاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇنداقلا ھازىرقى ئېلېترونلۇق ئۈسكۈنىلەر خىزمەتتىن توختىغان ۋاقىتتىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچىسى قاتارلىق ئىچكى زاپچاسلىرىنىڭ توكتىن ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە ياكى سىرتقى مەشغۇلات تۈگەش بىلەنلا توك مەنبەسىدىن ۋاقىتسىز ئۈزۈلۈپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بۇنداق بولۇشى ھازىرقى مۇرەككەپ سىستېمىلاشقان، ئەقلى ئىقتىدارلاشقان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بۇرۇنقى ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدىن توك مەنبەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلغان مېخانىك ئۈسكۈنە بولماستىن ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ھالقىلار تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭدا گەرچە مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ياكى سىرتقى قىسمىدىكى كۆز بىلەن كۆرۈپ بىلگىلى بولىدىغان قىسمىدىكى مەشغۇلات ئاياقلاشقاندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇرغۇن تەرتىپلەر سەل بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تاماملىنىدىغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا مەشغۇلاتنى تۈگىتىپ بولۇپلا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى توكتىن ئۈزۈۋېتىش ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىل زاپچاسلار مەسىلەن، ئىچكى ساقلىغۇچ، ئوپتىك دىسكا قويغۇچ قاتارلىقلارغا ئورۇنسىز كاشىلا ئېلىپ كېلىدۇ. كېيىنكى قېتىم قوزغىتىلغاندا، نورمال قوزغىلالمايدىغان ياكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار سەۋەپسىز يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇنىڭدا توختىتىش بۇيرۇقى نورمال ئىجرا قىلىنغان كېيىنلا خۇددى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توك مەنبە سىمىنى يىلتىزىدىن ئۈزىۋەتكەنگە ئوخشاش ئۈزىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۈسكۈنىنىڭ توك مەنبە ئېھتىياجىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلاچىسىغا توكتىن تولۇق ئۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەردە خىزمەتتىن توختىتىلغانلىق بىلەن تەڭ، گەرچە ئۇنىڭدىكى چوڭ قۇۋۋەتلىك توكقا بولغان ئېھتىياج تۈگىگەندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ۋە ياكى تور ئۇنىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم تۆۋەن قۇۋۋەتلىك توك مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۈسكۈنە كونىراپ مەلۇم مۇددەتكە بارغاندا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زاپاز توك ساقلايدىغان باتتارېيىلەرنىڭ توك ساقلاشچانلىقى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەپ سىرتقى توك مەنبەسىگە بولغا بېقىنىشچانلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا سىرتقى توك مەبنەسىدىن بىراقلا ئۇزۇۋېتىلسە ياكى ئۇزاق بىر مەزگىل توكقا ئۇلانمىسا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارىدۇ.
خۇلاسىلەپ ئېيتقىنىمىزدا، مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك مەنبەسى تۇراقلىقلىقىغا بولغان تەلەپمۇ يۇقىرىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ توك مەنبەدىن ئۈزۈلۈپ كېتىش ۋاقتىغا بولغان تەلەپمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. توك مەنبەسىدىن تولۇق ئۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق بولۇشى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەردە «ئى پ روم» دەيدىغان توكسىز ئۇچۇر ساقلىيالايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەردە توكتىن ئۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ قوللىنىلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ھە دېسىلا توك مەنبەسىدىن ئۈزغۈۋېتىش مۆلچەرلەپ بولغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇرەككەپ تېخنىكىلىق توپلاشتۇرۇلغان سىستېمىلاردا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۈسكۈنىلەر ئۆزئارا بىر- بىرىگە ئۇلىنىش ئارقىلىق نورمال خىزمەت قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇلىنىش ئاددىيراقى LTP يانمۇ-يان ئۇلىنىش، RS232 ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش، USB بارماق دىسكىسىمان ئۇلىنىش ۋە  مۇرەككەپراقى TCP/IP ئىنترانېت ئۇلىنىش قاتارلىقلار بار. ئۈسكۈنلار ئارا ئۇچۇر ئالاقىنىڭ راۋان بولۇشى يۇقىرىقىدەك ئۇلىنىشلارنىڭ راۋان ۋە تۇراقلىق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل ئۇلىنىشلار تۇراقسىز بولغان، ياكى ۋاقتىنچە ئېھتاياج يوق دەپ ئۇلىنىش ئۈزۈۋېتىلىدىغان ئەھۋاللار پۈتكۈل سىستېمىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇچۇر كەمتۈكلۈك ياكى ئۇچۇر يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئۇچۇر- ئالاقە راۋان بولماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلار دەل توپلاشتۇرۇلغان مۇرەككەپ تېخنىكىلىق سىستېمىلاردا ئەمەل قىلىنمىسا بولمايدىغان توك ۋە توردىن ئىبارەت ئىككى خىل قانۇنىيەتتىن ئىبارەت. ئادەتتە توك تۇراقلىقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپمۇ توساتتىن توك توختاپ كېتىش خەۋىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق توك ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەندىن سىرت يەنە دېزىل موتورلۇق گېنىراتورمۇ سەپلەش كېرەك. شۇنداقلا تور تۇراقلىقلىقىنى كاپالەنلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق ئىشلىتىشتىن قىزىپ كۆيۈپ كەتمەيدىغان، ھاۋا كېلىمات ۋە ئۆي ئىچى كېلىماتىغا ماسلىشالايدىغان، ئىقتىدارى تۇراقلىق، سۈپەتلىك بولغان تور ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلىشى كېرەك. شۇنداقلا يەنە سىرتقى بۇزغۇنچى كۈچلەرنى تاقاۋۇزچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تور بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىمۇ مۇۋاپىق سەپلىنىشى كېرەك. شۇنداق شۇنداق سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتىچى خادىملارغا ئومۇمىي چۈشەنچە ئېلىپ بېرىلىشى ۋە قائىدە تۈزۈملەر ئورنىتىلىپ ئادەم ئامىلى ئارقىلىق كۆرۈلىدىغان مەسىلە پەيدا قىلىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.

تېخنىكىلىق سىستېمىلار
تىجارەت سورۇنلىرىنى زەنجىرسىمان ھالەتتە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخنىكىلىق سىستېمىلارنى قوللانماي بولمايدۇ. بۇلاردىن سودا ئۇچۇرىنى توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، باش نازارەت كۆپ تارماق كونترول مەركىزى سىستېمىسى، يىراق مۇساپىلىك يىغىن سىستېمىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ سودا ئۇچۇرىنى توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى قايسى خىل يۇمشاق دېتال سىستېمىسى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسىدىلا ئورتاق پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى بىر ئاساسىي باش مۇلازىمېتىر ۋە كۆپلىگەن تارماق دۇكان كومپيۇتېرلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بولۇپمۇ باش مۇلازىمېتىرنىڭ رولى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىپ يوللاش ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. باش مۇلازىمتېرنى مەركىزى ئورۇندىكى ئاپپارات ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تېلېگراف ئىدارىسىدىن مەخسۇس تور لىنىيە سىمى ئىلتىماس قىلىنسىمۇ ياكى مۇلازىمتېرنى تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەخسۇس ئاپپارات ئۆيىگە قويۇپ، باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قايسى خىل ئۇسۇل قوللىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاساسىي مەقسەت بارلىق تارماق دۇكانلارنىڭ ھەر ۋاقىت باش كونترول مەركىزى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرالىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بولىدۇ، دېمەكچىمىزكى،باش مۇلازىمېتىرنىڭ ھەر كۈنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي تور لىنىيىسىگە ئۇلاغلىق ھالەتنى ساقلىيالىشى كېرەك. بەزى ئورۇنلاردا يەنە سىستېمىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە باش مۇلازىمېترغا يانداپ زاپاس مۇلازىمتېر سەپلەيدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. قالغان تارماق دۇكانلارنىڭ ھەر زامان تورغا ئۇلاغلىق بولۇشى ھاجەت ئەمەس. پەقەت ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى كۆرۈلگەندىلا ئاندىن تورغا ئۇلىنىش ھاسىل قىلسىلا بولىدۇ. شۇڭا تارماق دۇكانلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە تور ئۇلىنىش ھالەتلىرىگە بولغان تەلەپ ئانچە كۈچلۈك ئەمەس.
ئاساسىي مەشغۇلات سۇپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا باش مۇلازىمېتىردىكى سىستېمىغا بىۋاستە ئۇلانغان كومپيۇتېرلار مەركىزى كونترول مەركىزىنىڭ فونكسىيىسىنى ئوينايدۇ. تارماق دۇكانلار تارماق دۇكان مەشغۇلات دائىرىسى ۋە ھوقۇق چېكىدە شۇ ئورۇندا قىلىشقا تېگىشلىك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئادەتتە تارماق دۇكانلارغا بېرىلىدىغان ھوقۇق بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.
ھەرقايسى دۇكان ۋە باش كونترول مەركىزى ئۆز قارمىقىدىكى تېگىشلىك مەشغۇلاتلارنى كۈندىلىكنى كۈندە ئۆز ۋاقتىدا تامامالاپ ماڭىدۇ. ئۇچۇرلار مەلۇم دەۋر ياكى قەرەلىك ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ، تەڭ قەدەملەشتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى مەيلى مەركەزى سىستېما ياكى تارماق سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىدىلا مەلۇم مەشغۇلاتنىڭ ئورۇنداش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ياكى مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ كومپيۇتېر سائىتىنىڭ خاتا تەڭشەلگەنلىكى تۈپەيلى خاتا ساقلىنىپ قېلىشى سان- سىفىرلارنىڭ ئۇدۇللاماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ توغرا بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. بۇ توغىرلىقنىڭ چېكى ئاساسەن ھەر كۈندىكى تىجارەت باشلاش ۋاقتى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى دائىرىسىدە بولىدۇ. كۈن ئاتلاپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىر كۈننىڭ قايسى ۋاقتىدا بولۇشى چەكلەنمەيدۇ.
بۇ خىل سىستېمىدىكى نورمال مەشغۇلاتلار، باش مەركىزى سىستېمىدىكى يېڭى مال تۈرى قوشۇش، خادىم قوشۇش، ھوقۇق بەلگىلەش، تەستىق سېلىش، تۈرلەرگە ئايرىش، تارماق دۇكانغا ۋەزىپە بەلگىلەش، مال تەقسىملەش، تارماق دۇكان مال ئىلتىماسىنى تەستىقلاش، مال تولۇقلاش، مال زاكاس قىلىش، مالىيە ھېساباتىنى تەكشۈرۈش؛ تاماق دۇكانلار ئۈچۈن مال سېتىپ چىقىرىش، مال كىرگۈزۈش، مال زاكاز ئىلتىماس قىلىش، سېتىشنى خۇلاسىلەش، سېتىش دوكلاتىنى يوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى مەشغۇلاتلار شۇ مەشغۇلاتنى ئشىلەش ھوقۇقى بېرىلگەن خادىمنىڭ دەل ۋاقتىدا، توغرا مەشغۇلات قىلىشى ئارقىلىق ئورۇندۇلىدۇ.

ئەمەلىي مىساللار
دۇكانلارنى زەنجىرسىمان باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش 2002 –يىللاردىلا باشلانغان، بۇ ھەرگىزمۇ بىر يېڭى ئۇقۇم ئەمەس. شۇ يىللاردا تاللا بازارلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېىچىلىشى بىلەن دۇكان سانى بىردىن ئارتۇق بولغان تاللا بازارلىرى بەس- بەستە زەنجىرسىمان باشقۇرۇش ھالىتىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئارقىدىن بىر قىسىم ئاھالىلىكلەر رايونىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ كىچىك كۆلەمدىكى قولايىلىق دۇكانلار كۆپىيىشكە باشلاپ، بىر قىسىملىرى بىر كۆپنى باشقۇرۇش شەكلىدىكى زەنجىرسىمان باشقۇرۇشقا ئۆتتى. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرنى كۆپكە تەدبىق قىلىش يەنى بىر غەلبىلىك ئېچىلغان دۇكاننى كۆپكە تەدبىقلاش، كىچىك كۆلەمدىكى ئاز مەبلەغ بىلەن باشلانغان سودىنى كۆپ ھەسسىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلدى. زەنجىرسىمان باشقۇرۇش بولسا شۇ دۇكانلار ئارا ئېلىم-بېرىم ۋە سېتىش تەجىربىسىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش- ئورتاقلىشىش ئۇچۇن چوڭ رول ئوينىدى.
ئاشخانا رېستورانلىرىمىزغا كەلسەك، زەمجىرسىمان كۆپ دۇكانلىشىش ئېھتىياجى مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن باشلاپ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھەرەمباغ رستورانى 7 – دۇكاننى ئېچىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەنجۈر تاماقخانىسى 3- دۇكاننى، سالامان تاماقخانىسى 4- دۇكاننى، ئەلقۇت تائاملىرى 2- دۇكاننى، قەدىر پولوخانىسى 3 –دۇكاننى ئاچتى. باشقا سودا تىجارىتى بىر قەدەر ئالدىدا ماڭغان رېستوران تاماقخانىلارمۇ دۇكان سانىنى كۆپەيتىش تەييارلىقىدا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇلار دەل بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك زەنجىرسىمان باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى سىستېمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغانلار ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ باشلامچىلىرىدۇر.
تۇردى لېتىپ شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012- يىلى 15- ماي ئۈرۈمچى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-22 13:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودا تىجارەتچىلىرى ئۈچۈن ياخشى تېمىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش