كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 7

تاجدار: كىنوغا بېرىش (ئەبجەش يازما)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 23:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

كىنوغا بېرىش
(ئەبجەش يازما)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار
ئاخشام بالىلار بىلەن كىنوغا بارغانتۇق، شۇ بېرىپلا سۇغا سەكرىگىنىمنى بىلىمەن،توۋا دەيمەن جۇمۇ، قويلىرىمنى ئاچ قالمىسۇن دەپ قاراڭغۇ چۈشكىچە شۇنچە ئوبدان باقساممۇ ئەتىسى يەنە ئىشقا كېچىكىپتىمەن قاراڭلا. بۇ يىل قىشتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتسا خوشنىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى باغنىڭ غورىلىرىنى پۇتاپ بۇزىۋىتىپتىكەن،مەيلى ئاپا، دادامغا ئۆتۈك ئالساق ئالايلى دېسەم، كۈن ئاتلاتماي تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مېكىيان بەش چۈجىسىنى ئەگەشتۈرۈپ تويۇم بولغاندا تارقىتىپ بولغان باغاقلارنى چوقۇپ يىرتقىلى تۇرۇپتۇ .ئاچچىقىمدا بولدىلا، خېمىرىمنى يۇغۇرېۋىرەي دەپ پەلىيىمنى كىيىۋاتسام، خەنزۇ تىلى مۇئەللىمىم چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ. كىرسەڭ كىرىۋە، ئىشقىلىپ مەن كىرمەيمەن دەپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن يېنىپ كەلدىم.ئەسلى يېنىپ كەلمىسەممۇ بولاتتى، لېكىن تۇنجى ئايالىمنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەچكە يەكشەنبىدىمۇ ئارام ئالماي رەسىم سىزىشقا توغرا كەلدى. تازا پەيزىم بىلەن سىزىۋاتسام ئوغاقنىڭ سېپى سۇنۇپ كېتىپ بۇغدايلىرىمنى ئورۇپ بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئايالىم بىلەن مۇز تېيىلغىلىمۇ بارالمىدىم. دەل شۇ چاغدا كىچىك ئوغلۇمنىڭ سىيگۈسى كېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ نېمە قىلىق دەيمە، بىرسى ھېيتتىمۇ يېڭى كىيىم كىيەمدۇ ئەمدى؟ بۇ ئادەملەرنىڭ تازىمۇ قىزىق مىجەزى بار جۇمۇ، نەدىكى بىر چالا پىشقان گۆشنى يەيمىز دەپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپمايدۇ ئەمەسمۇ؟ قۇرۇپ كەتكەن گۈللىرىمنى ئەمدى ئېچىلماسمىكىن دېسەم، ھەر يوغان، ھەر يوغان تاۋۇزلارنى ئىككى يۈئەندىن سېتىپتۇ ئەمەسما؟شۇنى كۆرۈپ مەنمۇ بىر بېرىپ باقاي، تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلىشىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس دەپتىمەن تېخى، نەدىكىنى؟ ھەممىسى ئەمدىلا بىخ چىقارغان بېدىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەمدۇ. ناخشىدىن ئىمتىھان بېرىۋەرسەممۇ بولغان ئىكەن دەپ پۇشايمان قىلماڭ جۇمۇ. سېمونت قوشماي قۇمدا لاي ئەتسىڭىز ئۆينى بىردەمدە پۈتتۈرۋالىدىكەنسىز. ئىشەنمەيمەن دەمسىز؟ ئاڭلاپ تۇرۇڭ ھە.مانا مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئانامنى ئانام، دادامنى دادام دېسەممۇ ھېچكىم زاڭلىق قىلمىدى جۇمۇ. ئۆزەممۇ ھەيران قالدىم. شېئىرنى ياخشى يازىسەن دېگەنلەرمۇ بولدى. شۇنداقتىمۇ قارنى تازىلىۋەتمىسەم بولمايدۇ دەپ ئايرۇدرومغا شۇنچە ئالدىراپ بارساممۇ، مەن بېرىپ بولغىچە ئىمتىھان ۋاقتى توشۇپ قاپتۇ.ھەي خوتۇنۇم يەنە كوتۇلدايدىغان بولدىدە. ئەمدى ئىككىنچى چاقىرمىغان يەرگە بارماسمەن دەپ ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدە قىلدىم. تاماكامنى سورىغانلارغا بەرمىسەممۇ بوپتىكەن، ھە ئەسلىدە تېلفۇنۇمنىڭ ئېقىم مىقدارى تۈگەپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ. بالا دېگەننى نېمە دەپ باقىدۇ دەيمە. يا بىرەر قېتىم گازىر چېقىپ باقمىساڭ. نېمىشقا ئاغزىڭ قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنداق دېگىچە تاغامنىڭ ئوغلى كېلىدىكەن دېمەمسە.سەن ئۇنداق ئويلىمىغىنىڭ بىلەن خوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ بولغان تۇرسا تورغا چىقالمىساڭ مېنىڭ نېمە كارىم. مەشرەپ دېگەننىمۇ خەخ بىلەن بىللە ئوينامدۇ؟ دۇخاۋىنىڭ باھاسى ئۆسسە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەتسەڭ بوممىدىمۇ؟ قاسساپلارمۇ ئىنساپسىز بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ جۇمۇ. تۈنۈگۈن تېخى بىر يۈئەنگە ساتقان نېنىنى چايغا شۇنچە چىلىساممۇ ھېچ يۇمشاي دېمەيدىغۇ تاڭ.شۇنداق جىلى بولۇپ ئاخىرى كىنومۇ تۈگىدى. نەنمېندىن ئاققوۋۇققا تاكسى بىلەن ساق 3 سائەت مېڭىپ ئۆيگە كەلسەم چوڭ قىزىمنىڭ بۆشۈك تويى قىزىپ كېتىپتۇ. بۇنداق قىزىۋەسە چاتاق چىقمىسۇن دەپ دوختۇرغا ئاپارسام، نېمە دەيدۇ دەڭ : ئەمدى ئامال يوق ئاكا، 2 نومۇرى كەملەپ قاپتۇ ئەمەسمۇ. ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئۆتكەن يىلقى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتمىسە بولمايدۇ. ئۆتەلمىسىمىغۇ ھېچ گەپ يوق، لېكىن مۇشۇ ئاق پايپاق دېگەننى پۇتىڭىزدىن سالماي بىر ئايلا كىيسىڭىز پارنىكتىكى قوغۇنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈششۈپ كېتىدىكەن قاراڭ،دەيدۇ. ھەي، بۇ جاھان نېمە بوپ كېتىپ بارىدۇ دەيمە. قىرىق ياشقا كىرگەن تۇرۇپمۇ قەلىمىمنىڭ سىياسى تۈگىدى دەپ كىر يۇيۇشتىن قاچقان بارمۇ؟
رادىئو ئاڭلاۋېرىپ پۇتۇمنىڭ ئالقىنىغا قاداق پەيدا بوپ قالغىنىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ؟ ھە، گەپ دەل مۇشۇ قېيىنئانامنىڭ ئۆيىدە بولغان سۈننەت توينىڭ مەسلىھەتىدە. چاچ چۈشكەندە ئاپتاپ چىقىۋەرسە ئاياللارنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقىدىكەن دېگەن گەپنى كىم تاپتىكىن تاڭ؟ گەپ تاپسىمۇ مەيلى، پۇل تاپقىنى بەك يامان بولدى جۇما. ئېسىت، ئېسىت، بىر چىرايلىق قىزنى تونۇشتۇرۇپ قويسا يېڭى كۆكتات يېمەيتتىم دەپ بەرەڭگە قېزىپ يۈرسە قانداق بولىدۇ؟ ئەمدى تاماق يېمىسەممۇ يېمەيمەن لېكىن مومامنى كارتون فىلىم كۆرگىلى قويمايمەن. بولمىسا ھازىرقىدەك بۇرنۇم قاناپ كەتسە دىسكو ئويناۋاتقان دوستلىرىمنىڭ كىيىملىرىنى ئوغرى ئالىدىغان ئىش چىقىدىكەن.
2014-يىلى 13-15-دېكابىر. ئۈرۈمچى
[ بۇ يازمىنى چاخچاق تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-18 23:57 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-19 10:18 ]


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-20 00:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبەي تاققا-تۇققا بۇ نەرسىلەرنى كۆرسە چوقۇم ئاغزى قولىقىغا يەتكۈدەك !.....

ۋاقتى: 2014-12-20 20:37:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاققا-تۇققا دېگەندە تەكرارلىقلار بەك كۆپ...بىرى-بىرىنى دوراۋاتقاندەكلا....ئاساسەن يېڭى پىكىر-يېڭىلىق يوق.....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 20:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام مەتتوختىكا، تاققا-تۇققۇدا يېڭىلىق يوق دەپلا. ئەبەي تاققا-تۇققۇدىن ئاڭلىغىنىمدىن باشقا بىرەر مەتبۇئاتلاردا تاققا-تۇققۇ پاراڭ كۆرۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن مەن بۇ پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن. چۈنكى تاققا-تۇققۇ دېگەننى مەن : «ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىز  سۆز-جۈملىلەرنى  تىلىمىزدىكى ھەر خىل باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلاپ گويا ھەممىسى بىرلا مەزمۇندىكى ھېكايىدەك تۈس بېرىلگەن سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى» دەپ چۈشىنىمەن. شۇڭا سىلە كونا-يېڭىلىقى بىلەن ھېسابلاشماي باغلاشمىغان يېرى بارمۇ-يوقمۇ؟ شۇ تەرەپلەرگە پىكىر بەرگەن بولسىلا. ئەگەر ئۆزلىرىگە مەنزۇر كەلمىگەن بولسا ئىنكاس يازمىسىلىرىمۇ مەيلى. ئامان بولغايلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 20:48:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 20:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەتتوختىكا، تاققا-تۇققۇدا يېڭىلىق يوق دەپلا.  ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 20:49  


ۋاقتى: 2014-12-20 22:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    بىزنىڭ ئىشخانىدىكىلەر بۇنى داڭقان پۇتى پاراڭلار دەپ قويىمىز   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 22:10  


ۋاقتى: 2014-12-21 00:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما بىر قىسم پاراڭلارنى دىئالوگ شەكىلىگە كەلتۈرۈپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن، مۇشۇ تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتكەن ئوخشايسىز!

ۋاقتى: 2014-12-23 15:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققا- تۇققا سۆزلەرنى ئىجاد قىلىش كىشىدىن ئىنتايىن چوڭقۇر يۇمۇرىستىك تىل بالاغىتىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈر. يەنە كېلىپ تاققا- تۇققا سۆزلەش يالغۇز بىر ئەبەيگە بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن ئىش ئەمەس. تاجدارنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى. تاجدار ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە، ئەقلىگە ئاپىرىن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش