زامانىدىن پاكزات 1970-يىلى غۇلجا ناھىيىسى چۇلۇقاي يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى جوڭگۇ تىل-ئەدەبىياتى فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.1993-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
زامانىدىن پاكزات ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقىغا قىزىققان.1986-يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم شىئېر ۋە بالىلار ھېكايىلىرى «ئېلى گېزىتى»،«ئىلى دەرياسى»،«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»،«تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بۈگۈنگە قەدەر شىئېر، نەسىر، ھېكايە، داستان، بالىلار شىئېر-قوشاقلىرى، بالىلار ھېكايىلىرى،بالىلار پوۋېسىتى،بالىلار چۆچەكلىرى،بالىلار نەسىرلىرى قاتارلىق ژانىرلاردا 300 پارچىغا يېقىن ئەسەر ئېلان.ئون نەچچە ناخشا تېكىستى رادىئو – تېلۋىزىيەدە ئاڭلىتىلغان،بىر قىسمى باشلانغۇچ مەكتەپ«مۇزىكا»دەرسلىكىكە،توت-بەش پارچە ئەسىرى باشلانغۇچ مەكتەپ «ئەدەبىيات» دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 1999-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ «بالىلار ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا،2001-،2003-يىللىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.2009-يىلى «شىنجاڭنى كۈيلەش» ناخشا كۆرىكىدە ناخشا تېكىستى ــ«بەخت قۇشۇم»«ئالتۇن مۇكاپاتى»غائېرىشكەن. 2013-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «تارىم غۇنچىلىرى بالىلار ئەدەبىياتى»غا ئېرىشكەن.
2005-يىلى بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمىدىن «تويغا ماڭغان مۈشۈك»(شېئىر) «قاچقۇن دوستلار» (ھېكايە - چۆچەك) نەشىر قىلىنغان. 2006-يىلى ئالىي تېخنىكوم-ئېنىستېتوتلار دەرىسلىكى«بالىلار ئەدەبىياتى»نى تۈزۈش ، 2008 - 2009 -يىللىرى قوشتىللىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«ئەدەبىيات»دەرىسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.
2008-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبوللانغان.2012- يىلى «شىنجاڭلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى» قاتارىدا شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىر ئايلىق تەرربىيىلىشىدە بولغان.2013-يىلى شېئىرلار توپلىمى «يىڭناغۇچ قانىتى» نەشىر قىلىنغان.