يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 2

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 10:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلار


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپلىگەن ئىشنىڭ بازار ئىگىلىكىگە قاراپ يۈزلىنىشى نەتىجىسىدە يېڭىدىن نۇرغۇن كەسىپلەر بارلىققا كېلىپ، كارخانا قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ياشلاردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ماس ھالدا خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق بولغان كارخانىلارمۇ كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەسىلە، خىزمەت ئىزدۈگۈچىلەر بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالاقە ۋە چۈشەنچىنىڭ كەملىكىدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇ توغرىدا كارخانا ئورۇنلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
قايسى خىلدىكى خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ خىزمەت تەلىپى، ئالاھىدىلىكى، كەسپىي تەلىپى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى قاتارلىقلار ئېنىق تەھلىل قىلىنىپ، شۇ ئورۇنغا قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىنىڭ ياش چەكلىمىسى، ئوقۇغان كەسپى، خىزمەت تەجرىبىسى، قىزىقىشى قاتارلىقلار توغىرسىدا ئېنىق ئۆلچەم بېكىتىلىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى نىشان مائاش تەمىناتى تۇرغۇزۇلۇپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى كېرەك. مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىي ئۇدۇل كەلمەيدىغان ياكى قىزىقىشى بويىچە ئىككىنچى كەسپىنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئىزدەيدىغانلارنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى قارا-قۇيۇق قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرنى ئۇزاق مۇددەت تۇتۇپ تۇرالماسلىق ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا كەڭ تۈردە ئېلان بېرىش كېرەك. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا گېزىت، رادىئو، تېلېۋېزور، تور بەت قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان بېرىپ تۇرۇش بىر تەرەپتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشىنى ئىجتىمائىي مەنبە بىلەن تەمىن ئەتسە يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئېلانى رولىنى ئويناپ، كارخانا ئوبرازىنى يارىتىشقا پايدىلىق. ئۇچۇر تارقىتىش تولىمۇ قولايلاشقان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ كەڭ تارقىلىشى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە ئاممىنىڭ كارخانا ئورۇنلىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.
خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش. خىزمەتكە قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى تېلېفون ۋە باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئالاقىلىشىپ، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەلگەن ھامان ئۇلارغا خىزمەت ئورنى ۋە كارخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش، ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ كۆرۈش، بىر قىسىم ئىشلارغا بولغان كۆز قارىشىنى سوراپ كۆرۈش ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە شۇ خىزمەتكە لايىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەخنىمىي باھا بېرىپ چىقىش كېرەك. نەتىجىسىنى شۇ چاغدىلا ئوچۇق ئېيتىۋەتمەي، شۇ خىلدىكى خىزمەت ئىزدىگىچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئاندىن ئەستايىدىل قارار چىقىرىش كېرەك.
يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەنلەرنى تەربىيىلەش مىخانىزىمى بولۇش كېرەك. يېڭى خىزمەتچىلەرگە رەسمىي ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم بىر مەزگىللىك تەربىيىلەش باسقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭدا بىر يېڭى خىزمەتچىگە بىر كونا خىزمەتچى ئىگە بولۇش ۋە قەرەللىك كوللىكتىپ دەرس سۆزلەش ئۇسۇلى يولغا قويۇلسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا يەنە سىناق ئېلىش، پىكىر قاتناشتۇرغۇزۇش، مۇھاكىمە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيىلەنگۈچىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرگەن-مەركەزلەشتۈرمىگەنلىكى ۋە تەربىيىلەشكە ماسلاشقان- ماسلاشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ.
كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ئىختىساسلىقلارنىڭ داۋاملىق يېتىشىپ چىقىشى تولىمۇ زۆرۈر. جەمئىيەتتىن يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالانتلىقلارنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيىلەشكىمۇ مەلۇم نىسبەتتە مەبلەغ سەرپ قىلىش كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار كەم بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا "ئەقلى-ھۇشى جايىدا  بولسا يېتەكلەپ كەتكىلى بولىدۇ، خالىسىلا ئورۇندىغىلى بولمايدىغان خىزمەت يوق" دەيدىغان قاراشتا بولۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. كەسپىي دەرسلەردىن نەزەرىيىۋىي ئاساسى بار خىزمەتچى بىلەن مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىغان خىزمەتچىنىڭ ھامان ھەل قىلغۇچ پەيتلەردە قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلىرى پەرقلىق بولىدۇ. ئوقۇش تارىخىنى نەزەرگە ئىلماسلىق، ئوقۇغانلارغا ئوقۇمىغانلار بىلەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلماسلىق نەتىجىسىدە پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۇقىرى مەلۇماتلىق ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، يۇقىرى ساپالىقلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كارخانىچى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش تارىخىغىمۇ سەل قارىماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىجابىي پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە يەنىمۇ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىرى 2014-يىلى 14-ماي كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 10:35  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-18 11:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ، كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشا  پايدىلىق ماقە ئىكەن، ئۇلارنىڭ تورغا چىقىدىغان ۋاقتى يوق ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2014-12-18 13:22:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش