يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 14204|ئىنكاس: 25

تۆمۈر داۋامەت: خەلقىمگە سالام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 13:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا
ياشلار تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ سالىمىغا شىئېرىي سالام يوللىدى
  تۆمۈر داۋامەت ئاكا ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدىن خەلقىمىزغا شىئېرىي سالام يوللاپ، پۈتۈن خەلقنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرگەنىدى، شىنجاڭدىكى ياشلارمۇ تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا شىئېرىي سالام يوللاپ، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھى ھالىتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا ساقلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى. تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:


خەلقىمگە سالام

تۆمۈر داۋامەت

ئۇرغۇپ تۇرغاچ غەيرىتىم ياش سېزەتتىم ئۆزۈمنى،
گۈزەل پارلاق مەنزىلگە تىككەن ئىدىم كۆزۈمنى.

تاغدەك مەدەت بېرەتتى ئارمان دىلدا يالقۇنجاپ،
چاپتىم شۇڭا توختىماي تۇلپارىمنى قامچىلاپ.

ئاخىر ھاردۇق يەتتىمۇ يېتىپ قالدىم تۇيۇقسىز،
چىڭ يېپىشتى نەس كېسەل بەدىنىمگە ئۈن- تىنسىز.

مەركەز مەخسۇس ئۇچقۇدا بېيجىڭغا تېز يەتكۈزدى،
يۈرىكىمنى چۇلغىغان غەم- غۇسسىنى كەتكۈزدى.

دوختۇرلارنىڭ ئۇستىسى ئايرىلمىدى يېنىمدىن،
يەڭگىللەتتى ئازابنى ئۆتسە ئاغرىق جېنىمدىن.

كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ قۇتۇلدۇردى قانچە رەت،
ئاغرىقلارغا يۈرەكتىن باغلىغاچ چىن مۇھەببەت.


سېستىرالار كۆيۈندى پەرۋانىدەك پىرقىراپ،
لوقمان كەبى ئەملىدى تەن ئاغرىسا سىرقىراپ.

تەسەللىسى مەلھەمدەك بولدى شىپا يۈرەككە،
يايراپ كۆڭلۈم باغچىسى تولدى ئالتۇن چېچەككە.

مەركەزدىكى رەھبەرلەر كەلدى يوقلاپ ھال سوراپ،
ئاقتى يېشىم قەلبىمنى ئىللىق ئېقىم چىڭ ئوراپ.

غەيرەت بەردى كۈچ بەردى ياخشى تىلەك تىلىشىپ،
ئاتىسىدەك ھۆرمەتلەپ ئۆز تۇغقىنى بىلىشىپ .

ھاياجاندىن ۋۇجۇدۇم كەلدى شۇئان لەرزىگە،
ياغمىسىمۇ رەھمىتىم يەتسە ئادەم قەدرىگە.

ئانا يۇرتتىن قانچىلاپ دوست- يارەنلەر يوقلىدى،
ئاغرىپ سۇنغان كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇردى توقلىدى.

ئۇلار تۇرغاچ يەتكۈزۈپ سالىمىنى خەلقىمنىڭ،
خويمۇ قاندى چاڭقىغان تەشنالىقى قەلبىمنىڭ.


بەزەن كېچە كۆز يۇمماي خىيال سۈرۈپ ياتىمەن ،
خىيالىمدا دىيارنى سۆيۈپ كۆكرەك ياقىمەن.

يۇرتداشلارنى قۇچاقلاپ قانسام يەنە مېھرىگە،
ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلسەم قاراپ نۇرلۇق چېھرىگە.

تاڭ ئاتقۇچە مۇڭداشسام قىشتا ئۇچاق ئالدىدا
يازدا بىللە تۆكسەم تەر تەك ئاستىدا دالىدا.

ئۇلار ئېيتسا دەردىنى مەن تىڭشىسام زەن سېلىپ،
كۆيەر خەلقىم ئىشقىدا پۈتۈن تېنىم ئوت ئېلىپ.

ئاھ بولارمۇ قايتىدىن ماڭا نېسىپ شۇ چاغلار،
يەنە قۇچاق ئاچارمۇ مېۋە سانجاق گۈل باغلار.

خىيالىمنىڭ تېگى يوق، ئارمىنىمنىڭ چېكى،
بولدى ئۈمىد چىڭ ھەمراھ، شۇڭا كۆڭلۈم خېلى توق.

گاھى دەڭسەپ باقىمەن، ئۆز ئۆزۈمنى سوراقلاپ،
ئۆمۈر ئىزىم پۈتۈلگەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاپ.

خەلقىم كۈتكەن ئۈمىدنى مەن قانچىلىك ئاقلىدىم،
دىلدا قەنتدەك سۆزىنى ھەم قانچىلىك ساقلىدىم.

جاۋاب تاپسام مەن ئاڭا، قىلماي يەنە قانائەت،
تولۇقلىسام دېگۈم بار كەم قالغاننى داۋامەت.

كىرەر دائىم چۈشۈمگە خىزىر سۈپەت دېھقانلار،
ئورما ئورىغاچ ناخشىنى چاڭ كەتكۈزۈپ ئېيتقانلار.

چېكىسىدىن كۆمۈش تەر تامچىلايدۇ ئېڭىزغا،
دولقۇنلىغان بۇغدايزار ئوخشاش ئالتۇن دېڭىزغا.

مەن ئۇلارغا ياندىشىپ سول يارىمەن غەيرەتتە،
قىرغا يەتسەك ئاياللار چاي تۇتىدۇ ھۆرمەتتە.

چاقچاق پاراڭ قوغلايدۇ ھارغىنلىقنى يىراققا،
ئورما داۋام ئېتىدۇ ئاي قونغۇچە ئورغاققا.

بەزى تېخى چۈشۈمدە يايلاق ئارا ئات چېپىپ،
جۆر بولىمەن ئاقىلغا جۇشقۇن ياڭراق كۈي قېتىپ.

سالام بېرىپ چال كەمپىر كىگىز ئۆيگە باشلايدۇ،
پاخلان سويۇپ ئەزىزلەپ مول داستىخان راسلايدۇ.

سۆيۈندۈرەر ئالەمچە دىلنى ئەلنىڭ ھۆرمىتى،
ھۆرمەتتە بار ئۇلارنىڭ نى چوڭ ئۈمىد رىغبىتى.

سازەندىلەر كېلىدۇ كۆز ئالدىمغا بەزەن چاغ،
جاراڭلىتار مۇقامنى يۈرىكى ئوت يانار تاغ.

قىزىتار ھەم مەشرەپنى ئاۋام بىلەن تەڭ كۈلۈپ،
ھارماس چالسا نەچچە تۈن غەيرەت بىلەن يەڭ تۈرۈپ.

ماھارىتى غەيرىتى قايىل قىلار ھەر جاننى،
قىزغىن ئالقىش ھۆرمەتتىن تاپار پۈتمەس دەرمانى.

مەنمۇ چۆكسەم ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شۇ چاغدا،
شوخ پەدىگە بىر چالسام قالماس ئىدىم ھېچ داغدا.

ئۇنى ئويلاپ ياتىمەن، بۇنى ئەسلەپ باقىمەن،
خىياللىرىم كەڭ دېڭىز دولقۇنىدا ئاقىمەن.

بەك سېغىندىم خەلقىمنى سېغىنغاندەك ئۇلارمۇ،
باغاشلىسام قانغىچە ئاندىن كۆڭلۈم تۇلارمۇ.

خەلقىم باتۇر شىر يۈرەك شىجائەتلىك ئەمگەكچان،
نى مۈشكۈللەر ئالدىدا باش ئەگمىگەن ھەر قاچان.

ئىجادكارلىق خىسلىتى تۆھپىسى چوڭ ئىنسانغا،
ئادىل جاۋاب تاپىسەن باقساق قامۇس دىۋانغا.

پەزىلەتلىك ئاق كۆڭۈل بەلكىم تەڭداش تېپىلماس،
مېھمانلارغا ئىشىكى دائىم ئوچۇق يېپىلماس.

ئويلاپ ياتتىم خەلقىمنى بەردى خەلقىم كۈچ مەدەت،
كېسەل بىلەن ئېلىشىپ كەلدىم بەرمەي بوي پەقەت.

باتۇر خەلقىم ئىلھامچىم مەدەتكارىم تۈۋرۈكۈم،
مەڭگۈ مايىل ئۇلارغا ساداقەتلىك يۈرۈكۈم.

ئىزھار ئەيلەپ كۆڭلۈمنى ئالىي سالام يوللايمەن،
دىيانەتلىك خەلقىمنىڭ ھەق ئىشىنى قوللايمەن.

سالام خەلقىم سىلەرگە بولغايسىلەر سالامەت،
پارلاق گۈللەش يولىدا سۈرگەيسىلەر پاراغەت.




«داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا»
(ئەزىز مۆھتەرەم ئۇستاز تاغىمىز تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا بېغىشلايمەن)
ئابدۇراھمان تۇرغۇن

تۆمۈر دېگەن مەزمۇت دېگەن سۆز،
ھارماس تالماس قەيسەر دېگەن سۆز،
بىز ياشلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆز،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

كېسەل نىچۈن سېنى تاپقاندۇ،
كېسەل ئۈچۈن نامزات كۆپتىغۇ،
تەڭرىتاغمۇ غەمگە چۆمدىغۇ،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!


كېسەللەرگە دەپ قويساڭ شۇنى،
كېچىپ سەندىن تاپسۇنچۇ بىزنى،
بىزلا تارتساق كېسەللىرىڭنى،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

سەندەك ئوغلان چىقمىقى مۈشكۈل،
كائىناتتىن زېمىندىن پۈتكۈل،
ساڭا سۇندۇق سانسىز قىزىل گۈل،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

تەڭرىتاغدىن ئېگىزدۇر قەددىڭ،
خەلقىم دەپلا ئۆتتىغۇ ئۆمرۈڭ،
ساقلىق تىلەر ساڭا ھەم خەلقىڭ،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

دىيارىڭغا يازغان سالىمىڭ،
يېتىپ كەلدى بىباھا شىئېرىڭ،
ھەم سۆيۈندى بارچە ئەل خەلقىڭ،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!



سەن قالدۇرغان ئىزلارنى بويلاپ،
ماڭماقتىمىز شۇ يولنى بويلاپ،
غەم يېمىگىن ياشلارنى ئويلاپ،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

ساڭا تۈگىمەس سۆزلىرىمىز بار،
چىن يۈرەكتىن تىلىكىمىز بار،
چوڭقۇر ساڭا ھۆرمىتىمىز بار،
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!

ئەزىز تېنىڭ ساق بولسۇن ئاكا!
ئۆمرۈڭ ئۇزۇن ئاق بولسۇن ئاكا!
گويا قەددىڭ تاغ بولسۇن ئاكا!
داۋام ئەتكىن داۋامەت ئاكا!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 23:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-18 17:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر داۋامەت ئاكىمىزنىڭ بۇ شئېرنى ئۈندىداردا ئوقۇپ كۆزۈم نەمدەلگەن ئىدى ، تېما يولىغۇچىغا رەھمەت ،


ۋاقتى: 2014-12-18 18:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق قۇش ئۇۋىسىعا قاراپ ئۇچىدۇ،تۉمۅر ئاكىنىڭ كۉڭۅل قۇشى ئەل يۇرتقا قاراپ ئۇچۇپتۇ،ئۇنىڭ ئەلگە يازعان مەكتۅبى دىللارنى شادىمان ،ئۉزىنى ئامان قىلعاي...

ۋاقتى: 2014-12-18 18:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن رەھبەر تۆمۈر داۋامەت ئاكىمىزنىڭ تىنىگە  ساقلىق ، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-18 18:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل ئوغلانى،شائىر تۆمۈر داۋامەتنىڭ تېنىگە ساقلىق،ئىجادىيىتىگە بەرىكەت يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2014-12-18 19:52:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر داۋامەت ئاكىمىزنىڭ تىنىگە  ساقلىق ، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-18 20:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۇر داۋامەتكە

ئامىنە ئابدۇۋايىت

سالام سىزگە ئەي ئۇستاز،
شائىر تۆمۇر داۋامەت.
‹‹مۇز تاغ ئاتا›› تىلەيدو،
ئۆمرىڭىزگە قۇت-نۇسرەت.

بولدى بىزگە ئەڭگۇشتەر،
دىۋان ‹‹ئۆمۇر ئىزلىرى››.
ئامراق سىزگە ئەزەلدىن،
تاجىك ئوغۇل-قىزلىرى.

مەنزىللەردە قۇچۇڭ شان،
مەدەتكاردۇر خەلقىمىز.
چىن موھەببەت شاھىدى،
‹‹ئامان بىلەن ئەختەر››قىز.

‹‹چوگۇر››ئالار بېشىغا،
پامىر تامان كەلسىڭىز.
‹‹چوپان ئاتام››بولدى باي،
ئېغىلىدا قوي سېمىز.
‹‹››ئىچىگە ئېلىنغىنى شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ باش تىمىسى

2013-8-8-ئاقتۇ

ھېيىتلىق سالام دېگەن شېئىرىمدىن ئېلىندى.



ۋاقتى: 2014-12-18 20:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا ساقلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-12-19 11:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا ساقلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-19 12:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھبىرىمىز تومۈر داۋامەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئۇيغۇر كىلاسسسىك ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ئۇنتۇلماس تۆھپىلىرىنى خەلقىمىز مەڭگۇ ئۇنتۇمايدۇ.
رەھبىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزاراق ئەسلىگە كېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

باھا سۆز

توغرا دەيسىز، ياخشىلار ئامان بولسۇن!  ۋاقتى: 2014-12-21 12:25 AM
ۋاقتى: 2014-12-19 12:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلنى سۆيگەن ، ئەلمۇ سۆيگەن رەھبەرلىرىمىز ئامان بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-12-19 12:31:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن رەھبەر ، ئاتاقلىق شائىر تۆمۈر داۋامە ئاكا بىز بىلەن مەڭگۈ بىللە .ئۇنىڭ ئۆمرۈنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى  تىلەيمەن .ئۇنىڭ ئەلگە سۇنغان سالىمىدىن دىلىم ئالەمچە سۈيۈندى ، رەھمەت !

ۋاقتى: 2014-12-19 12:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ ئەزىز تېنىگە ساقلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-12-19 17:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆمۈرنىڭ ئەسلىمۇ زاتىمۇ تۆمۈر،
    شۇ سەۋەپ سۈرگەيسەن،
        ئۇزۇن بىر  ئۆمۈر.

ۋاقتى: 2014-12-19 17:52:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمۈر داۋامەت ئاكىمىزغا سالاملىرىمىزنى يوللايمىز،ئ‍اللاھتىن كىسىلىگە شىپالىق تىلەيمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش