يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 686|ئىنكاس: 10

لاۋا : نۇرلۇق مەشئەل (تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى سىنارىيەسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 10:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                   نۇرلۇق مەشئەل


  (قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان مەخسۇس فىلىم سىنارىيەسى)



                                                    ئاپتورى : ئوسمانجان زۇنۇن

1.
ئاتۇش سەنىمىنىڭ شادىيانە مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ئېكرانداھەيۋەتلىك  مۇزتاغ ئاتا چوقىسى،گۈزەل يايلاق ،توپ-توپ پادىلار ،چىگرا قاراۋۇلخانىلىرى، چىگرا چارلاۋاتقان ئەسكەرلەر، بۈركۇتلىرى بىلەنئوۋقىلىۋاتقان ئوۋچىلار،تورغات ،سىمخانا چىگرا ئېغىزلىرى،  پەلەك دەرۋازىسى، ئۈزۈم،ئەنجۇر، ئانار ئۈزۈۋاتقان باغۋەنلەر، رەستە-سۇكانلاردىكى تىجارەتچى –خېرىدارلار، زاۋۇت ۋە ئىگىز بىنالار،ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ ھويلىسى ،ئاتۇش شەھەرىنىڭ  خەلق مەيدانى ،سەيپىدىن ئەزىزى خاتىرە سارىيى ، ئاكا –ئۇكا مۇسابايوپلارنىڭ ھەيكىلى،مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيى ...  ئاندىن ئوبلاسىتلىق1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇتۇش رايوندا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى كۆرۇنۇپ ،مەكتەپ  ۋە داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى بىر –بىرلەپ ئۆتۈپ ئاخىرىدا مەكتەپ گىرىبى ئاستا-ئاسا چوڭۇيۇپ كامىرانى قاپلايدۇ.

ياندىن بايان  :

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى - ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدە، ھەيۋەتلىك تەڭرى تاغلىرى بىلەن پامىز تاغلىرىنىڭ بىرلەشكەن جايىدىكى گۆھەر زىمىن.بۇ  تەكلىماكاننىڭ غەربىي شىمال گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىق باغلار بىلەن گۈزەل يايلاق ۋە ھەيۋەتلىك قارلىق چوقىلار گېرەلىشىپ كەتكەن، مۇقەددەس تۇپراق . ئوبلاستىمىزنىڭ مەركىزى –  يىپەك يولىدىكى قەدەمىي بازار،مەرىپەت بۆشۈكى ،مۇناقى ئۈزۈم ۋە ئەنجۇرماكانى ئاتۇش شەھرىدۇر. شەھەردىكى  خەلق مەيدانىنىڭ شەرقىدە قىزىل بايراق لەپىدەپ ،مەرپەت مارشى ئۈزۈلمەي  ياڭراپ تۇرىدىغان ئىككى ئوقۇتۇش رايونى ھەيۋەتلىك  قەدكۆتۈرۈپ تۇرۇدۇ.مانا بۇ، 60 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ،باغچىلاشقان مەكتەپ،كۆپ خىللاشقان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى خىزمەت ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان مەكتەپ، شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ئوقۇغۇچىلار مەنبە بازىسى ، قىزىلسۇ ئوبلاستى بويىچە كۆزنەك مەكتەپ دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن نۇرلۇق مەشئەل - قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم  ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ.
2
«مەكتەپ ناخشىسى»غا ئەگىشىپ،كامىرا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاستا –ئاستا مەكتەپنىڭ ئىچىگە قاراپ سىلجىيدۇ.ئېكراندا مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسى ،يىغىن زالىدا  مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقان ، دەرىس خانىدا ئوقۇتقۇچىلار دەرىس سۆزلەۋاتقان ،ئوقۇغۇچىلار دەرىس ئاڭلاۋاتقان، تەجىربە خانىدا تەجىربە ئىشلەۋاتقان، مەيداندا توپ ئويناۋاتقان، ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان ، ياتاقتا كىتاپ كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەر  ۋە مەكتەپ بىناسىنىڭ قەدىمكى ۋە  ھازىرقى كۆرۈنۈشلىرى مەكتەپنىڭ 40- يىل ۋە 50 يىللىق خاتىرلەش پائالىيتىكى كۆرۈنۈشلەر   نامايەن بولىدۇ.. .

ياندىن بايان :

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 1953- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە «ئاتۇش ناھىيلىك ئوتتۇرامەكتەپ»دەپ ئاتىلاتتى.1954- يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغاندا نامى «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ»كە ئۆزگەرتىلگەن.
  مەكتىپىمىزپارتىيە مىللى سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق  ھۆكىمىتنىڭ توغرا  رەھبەرلىكى ۋە  سەمىمىي  غەمخورلىقىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەر مەيدانى 140مىڭ597 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 41مىڭ654 كۇۋادىرات مىتىر بولغان ،273 نەپەر ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى،54 سىنىپ، 2369 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ،ئۇيغۇر ،خەنزۇ، قىرغىز ، تاجىك ،خۇيزۇ،موڭغۇلدىن تەركىپ تاپقان. رەھبەرلىك كوللكتىپى كۈچلۇك،ئوقۇتقۇچىلىرى سەرخىل ،ئوقۇغۇچىلىرى ئەخلاقلىق ھەم تىرىشچان،ئوقۇتۇش  شارائىتى ياخشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى ،تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن،مۇھىتى گۈزەل بولغان  ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىللىق مەرىپەت ئائىلىسىگە ئايلاندى.

3
ئېكراندامەملىكەتتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن  مۇدىرى سەيپىدىن ئەزىزىى نىڭ سۇرىتى ۋە ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايونىىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، مائارىپ مىىسترلىقى ئاساس مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى -- ،مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھېم ، ۋە ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ شۇجىسى يەن فىنشىن ، زىڭسۇن، ئوبلاسىت باشلىقلىرىدىن  مەھەممەت ھەسەن ، پەرھات تۇردى، قەلبنۇر ھۇسەن ، لىيۇ جۇنخەي،مەمەمت نۇر ، ۋاڭ شىنجوڭ،نەنچاڭ 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوبلاسىتلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ... قاتارلىقلارنىڭ مەكتىمىزدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۇرگەن ، قۇلۇشقا ئۇل سالغان ، يىغىن ئاچقان چاغدىكى كۆرۈنۈشلەر بىر بىرلەپ ككۆرۈنىدۇ.

ياندىن بايان :

مەكتىپىمىز قۇرۇلغان60 يىلدىن  بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتىپىمىزنىڭ تۇرلۇك ئىشلىرىنى قوللاپ يېقىندىن كۆڭۈل بولدى.  ئاتاقلىق   دۆلەت   ئەربابى ، پېشقەدەم   پورۇلتارىيات ئىنقىلاپچىسى ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى سەيپىدىن ئەزىزى «ئاتۇش خەلقى شىنجاڭدا پەننىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا باشلامچى بولغان ئىدى.مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ،يەنىمۇ تىرىشىپ،مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا نەمۇنە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى.
         دولەت ، ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ رەھبەرلىرى،ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك ، كومتېت، نازارەت –ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى مەكتىپىمىزگە كۆپ قېتىم كىلىپ، خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بەردى . قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەر ساھەلەر بويىنچە يار –يۆلەكتە بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيلەشكە يارىدەم بەردى .
4


ئېكراندا ، مەكتەپ پارتكومى ھەيئەتلىرى يىغىنى ۋە كىڭەيتىلگەن يىغىنى، چوڭ –كىچىك يىغىنلار ، سىياسىي ئۆگنىش ، دىمۇكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرى، ھەر قايسى ئاساسى قاتلام پارتىيە ياچايكىلىرىنىڭ يىغىنلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسۇتۇلىدۇ.

ياندىن بايان :
مەكتەپ پارتكومى پارتىيە خىزمىتىنى باشتىن ئاخىر موھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك ،باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يونىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ،پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،«مائارىپنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۇرۇش ،ئەخلاقىي، ئەقلىي ،جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققى قىلغان سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشىتۇرۇپ چىقىش»نى  تۇپ مەقسەت قىلىپ،پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش  تۇزۇمىدە چىڭ تۇردى. دىمۇكراتىك مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ تەنقىت ، ئۆز ـ ئۆزنى تەنقىت قىلىشىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئوچۇق ئاشكارە، كادىرلارنىڭ پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى . پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان سىياسىي  ئىددىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىلوگىيە ساھەسىدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىككەقەتئىي قارشى تۇرۇپ،مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خزمىتنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  
  
  5
مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۈجىسى لى شۆيىڭ مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلىدۇ  


6
ئېكراندا ، مەكتەپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆۈنۈشلەر، سىنىپلاردائېچىلىۋاتقان  مەخسۇس تىمىلىق سىنىپ يىغىنلىرى ، تەسىرات سۆزلەش ، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى، لىي فىڭدىن ئۈگۈنۈپ ياخشى ئىش –ھەركەتلەرنى قىلىۋاتقانلار،ئىنقىلاۋى ناخشا ئېيتىۋاتقان خور ئۆمەكلىرى نىڭ كۆرۇنۇشلىرى ، مۇكاپات لەۋھەلىرى ، بايراقلار بىر-بىرلەپ نامايەن بولىدۇ.

ياندى بايان :

ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا كىشلىك قارىشىنى يىتىلدۇرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. مەكتەپ پارتكومى ۋە مەمۇرىيتى ئەخلاقىي تەربىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن -ئاخىر چىڭ تۇرۇپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك،دۆلەتنى ،خەلىقنى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ،ئىلىم –پەننى سۆيۈشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى،تىرىشىپ ئۆگىنىش،ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشتەك جەڭگىۋار روھنى تەشەببۇس قىلىپ،مىللى بۆلگۈنچلىك ، زوراۋان تېرررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يىتىلدۇرۇشكە يۇكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەننى ،شىنجاڭنى سۆيىدىغان،ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا  ئىلگىرلەيدىغان ئۇلۇغۋار روھنى يىتىلدۇرۈشكە ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.   

7

ئېكراندا،ھەرقايسى ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قېترقىنىپ دەرىس تەييارلاۋاتقان، دەرس ئۆتۇۋاتقان، كوللىكتىپ دەرىش ئاڭلاۋاتقان ،  كولىكتىپ دەرىس تەييارلاۋاتقان،قىزغىن مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ، تەجىربە خانىدا تەجىربە ئىشلەپ كۆرسۇتۇۋاتقان ،ئىلىكتېرونلۇق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ، ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىل دەرىس ئاڭلاۋاتقان، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنىۋاتقان... بىر قاتار كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنىدۇ.

ياندىن بايان :

بىلىم بىرىش ،مېھرىبان بولۇش ،ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش، جاسارەت بىلەن ئىشلەش – مانا بۇ قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق  1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ روھى .
  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوبلاست بويىنچە كۆزنەك مەكتەپ، شىنجاڭ بويىچە داڭلىق مەكتەپ بولۇشنى نىشان قىلىپ، خەلق رازى بولغىدەك مەكتەپ باشقۇرۇپ،تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ  ياخشى بولغان مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمان قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگەقىلىپ، پارتىيە ۋە خەلىقنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرلۇشىغا ئالاھېدە ئەھمىيەت بەردى، «ئىچكى جەھەتتە سۈپەتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،تاشقى جەھەتتە ئوبرازنى ياخشىلاش،ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەش»ئىدىيسىنى چۆرىدەپ،ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياراتتى.ھەمدە « ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئىسلاھاتى بويىچە سىناق نوقتا مەكتەپ» شەرىپىگە ئېرىشتى
  ئەخلاق ۋە قابىلىيەتتە تەڭ يىتىشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،ئۆزگىچە ئادەم تەربىيلەش مۇھىتى،ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق يىتىلدۈرۈشتەك تەلىم تەربىيە نىشانى مەكتەپ تەربىيسىنى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇردى .ئىتتىپاقلىق ۋە ئىلگىرلەش –مەكتەپنىڭ مەڭگۇ ياڭرايدىغان شۇئارىغا ئايلاندى .
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرامەكتەپ  -تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ قابىللىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىللىقى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى ،ئىقتىساسلىقلارنىڭ كۆپ چىقىشى بىلەن داڭلىق .ھازىر بۇ مەكتەپتە مەملىكەت دەرىجىلىك ئالاھېدە ئوقۇتقۇچىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن ئۈچى، ئالى دەرىجىللىك ئوقۇتقۇچىدىن 78ى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىدىن 61ى بار.60 يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپتە 21 مىڭ 639 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇتتۇرگەن بولۇپ ،ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەر ساھە ھەر كەسىپلىرىدە نەتىجە يارىتىپ مۇقەددەس ئانا ۋەتەنگە  تۆھپە ياراتماقتا .


8
مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن ساۋۇت مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش سۇپىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆزقىلدۇ

9

ئېكرندا ، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە دەرىس ئۆتۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ، دەرىس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ، قىرائەتخانىدا خەنزۇچە ماتىريال كۆرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ، مەكتاپ ھويلىسدا ، ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۈگۈنىش قىلىۋاتقان  بالىلار كۆرۈنىدۇ،

ياندىن بايان :

قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ئالاھېدە ئەھمىيەت بىرىپ،بالدۇر تەييارلىق قىلىپ ،بالدۇر ئىش باشلاپ، بالدۇر يولغا قويدى .1998 –يىلى تۇنجى تۇركۇمدە قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تەجىربىلەرنى ئەستايىدىل يەكۇنلەپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى سىجىل ،پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۇرۇپ،ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.پۇتۇن مەكتەپتە قوش تىل بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي ئوقۇغۇچىنىڭ % 60 تىدىن ئېشىپ كەتتى .تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئۆتۈش نىسبىتى ئۇدا %100   بولدى. 2012- يىلىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنى پۇتۇنلەي قوش تىل بويىچە ئۇقۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى
10

ئېكراندا ، ئوقۇچۇچىلارنىڭ توپ ئويناۋاتقان، بوكسىر چىلىقنى مەشىق قىلىۋاتقان، ئارقان تارتىشىۋاتقان، ناخشا ئېيتىپ  -ئۇسۇل ئويناۋاتقان ، رەسىم سىزىۋاتقان ، مۇكاپات ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى  بىر –بىرلەپ كۆرۇنىدۇ،

ياندىن بايان :

قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى دەرىسخانا پائالىيتىگە ئالاھېدە ئاھمىيەت بىرىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى موللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى يارىتىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى . تەنتەربىيە ،گۈزەل سەنئەت دەرسىنى ياخشى ئوقۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنى تۇرلۇك دەرىستىن سىرىتقى كۇرژىكلارغا تەشكىللەپ،ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى  .

11 ئېكراندا، مەكتەپنىڭ كونا بىنالىرىنىڭ سۇرەتلىرى ھازىرغا قاراپ بىربىرلەپ كۆرىندۇ،مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرى كەينى كەينىدىن كۆرىنىدۇ .  40 ، 50 يىللىق تويدىكى تەن-تەنىلەر ۋە مۇھېم پائالىيەتلەتلەر تىز –تىز ئالمىشپ تۇرۇدۇ. ئاخىردا   مەكتەپ ئوقۇتۇش بىنالىرى، لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەسەم بىرىۋاتقان كۆرۈنۈشى بىرلەن ئېكران تاقىلىدۇ.

ياندىن بايان :

60 يىل ئۆتۈپ كەتتى.ئەينى ۋاقىتتىكى خام كىسەكلىك ئۆيلەر دىن ئەسەرمۇ قالمىدى.مەكتەپ قۇرۇلغاندا جۇشقۇن ياشلىق ناخشىلىرنى ياڭرىتىپ مۇنبەرگە چىققان پىداكار ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپنى سۆيەر رەھبەرلەر  ھازىر ئاق چاچلىق بوۋاي -مومايلارغا ئايلاندى ياكى ۋاقىتسىز بىزبىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .ئەمما ئۇلار قۇرۇپ چىققان بۇ مەكتەپ، ئۇلار ياندۇرغان بۇ نۇرلۇق مەشئەل 60 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۇپ بۈگۈن يەنىمۇ پارلاق نۇر چاچماقتا  .
بۇگۈنكى كۈندە مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ئالدىنقىلارنىڭ ئېزىنى بېسىپ، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش، ئۆزلۇكسىز ئالغا بېسىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قابىل باشقۇرغۇچىلار ، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز قوينىغا جەم قىلىپ،ساپا مائارىپىنى ئومۇمىي يۈزلۇك ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، بىلىم بىرىش بىلەن ئادەم تەربىيلەشكە تەڭ ئېتىبار بىرىپ، دۆلەتكە ،مىللەتكە شان –شەرەپ كەلتۈرۈپ،« جۇڭگۇ ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بۈيۈك مەقسەت قىلىپ ،ئىگىلمەس –سۇنماس روھ بىلەن ئالغا بېسىش ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش مارشىنى ياڭراتماقتا .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 23:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 10:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكىسى سىنارىيەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن مەخسۇسس فىلىم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 19:15  


ۋاقتى: 2014-12-18 12:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم مەزمۇنىدىن ، قايناق مەكتەپ ھايات كۆرۈنىشلىرىنى كۆردۈم .مائارىپنى ئۇلۇغلىغان قەلبلەردە مەرىپەت بۇلاقلىرى بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ .
قۇتلۇق بولسۇن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 12:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭىزدىن مەنمۇ خوش بولدۇم

ۋاقتى: 2014-12-18 18:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش پۇتتۇرگىنىمگە 10 يىل بولدى لىكىن مەكتەپنى ئۇستازلارنى ئۇنۇتقىنىم يوق ئۇلارنى بەكلا سىغىندىم بەزىدە چۇشۇمگىمۇ كىرىپ قالىدۇ.:'    بۇ فلمىنمۇ كۆرۇپ مەكتەپ ھاياتىم يادىمغا كەپ قالدى غەمسىز شادىمان بالىلىقىمنى قايتۇرۇپ بەرگەندەكلا بولدى رەھمەت

ۋاقتى: 2014-12-18 20:46:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-12-21 00:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم، بەرىكەتلىك بولغايسىز !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 00:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .

ۋاقتى: 2016-3-10 13:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىنارىيەگە خېلى ئوبدان ئىزدىنىپلا! ئەجىرىللىرىگە بەرىكەت يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-11 02:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ توي فىلىمىنى كۆردۈم .كۆپىنچىسى خەتنە توينىڭ خاتىرىسىدەك چىقىپ قاپتۇ،چۈشەندۈرۈش بىلەن سۈرەتلەر ماسلاشمىغان.سەۋەبىي ئۇلار ئالدى ببىلەن فىلىمنىڭ لاھىيەسى(سىنارىيەسى)نى يېزىپ چىقمىغان .شۇڭا مەن ئاۋال سىنارىيەنى يېزېۋىلىپ ئاندىن شۇنىڭغا ماس كۆرۈنۈشلەرنى ئالدىم ۋە كىرىشتۇدۇم.ھەم مۇشۇنداق قىلسا مەخسۇس فىلىم تېخىمۇ ياخشى چىقىدىكەن دەپ قارىدىم.شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەكلىپلىرى بولسا ئاڭلاپ باقاي دەپ بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2016-3-11 16:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىرىيە جەھەتتىن خېلى ئۆلچەملىك بوپتۇ، باشقا سىنارىيەلەرنىمۇ يېزىپ باقسىلا بولغۇدەك!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش