يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 592|ئىنكاس: 10

تاجدار: ئايفون(مىكرو فىلىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 01:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                     ئايفون
                                                   (مىكرو فىلىم)
                                              تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار
1
ئېكراندا ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك ئاسمان، كۆككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار، مەركىزىي شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، قاتار تىزىلىپ كەتكەن ماشىنىلار ئالدىراش كېتىۋاتقان ئادەملەر توپى كۆرۈنىدۇ.كۆرۈنۈش ئاستا – ئاستا يېقىنلاپ ماشىنىدا ئولتۇرغان، يوللاردا كېتىۋاتقان ، دەرس، يىغىنلاردا ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرغان ئادەملەرنىڭ قولىدىكى ھەرخىل داڭلىق ماركىلىق تېلفونلار، تېلفون دۇكانلىرىدىكى پۇكەيگە تىزىلغان قىممەت باھالىق تېلفۇنلار چاپلاقلىق باھاسى بىلەن بىللە يېقىندىن كۆرۈنىدۇ.كۆرۈنۈش ئېسىل بىر تېلفوننىڭ ئۈستىدە توختاپ ئېكراندا فىلىم ئىسمى ۋە فىلىمگە قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسىملىگى چىقىدۇ.
2
مەلۇم ئالىي مەكتەپ قىزلار ياتىقى.كەچ.ئىپارگۈل (20 ياش) كارۋاتتا يېتىپ خىيال سۈرمەكتە.
ئىپارگۈلياندىن ئاۋاز) قانداق قىلسام بولار؟ ئۆيدىكىلەرگە دېسەم ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، دېمەي دېسەم ھەر ئايدا ئۆيدىن كېلىدىغان ئازغىنا تاماق پۇلى بىلەن ئاياون ئېلىشىم مۈمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېلفونۇم كونىراپ ئادەم بار يەردە ئالغۇسىز بوپ كەتتى. ئادەتتىكى تېلفونلاردىن ئالساممۇ بولىۋېرەتتى، لېكىن شازادەم دېگەن پوچىنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىسام....
3
ئەسلىمە:
ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك. چۈشتىن كېيىن. ئىپارگۈل قاتارلىق 4-5 قىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپتىن قونچاقتەك ياسانغان      شازادەم(20 ياش) كېلىدۇ.
شازادەم: (كۆرەڭلىگەن ھالدا قولىدىكى ئېسىل تېلفوننى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ) قىزلار، سىلەرمۇ مېنىڭكىدەك ئايفون ئېلىڭلار.
قىز ئا: ۋۇييۇ، نېمە دېگەن ئېسىل تېلفون بۇ شازادەم؟ نەچچە پۇلغا ئالدىڭ ؟
شازادەم: تېپىپ بېقىڭلار قېنى، نەچچە پۇلغا ئالغاندىمەن؟
قىز ب: 1000 سوم.
شازادەم: ۋاي خېنىم، ئۇنچىلىك پۇلىڭىزغا بۇ تېلفوننىڭ ئىككىنچى قولىنىمۇ بەرمەيدۇ. كەم بولا.
قىز س:1200 سوم.
شازادەم: پىت بازىرىدىكىدەك 100 سوم، 200 سومدىن قوشماي ماندا 500 دىن قوشۇپ بېقىڭا خېنىم.
قىز ئا: 1700 سوم.
شازادەم: ئەمدى تېخى يولنىڭ يېرىمىغا كەلدىڭلار. سىلىگە قويۇپ بەسە مەڭگۈ تاپالمايسىلەر خانقىزلار. ئۆزەم دەپ بېرەي. بۇ ئايفوننىچۇ 3500 يۈئەنگە ئالدىم.
ئىپارگۈل: نېمە؟ 3500 يۈئەن؟ سەن ئوقۇغۇچى تۇرساڭ ئاداش نېمە قىلىسەن ئۇنداق قىممەت تېلفوننى ئېلىپ؟
شازادەم: (ياراتمىغاندەك قارايدۇ) تېلفوننۇڭ بارمۇ دېسە بار دېگىدەك تېلفون ئالدىم تازا. سېنىڭكىدەك بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تېلفونۇم بار دەپ كۆتۈرۈپ يۈرگەندىن ياخشى. خوش. مەن كەتتىم!
(ئەسلىمە تۈگەيدۇ.)
4
قىزلار ياتىقى. كەچ. ئىپارگۈل كارۋاتتا ياتىدۇ. سىرتتىن قىزلارنىڭ پارىڭى ئاڭلىنىدۇ. ئىپارگۈل تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالىدۇ.
شازادەم كىرىپلا ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىپارگۈلنىڭ توك قاچىلىغۇچقا چېتىپ قويۇلغان تېلفونىنى قولىغا ئېلىپ توۋلايدۇ:
شازادەم:كېلىڭلار، كېلىڭلار، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتىمىز!
شازادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياتقان ئىپارگۈلنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشىدۇ. قىزلار قىيقاس-چۇقان چىقىرىپ كۈلىشىدۇ.
5
مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدى. دەرستىن چۈشكەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىپارگۈل،شازادەم قاتارلىق بىرنەچچە قىز كۆرۈنىدۇ.شازادەم تېلفوندا كىم بىلەندۇر سۆزلىشىپ ماڭىدۇ. ئىپارگۈل ياتاق تەرەپكە، قالغان قىزلار ئاشخانىغا ماڭىدۇ.
قىز ئا: ئىپارگۈل، نەگە بارىسەن؟ يۈرە ئاشخانىغا.
ئىپارگۈل: يۇرتتىن بىر تۇغقىنىمىز كەپتىكەن ئاداش، كۆرۈشۈپ كىرەي، سىلەر تاماق يەۋېرىڭلار. خوش.
قىزلار: خوش، ئەمىسە.
6
قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى دۇكان. ئىپارگۈل بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇنى ئېلىپ سومكىسىغا سالىدۇ. پۇلنى تۆلەپ ياتاققا ماڭىدۇ.
7
قىزلار ياتىقى. ئىپارگۈل ئىشكاپتىن نان ئېلىپ مېنىرال سۇ بىلەن يەيدۇ. كۆزلىرىدە ياش لىغىلدايدۇ.
8
قىزلار ياتىقى. ئەتىگەن. ئىپارگۈل سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئاستا ياتاقتىن چىقىدۇ.
9
كوچا ئاپتوبۇسى. ئەتىگەن. لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان ئاپتوبۇستا ئىپارگۈل تۇتقۇچنى تۇتۇپ ئۆرە تۇرىدۇ.
10
مەلۇم رېستۇراننىڭ ئالدى. ئەتىگەن. ئىپارگۈل سائىتىگە قارىغىنىچە تېز-تېز مېڭىپ رېستۇرانغا كىرىپ كېتىدۇ.
11
رېستۇران ئاشخانىسى. خۇددى يەل بەرگەندەك سېمىز ئاشپەز ئىپارگۈلنىڭ ئالدىغا بىرمۇنچە كۆكتاتلار بىلەن بىرنەچچە جاۋۇرنى قويۇپ قويىدۇ.ئىپارگۈل ھە دەپ كۆكتات ئاقلاشقا باشلايدۇ.
12
رېستۇراننىڭ پۇل يىغىش ئورنى. كېچە.پۇل يىغقۇچى ئۈستەل تارتمىسىدىن 100 يۈئەن پۇل ئېلىپ ئىپارگۈلگە تەڭلەيدۇ. ئىپارگۈل پۇلنى ئېلىپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭىدۇ.
13
كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى. كېچە. ئىپارگۈل سائىتىگە قارىغىنىچە ئاپتوبۇس ساقلايدۇ. بىر چاغدا بىر ئاپتوبۇس كېلىدۇ. ئىپارگۈل چىقىدۇ.

14
قىزلار ياتىقى. كېچە.قىزلار كىيىملىرىنى سېلىپ يېتىشقا تەمشىلىدۇ.
قىز ب: ھەي باللا، ئىپارگۈلگە نېمە بولغاندۇ؟ بۇرۇن شەنبە-يەكشەنبىلەردە كۈتۈپخانىدىن چىقمايتتى، ئەمدى قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغۇ؟
قىز ب: بىرەر يەردە ئىشلەۋاتامدىكىن دەيمە.ھەر شەنبە-يەكشەنبە ئەتىگەندە چىقىپ كەتسە كەچتە كېلىدىغان بولۇۋالدى.
شازازدەم: ئەمدى ياش ئەمەسمۇ، قىزلار، باشقا ئىشىمۇ باردۇ يا؟
قىز ئا: ھېچ ئۇنداقتەك ئەمەسقۇ؟
ئىشىك ئېچىلىپ ئىپارگۈل كىرىدۇ.
قىز ب: نەگە باردىڭ ئاداش؟
ئىپارگۈل: ھە، ئېنگىلىزچە كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن.
شازادەم: نېمانچە كەچ تۈگەيدىغان كۇرس ئۇ ئاداش؟ ئۇ كۇرستىن يېنىپ باشقا كۇرسلارغىمۇ بېرىۋاتامسەن يا؟
قىزلار كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.ئىپارگۈل شازادەمگە ئالىيىپ قويۇپ كارۋىتىغا چىقىپ ياتىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) ھېرىپ ئاران كەلگەندە بۇ نېمىلەرگە ئويۇن بولغان ئوخشايدۇ.خەپ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
15
سودا سارىيىنىڭ ئىچى. ئىپارگۈل ئايلىنىپ كېلىپ تېلفون ساتىدىغان پۇكەينىڭ ئالدىدا توختايدۇ. ئەينەك جاھازلارنىڭ ئىچىگە تىزىپ قويۇلغان ھەرخىل يانفونلارنىڭ باھاسىغا قاراپ ھەيران قالىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەپ يۈرۈپ تېجىگەن پۇللىرىمغا رېستۇراندا ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى قوشساممۇ ئاران 2000 يۈئەن بوپتۇ.
شازادەمنىڭكىدەك ئايفون 3600 يۈئەن ئىكەن. قالغىنىنى قانداق قىلامەن؟ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا رېستۇرانغا بارسام تېخى بولمايدۇ. ھەي...
16
قىزلار ياتىقى. كۈندۈز. ئىپارگۈل ياتاقتا يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. سىرتتىن بىر قىز كىرىدۇ.
قىز: ئاداش، نېمانداق ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟
ئىپارگۈل: ھازىر كۈتۈپخانىغا چىقاي دەپ تۇرغانتىم.
قىز: مەن بۈگۈن تېلفون ئالغىلى چىقماقچىتىم. سېنى بىللە چىقىشىپ بېرەمدىكىن دېگەنتىم تېخى.
ئىپارگۈل: سەن تېلفونۇڭنى ئالغىلى نەچچە ئايلا بولدىغۇ تېخى؟
قىز: تېلفونۇمغۇ يېڭىتى ئاداش، مەنمۇ شازادەمنىڭكىدەك ئايفون ئالايمىكىن دەيمەن.
ئىپارگۈل: شۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپتىڭ؟
ئۆيدىكىلەرگە يالغان گەپ  قىلىپ 1000 كوي ئالدىم. ئۆزەم گېلىمدىن قىسىنىپ 500 كوي يىغقانتىم.قالغىنىنى دوستلىرىمدىن قەرز ئالدىم شۇ.
ئىپارگۈل: شۇنچىۋالا قەرزنى قانداق قايتۇرۇپ بولارسەن ئاداش؟
قىز: ئىمتىھاندىن كېيىن بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەيمىكىن دەيمەن. قىزلار سېنىمۇ ئىشلەۋېتىپتۇ دىيىشىدىغۇ؟
ئىپارگۈل: ئىشلىگەنتىم شۇ. لېكىن ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئىشقا بارمىدىم.
قىز:ھە، يۈرە بىللە چىقىشىپ بېرە ئاداش.
ئىپارگۈل: ماقۇل.
17
مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللۈك. كۈندۈز. ئىپارگۈل قولىدا كىتاپ. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) ياتاقتا مەنلا قالدىم ئايفون ئالمىغان.ئالاي دېسەم يەنە 1000 كوي پۇل كەملەيدۇ. ئۆيدىكىلەرگە دەپ باقسام قانداق بولاركىن؟
توغرا، شۇنداق قىلاي. باشقا ئامال يوق ئەمدى. خالىيراق يەرگە بېرىپ تېلفون قىلىپ باقاي.
18
مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى. كۈندۈز. ئىپارگۈل بىر دوستى بىلەن دەرۋازىدىن چىقىدۇ. ۋە يان تەرەپتىكى ئاپتوبانكىغا قاراپ ماڭىدۇ.
19
ئاپتوبانكىنىڭ ئىچى. كۈندۈز. ئىپارگۈل ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا كارتىنى سالىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېكرانىدىكى ‹تەكشۈرۈش› دېگەن كونۇپكىنى باسىدۇ. 2000 دېگەن خەتنى كۆرۈپ چىرايى ئېچىلىپ كېتىدۇ. پۇلنى ئېلىپ سومكىسىغا سېلىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ ماڭىدۇ.
20
ھەشەمەتلىك سودا ساراي ئىچىدىكى تېلفون پۇكىيى. كۈندۈز. ئىپارگۈل دوستى بىلەن تېلفون ساتىدىغان پۇكەيگە كېلىدۇ.
قىز: ئىپارگۈل، قېنى سەن كۆرگەن ئايفون؟
ئىپارگۈل: ئەنە، ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى ھالرەڭلىكى شۇ.
قىز: ۋاھ ، بەك چىرايلىقكەنغۇ.
ئىپارگۈل: (مال ساتقۇچى يىگىتكە) ئاۋۇ تېلفوننى ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
مال ساتقۇچى: بىردەم ساقلايسىز دە، ئەمدى.ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. ئىنىم ئاچقۇچنى ئەكەلگىلى كەتتى. ھازىرلا كېلىدۇ.
ئىپارگۈل: ماقۇل.
مال ساتقۇچى: (يان تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ)ماۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار قىزلار.
قىز: رەھمەت.
ئىككىسى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ پاراڭلىشىدۇ.مال ساتقۇچى ئىككىسىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالىدۇ.
قىز: ھە راست ئاداش، رېستۇراندا خېلى جىق پۇلغا ئىشلەپسەندە.
ئىپارگۈل: نەدىكىنى. ئاران مىڭ كوي يىغدىم شۇ.
قىز: ئەمىسە بۇ تېلفوننى قانداق ئالىسەن؟
ئىپارگۈل: ئاداش، ئۇ پۇلغا ئۆزەم يىغقان بەشيۈز كوينى قوشتۇم. قالغىنىغا ئامال قىلالماي ئۆيدىكىلەرگە يالغان گەپ قىلدىم شۇ.
قىز: مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولامدۇ نېمە. دەپ بېرە ئاداش، قانداق ئىشەندۈردۈڭ چوڭلارنى؟
ئىپارگۈل: قانداق ئىشەندۈرەتتىم، ئاخىرى:‹دادا، چارەكلىك ئىمتىھاندىن كېيىن بىزنى شىمالغا پراكتىكىغا ئەچىقىدىكەن.نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قاتنىشىۋاتقان ئېنگىلىز تىلى كۇرسىنىڭ بەشيۈز كويىنى تېخى بېرەلمىگەنتىم.شۇ ئىشلارغا جەمىي ئىككى مىڭ كويدەك پۇل كېتىدىكەن› دېسەم، دادام، ماقۇل بالام، تېخى بۈگۈن پاختا ساتقانتۇق دەپ ئىككى مىڭ كوي ساپتۇ.
قىز: سېنىڭ داداڭغۇ سەن نېمە دېسەڭ ئىشىنىدىكەن. دېھقان بولغاندىكىن. ئەمما مېنىڭ دادامنى ئىشەندۈرمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس دېگىنە. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم شۇنداق گىجىڭ بولامدىكى ئاداش. قانداقلا پۇل دېسەم ئاۋال مۇئەللىمگە تېلفون قىلىدۇ قارا.
ئىپارگۈل: ۋاي مېنىڭ داداممۇ خېلى تەس ئىشىنىدۇ ئاداش.شۇ كىتاپ ئالاتتىم، تىل ئۈگىنەتتىم دېسەم ياق دېمەيدۇ.
قىز: سەنمۇ مۇشۇ تەرىپىنى چىڭ تۇتىسەندە ئەلۋەتتە.

21
ئېكراندا مال ساتقۇچى يىگىتنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى ۋە ياشانغان دېھقان ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرۈنىدۇ.
22
سودا ساراي ئىچى تېلفون پۇكىيى. كۈندۈز. شۇ ئارىدا مال ساتقۇچىنىڭ ئىنىسى كېلىپ پۇكەينى ئاچىدۇ.
ئىپارگۈل: ھە، ئاداش ئاچقۇچنىمۇ ئەكەلدى مانا. تېلفوننى ئېلىۋەتسىڭىز ككرۈپ باقساق بوپتىكەن.
مال ساتقۇچى: بۇ تېلفون سېتىلمايدىغان بوپ قالدى. كەچۈرىسىز.
ئىپارگۈل: ھە؟ نېمىشقا ساتمايسىز؟
مال ساتقۇچى : باشقىلارغا ساتىمەن. لېكىن سىلەردەك قارا يۈرەكلەرگە ساتمايمەن.
قىز: نېمە دەپ ئادەم تىللايسىز؟ كىم قارا يۈرەككەن؟ ئۆزىڭىزنىڭ سىڭلىسىدەك ئوقۇغۇچى قىزلارنى ھاقارەتلەشكە نېمە ھەققىڭىز بار؟
مال ساتقۇچى: ئەلۋەتتە ھەققىم بار.ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ بېقىپ قاتارغا قوشۇپ، مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ياخشى نەتىجىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرماي، ئەرزىمەس ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ شۇ مېھرىبانلارنى ئالداشقا پېتىنغان سىلەردەك قارا يۈرەكلەرنى ھاقارەتلەشكە ئەلۋەتتە ھەققىم بار.
ئىپارگۈل: بىز ئالدىساق ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالدىدۇق. باشقىلارنى ئالداپ ئالدامچىلىق قىلمىدۇق. سىز ئۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەي سودىڭىزنى قىلسىڭىز بولمىدىمۇ؟
مال ساتقۇچى: شۇنداق قىلسام بولاتتى.ماۋۇ دۇكاندا دەسلەپ قىلمىغىلى 3 كۈن بولدى بولمىسا.لېكىن بۇ تېلفوننى سىلەرگە ئەمەس، مۇقىم ئايلىق كىرىمى بار بايۋەتچىلەرگە ساتىمەن.
قىز: كىملا ئالسا ئوخشاشلا پۇل بېرىدىغاندۇ؟ بىزمۇ نېسىيگە ئالايلى دېمىدۇق.
مال ساتقۇچى: توغرا، پۇل بېرىپ ئالىسىلەر. ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ مۇشۇ قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. سىلەردەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسەم شۇنداق ھەۋىسىم كېلەتتى.
لېكىن سىلەرگە ھەۋىسىم ئەمەس، غەزىپىم كېلىۋاتىدۇ.سىلەرنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ يالغان-ياۋىداق گېپىڭلارغا ئىشىنىپ ئەۋەتكەن شۇ پۇللارنى مۇشۇنداق قىممەت تېلفون ئېلىشقا ئىشلەتكۈچە يالغان گېپىڭلاردىكىدەك كىتاپ ئالساڭلار، تىل ئۈگەنسەڭلار بولمامدۇ؟ بۈگۈن بۇ سودا سارىيىنىڭ ھېچيېرىدىن سىلەرنى ئايفون ئالغۇزمايمەن.ھەممە پۇكەيلەرگە بېرىپ دەيمەن.
23
ئېكراندا ئىپارگۈلنىڭ قىزارغان ياش يۇقى كۆزلىرى كۆرۈنىدۇ.
24
سودا ساراينىڭ چىقىش ئىشىكى. كۈندۈز. ئىپارگۈل دوستى بىلەن تېز-تېز مېڭىپ چىقىدۇ.
25
چوڭ يول. كۈندۈز.ئىككى قىز بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ماڭماقتا. تۇيۇقسىز دوستى ئەتراپقا قاراپ ئىپارگۈلنى نوقۇيدۇ. ئىپارگۈل: نېمە گەپ دېگەندەك قارايدۇ. دوستى ‹xx خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرى› دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرسىتىپ ئىپارگۈلنى تارتىدۇ. ئىپارگۈل ئۇنىماي ئۇدۇل مېڭىۋېرىدۇ.ئىككىسى ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپ بارغانسېرى كىچىكلەپ كوچىدىكى ئادەم دېڭىزىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مۇشۇ كۆرۈنۈش ئۈستىگە ‹تۈگىدى› دېگەن خەت چىقىدۇ.

2014-يىلى 28-نويابىر  ــــــ 6-دېكابىر. ئۈرۈمچى.

[ بۇ يازمىنى parhat kazim تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-18 10:33 ]

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-18 12:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى ياخشى چىقىپتۇ،  قىزلارنىڭ خاراكتىرىمۇ ئىنىق بىرىلىپتۇ. ئەمما ئەسەرنىڭ ئاخىرلاشتۇرلىشى بەكلا ئاددى.  بۇ يەردە كۆرۈرمەننىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىپ ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن؛ (قىسقا ئۇچۇر سىستىمىڭىزغا يوللۇدۇم)...

ۋاقتى: 2014-12-18 12:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر  ياخشى باشلىنىپتىكەندۇق.تېمىسىمۇ رېئال قىممەتكە ئىگە.ئېسىت،كولمىناتسىيەسىگە چىقالماپتۇ.مېنىڭچە ،بىر كۆرۈنۈش كەم ،بۇ كۆرۈنۈش  ئىپارگۈلنىڭ ئىدىيىسىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلغۇدەك بولسۇن،مەسلەن،ئىككى قىز  دۇكاندىن چىقىشىغا تېلفۇنغا مۇناسىۋەتلىك تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش بولسۇن. يۇم-يۇم  يىغلاتقۇدەك،ئاپتورنىڭ ئىنچىكە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-12-18 13:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىزۋاتقانلارغا   سەممى  ئەسكەرتىش  يازغاندا  بولسىمۇ  ساپ  ئۇيغۇر تىلدا يازايلى   ئايفۇن ئەمەس (ئالما)

ۋاقتى: 2014-12-18 14:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 12:27
ئەسەر  ياخشى باشلىنىپتىكەندۇق.تېمىسىمۇ رېئال قىممەتكە ...

توغرا يەنە مال ساتقۇچى يىگىت تەسىرلىك مەزمۇنلۇق سۆزلىشى كىرەك ئىدىم  مىنىڭ كۆز قارشىم .

ۋاقتى: 2014-12-18 16:50:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە قۇت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-18 22:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ بەك تەسىرلىك سوزلەر كۆپ   بولغان بولسا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 23:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئەرزىمەس يازمام ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەن دوستلارغا رەھمەت. دانا پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-12-19 14:27:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن،بىزمۇ سىزدەك ئجادكارلىققا تىرىشىمىز....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 23:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايفون
(مىكرو فىلىم)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار
1
ئېكراندا ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك ئاسمان، كۆككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار، مەركىزىي شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، قاتار تىزىلىپ كەتكەن ماشىنىلار ئالدىراش كېتىۋاتقان ئادەملەر توپى كۆرۈنىدۇ.كۆرۈنۈش ئاستا – ئاستا يېقىنلاپ ماشىنىدا ئولتۇرغان، يوللاردا كېتىۋاتقان ، دەرس، يىغىنلاردا ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرغان ئادەملەرنىڭ قولىدىكى ھەرخىل داڭلىق ماركىلىق تېلفونلار، تېلفون دۇكانلىرىدىكى پۇكەيگە تىزىلغان قىممەت باھالىق تېلفۇنلار چاپلاقلىق باھاسى بىلەن بىللە يېقىندىن كۆرۈنىدۇ.كۆرۈنۈش ئېسىل بىر تېلفوننىڭ ئۈستىدە توختاپ ئېكراندا فىلىم ئىسمى ۋە فىلىمگە قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسىملىگى چىقىدۇ.
2
مەلۇم ئالىي مەكتەپ قىزلار ياتىقى.كەچ.ئىپارگۈل (20 ياش) كارۋاتتا يېتىپ خىيال سۈرمەكتە.
ئىپارگۈلياندىن ئاۋاز) قانداق قىلسام بولار؟ ئۆيدىكىلەرگە دېسەم ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، دېمەي دېسەم ھەر ئايدا ئۆيدىن كېلىدىغان ئازغىنا تاماق پۇلى بىلەن ئاياون ئېلىشىم مۈمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېلفونۇم كونىراپ ئادەم بار يەردە ئالغۇسىز بوپ كەتتى. ئادەتتىكى تېلفونلاردىن ئالساممۇ بولىۋېرەتتى، لېكىن شازادەم دېگەن پوچىنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىسام....

3
ئەسلىمە:
ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك. چۈشتىن كېيىن. ئىپارگۈل قاتارلىق 4-5 قىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپتىن قونچاقتەك ياسانغان      شازادەم(20 ياش) كېلىدۇ.
شازادەم: (كۆرەڭلىگەن ھالدا قولىدىكى ئېسىل تېلفوننى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ) قىزلار، سىلەرمۇ مېنىڭكىدەك ئايفون ئېلىڭلار.
قىز ئا: ۋۇييۇ، نېمە دېگەن ئېسىل تېلفون بۇ شازادەم؟ نەچچە پۇلغا ئالدىڭ ؟
شازادەم: تېپىپ بېقىڭلار قېنى، نەچچە پۇلغا ئالغاندىمەن؟
قىز ب: 1000 سوم.
شازادەم: ۋاي خېنىم، ئۇنچىلىك پۇلىڭىزغا بۇ تېلفوننىڭ ئىككىنچى قولىنىمۇ بەرمەيدۇ. كەم بولا.
قىز س:1200 سوم.
شازادەم: پىت بازىرىدىكىدەك 100 سوم، 200 سومدىن قوشماي ماندا 500 دىن قوشۇپ بېقىڭا خېنىم.
قىز ئا: 1700 سوم.
شازادەم: ئەمدى تېخى يولنىڭ يېرىمىغا كەلدىڭلار. سىلىگە قويۇپ بەسە مەڭگۈ تاپالمايسىلەر خانقىزلار. ئۆزەم دەپ بېرەي. بۇ ئايفوننىچۇ 3500 يۈئەنگە ئالدىم.
ئىپارگۈل: نېمە؟ 3500 يۈئەن؟ سەن ئوقۇغۇچى تۇرساڭ ئاداش نېمە قىلىسەن ئۇنداق قىممەت تېلفوننى ئېلىپ؟
شازادەم: (ياراتمىغاندەك قارايدۇ) تېلفوننۇڭ بارمۇ دېسە بار دېگىدەك تېلفون ئالدىم تازا. سېنىڭكىدەك بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تېلفونۇم بار دەپ كۆتۈرۈپ يۈرگەندىن ياخشى. خوش. مەن كەتتىم!
(ئەسلىمە تۈگەيدۇ.)
4
قىزلار ياتىقى. كەچ. ئىپارگۈل كارۋاتتا ياتىدۇ. سىرتتىن قىزلارنىڭ پارىڭى ئاڭلىنىدۇ. ئىپارگۈل تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالىدۇ.
شازادەم كىرىپلا ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىپارگۈلنىڭ توك قاچىلىغۇچقا چېتىپ قويۇلغان تېلفونىنى قولىغا ئېلىپ توۋلايدۇ:
شازادەم:كېلىڭلار، كېلىڭلار، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتىمىز!
شازادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياتقان ئىپارگۈلنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشىدۇ. قىزلار قىيقاس-چۇقان چىقىرىپ كۈلىشىدۇ.
5
مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدى. دەرستىن چۈشكەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىپارگۈل،شازادەم قاتارلىق بىرنەچچە قىز كۆرۈنىدۇ.شازادەم تېلفوندا كىم بىلەندۇر سۆزلىشىپ ماڭىدۇ. ئىپارگۈل ياتاق تەرەپكە، قالغان قىزلار ئاشخانىغا ماڭىدۇ.
قىز ئا: ئىپارگۈل، نەگە بارىسەن؟ يۈرە ئاشخانىغا.
ئىپارگۈل: يۇرتتىن بىر تۇغقىنىمىز كەپتىكەن ئاداش، كۆرۈشۈپ كىرەي، سىلەر تاماق يەۋېرىڭلار. خوش.
قىزلار: خوش، ئەمىسە.
6
قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى دۇكان. ئىپارگۈل بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇنى ئېلىپ سومكىسىغا سالىدۇ. پۇلنى تۆلەپ ياتاققا ماڭىدۇ.
7
قىزلار ياتىقى. ئىپارگۈل ئىشكاپتىن نان ئېلىپ مېنىرال سۇ بىلەن يەيدۇ. كۆزلىرىدە ياش لىغىلدايدۇ.
8
قىزلار ياتىقى. ئەتىگەن. ئىپارگۈل سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئاستا ياتاقتىن چىقىدۇ.
9
كوچا ئاپتوبۇسى. ئەتىگەن. لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان ئاپتوبۇستا ئىپارگۈل تۇتقۇچنى تۇتۇپ ئۆرە تۇرىدۇ.
10
مەلۇم رېستۇراننىڭ ئالدى. ئەتىگەن. ئىپارگۈل سائىتىگە قارىغىنىچە تېز-تېز مېڭىپ رېستۇرانغا كىرىپ كېتىدۇ.
11
رېستۇران ئاشخانىسى. خۇددى يەل بەرگەندەك سېمىز ئاشپەز ئىپارگۈلنىڭ ئالدىغا بىرمۇنچە كۆكتاتلار بىلەن بىرنەچچە جاۋۇرنى قويۇپ قويىدۇ.ئىپارگۈل ھە دەپ كۆكتات ئاقلاشقا باشلايدۇ.
12
رېستۇراننىڭ پۇل يىغىش ئورنى. كېچە.پۇل يىغقۇچى ئۈستەل تارتمىسىدىن 100 يۈئەن پۇل ئېلىپ ئىپارگۈلگە تەڭلەيدۇ. ئىپارگۈل پۇلنى ئېلىپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭىدۇ.
13
كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى. كېچە. ئىپارگۈل سائىتىگە قارىغىنىچە ئاپتوبۇس ساقلايدۇ. بىر چاغدا بىر ئاپتوبۇس كېلىدۇ. ئىپارگۈل چىقىدۇ.

14
قىزلار ياتىقى. كېچە.قىزلار كىيىملىرىنى سېلىپ يېتىشقا تەمشىلىدۇ.
قىز ب: ھەي باللا، ئىپارگۈلگە نېمە بولغاندۇ؟ بۇرۇن شەنبە-يەكشەنبىلەردە كۈتۈپخانىدىن چىقمايتتى، ئەمدى قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغۇ؟
قىز ب: بىرەر يەردە ئىشلەۋاتامدىكىن دەيمە.ھەر شەنبە-يەكشەنبە ئەتىگەندە چىقىپ كەتسە كەچتە كېلىدىغان بولۇۋالدى.
شازازدەم: ئەمدى ياش ئەمەسمۇ، قىزلار، باشقا ئىشىمۇ باردۇ يا؟
قىز ئا: ھېچ ئۇنداقتەك ئەمەسقۇ؟
ئىشىك ئېچىلىپ ئىپارگۈل كىرىدۇ.
قىز ب: نەگە باردىڭ ئاداش؟
ئىپارگۈل: ھە، ئېنگىلىزچە كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن.
شازادەم: نېمانچە كەچ تۈگەيدىغان كۇرس ئۇ ئاداش؟ ئۇ كۇرستىن يېنىپ باشقا كۇرسلارغىمۇ بېرىۋاتامسەن يا؟
قىزلار كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.ئىپارگۈل شازادەمگە ئالىيىپ قويۇپ كارۋىتىغا چىقىپ ياتىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) ھېرىپ ئاران كەلگەندە بۇ نېمىلەرگە ئويۇن بولغان ئوخشايدۇ.خەپ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
15
سودا سارىيىنىڭ ئىچى. ئىپارگۈل ئايلىنىپ كېلىپ تېلفون ساتىدىغان پۇكەينىڭ ئالدىدا توختايدۇ. ئەينەك جاھازلارنىڭ ئىچىگە تىزىپ قويۇلغان ھەرخىل يانفونلارنىڭ باھاسىغا قاراپ ھەيران قالىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەپ يۈرۈپ تېجىگەن پۇللىرىمغا رېستۇراندا ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى قوشساممۇ ئاران 2000 يۈئەن بوپتۇ.
شازادەمنىڭكىدەك ئايفون 3600 يۈئەن ئىكەن. قالغىنىنى قانداق قىلامەن؟ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا رېستۇرانغا بارسام تېخى بولمايدۇ. ھەي...
16
قىزلار ياتىقى. كۈندۈز. ئىپارگۈل ياتاقتا يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. سىرتتىن بىر قىز كىرىدۇ.
قىز: ئاداش، نېمانداق ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟
ئىپارگۈل: ھازىر كۈتۈپخانىغا چىقاي دەپ تۇرغانتىم.
قىز: مەن بۈگۈن تېلفون ئالغىلى چىقماقچىتىم. سېنى بىللە چىقىشىپ بېرەمدىكىن دېگەنتىم تېخى.
ئىپارگۈل: سەن تېلفونۇڭنى ئالغىلى نەچچە ئايلا بولدىغۇ تېخى؟
قىز: تېلفونۇمغۇ يېڭىتى ئاداش، مەنمۇ شازادەمنىڭكىدەك ئايفون ئالايمىكىن دەيمەن.
ئىپارگۈل: شۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپتىڭ؟
ئۆيدىكىلەرگە يالغان گەپ  قىلىپ 1000 كوي ئالدىم. ئۆزەم گېلىمدىن قىسىنىپ 500 كوي يىغقانتىم.قالغىنىنى دوستلىرىمدىن قەرز ئالدىم شۇ.
ئىپارگۈل: شۇنچىۋالا قەرزنى قانداق قايتۇرۇپ بولارسەن ئاداش؟
قىز: ئىمتىھاندىن كېيىن بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەيمىكىن دەيمەن. قىزلار سېنىمۇ ئىشلەۋېتىپتۇ دىيىشىدىغۇ؟
ئىپارگۈل: ئىشلىگەنتىم شۇ. لېكىن ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئىشقا بارمىدىم.
قىز:ھە، يۈرە بىللە چىقىشىپ بېرە ئاداش.
ئىپارگۈل: ماقۇل.
17
مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللۈك. كۈندۈز. ئىپارگۈل قولىدا كىتاپ. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.
ئىپارگۈل: (ياندىن ئاۋاز) ياتاقتا مەنلا قالدىم ئايفون ئالمىغان.ئالاي دېسەم يەنە 1000 كوي پۇل كەملەيدۇ. ئۆيدىكىلەرگە دەپ باقسام قانداق بولاركىن؟
توغرا، شۇنداق قىلاي. باشقا ئامال يوق ئەمدى. خالىيراق يەرگە بېرىپ تېلفون قىلىپ باقاي.
18
مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى. كۈندۈز. ئىپارگۈل بىر دوستى بىلەن دەرۋازىدىن چىقىدۇ. ۋە يان تەرەپتىكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا كارتىنى سالىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېكرانىدىكى ‹تەكشۈرۈش› دېگەن كونۇپكىنى باسىدۇ. 2000 دېگەن خەتنى كۆرۈپ چىرايى ئېچىلىپ كېتىدۇ. پۇلنى ئېلىپ سومكىسىغا سېلىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ ماڭىدۇ.
19
ھەشەمەتلىك سودا ساراي ئىچىدىكى تېلفون پۇكىيى. كۈندۈز. ئىپارگۈل دوستى بىلەن تېلفون ساتىدىغان پۇكەيگە كېلىدۇ.
قىز: ئىپارگۈل، قېنى سەن كۆرگەن ئايفون؟
ئىپارگۈل: ئەنە، ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى ھالرەڭلىكى شۇ.
قىز: ۋاھ ، بەك چىرايلىقكەنغۇ.
ئىپارگۈل: (مال ساتقۇچى يىگىتكە) ئاۋۇ تېلفوننى ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
مال ساتقۇچى: بىردەم ساقلايسىز دە، ئەمدى.ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. ئىنىم ئاچقۇچنى ئەكەلگىلى كەتتى. ھازىرلا كېلىدۇ.
ئىپارگۈل: ماقۇل.
مال ساتقۇچى: (يان تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ)ماۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار قىزلار.
قىز: رەھمەت.
ئىككىسى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ پاراڭلىشىدۇ.مال ساتقۇچى ئىككىسىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالىدۇ.
قىز: ھە راست ئاداش، رېستۇراندا خېلى جىق پۇلغا ئىشلەپسەندە.
ئىپارگۈل: نەدىكىنى. ئاران مىڭ كوي يىغدىم شۇ.
قىز: ئەمىسە بۇ تېلفوننى قانداق ئالىسەن؟
ئىپارگۈل: ئاداش، ئۇ پۇلغا ئۆزەم يىغقان بەشيۈز كوينى قوشتۇم. قالغىنىغا ئامال قىلالماي ئۆيدىكىلەرگە يالغان گەپ قىلدىم شۇ.
قىز: مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولامدۇ نېمە. دەپ بېرە ئاداش، قانداق ئىشەندۈردۈڭ چوڭلارنى؟
ئىپارگۈل: قانداق ئىشەندۈرەتتىم، ئاخىرى:‹دادا، چارەكلىك ئىمتىھاندىن كېيىن بىزنى شىمالغا پراكتىكىغا ئەچىقىدىكەن.نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قاتنىشىۋاتقان ئېنگىلىز تىلى كۇرسىنىڭ بەشيۈز كويىنى تېخى بېرەلمىگەنتىم.شۇ ئىشلارغا جەمىي ئىككى مىڭ كويدەك پۇل كېتىدىكەن› دېسەم، دادام، ماقۇل بالام، تېخى بۈگۈن پاختا ساتقانتۇق دەپ ئىككى مىڭ كوي ساپتۇ.
قىز: سېنىڭ داداڭغۇ سەن نېمە دېسەڭ ئىشىنىدىكەن. دېھقان بولغاندىكىن. ئەمما مېنىڭ دادامنى ئىشەندۈرمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس دېگىنە. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم شۇنداق گىجىڭ بولامدىكى ئاداش. قانداقلا پۇل دېسەم ئاۋال مۇئەللىمگە تېلفون قىلىدۇ قارا.
ئىپارگۈل: ۋاي مېنىڭ داداممۇ خېلى تەس ئىشىنىدۇ ئاداش.شۇ كىتاپ ئالاتتىم، تىل ئۈگىنەتتىم دېسەم ياق دېمەيدۇ.
قىز: سەنمۇ مۇشۇ تەرىپىنى چىڭ تۇتىسەندە ئەلۋەتتە.

20
ئېكراندا مال ساتقۇچى يىگىتنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى ۋە ياشانغان دېھقان ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرۈنىدۇ.
21
سودا ساراي ئىچى تېلفون پۇكىيى. كۈندۈز. شۇ ئارىدا مال ساتقۇچىنىڭ ئىنىسى كېلىپ پۇكەينى ئاچىدۇ.
ئىپارگۈل: ھە، ئاداش ئاچقۇچنىمۇ ئەكەلدى مانا. تېلفوننى ئېلىۋەتسىڭىز ككرۈپ باقساق بوپتىكەن.
مال ساتقۇچى: بۇ تېلفون سېتىلمايدىغان بوپ قالدى. كەچۈرىسىز.
ئىپارگۈل: ھە؟ نېمىشقا ساتمايسىز؟
مال ساتقۇچى : باشقىلارغا ساتىمەن. لېكىن سىلەردەك قارا يۈرەكلەرگە ساتمايمەن.
قىز: نېمە دەپ ئادەم تىللايسىز؟ كىم قارا يۈرەككەن؟ ئۆزىڭىزنىڭ سىڭلىسىدەك ئوقۇغۇچى قىزلارنى ھاقارەتلەشكە نېمە ھەققىڭىز بار؟
مال ساتقۇچى: ئەلۋەتتە ھەققىم بار.ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ بېقىپ قاتارغا قوشۇپ، مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ياخشى نەتىجىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرماي، ئەرزىمەس ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ شۇ مېھرىبانلارنى ئالداشقا پېتىنغان سىلەردەك قارا يۈرەكلەرنى ھاقارەتلەشكە ئەلۋەتتە ھەققىم بار.
ئىپارگۈل: بىز ئالدىساق ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالدىدۇق. باشقىلارنى ئالداپ ئالدامچىلىق قىلمىدۇق. سىز ئۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەي سودىڭىزنى قىلسىڭىز بولمىدىمۇ؟
مال ساتقۇچى: شۇنداق قىلسام بولاتتى.ماۋۇ دۇكاندا دەسلەپ قىلمىغىلى 3 كۈن بولدى بولمىسا.لېكىن بۇ تېلفوننى سىلەرگە ئەمەس، مۇقىم ئايلىق كىرىمى بار بايۋەتچىلەرگە ساتىمەن.
قىز: كىملا ئالسا ئوخشاشلا پۇل بېرىدىغاندۇ؟ بىزمۇ نېسىيگە ئالايلى دېمىدۇق.
مال ساتقۇچى: توغرا، پۇل بېرىپ ئالىسىلەر. ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ مۇشۇ قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. سىلەردەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسەم شۇنداق ھەۋىسىم كېلەتتى.
لېكىن سىلەرگە ھەۋىسىم ئەمەس، غەزىپىم كېلىۋاتىدۇ.سىلەرنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ يالغان-ياۋىداق گېپىڭلارغا ئىشىنىپ ئەۋەتكەن شۇ پۇللارنى مۇشۇنداق قىممەت تېلفون ئېلىشقا ئىشلەتكۈچە يالغان گېپىڭلاردىكىدەك كىتاپ ئالساڭلار، تىل ئۈگەنسەڭلار بولمامدۇ؟ بۈگۈن بۇ سودا سارىيىنىڭ ھېچيېرىدىن سىلەرنى ئايفون ئالغۇزمايمەن.ھەممە پۇكەيلەرگە بېرىپ دەيمەن.
22
ئېكراندا ئىپارگۈل بىلەن دوستىنىڭ قىزارغان ياش يۇقى كۆزلىرى كۆرۈنىدۇ.
23
سودا ساراينىڭ چىقىش ئىشىكى. كۈندۈز. ئىپارگۈل دوستى بىلەن تېز-تېز مېڭىپ چىقىدۇ.
24
چوڭ يول. كۈندۈز.ئىككى قىز بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ماڭماقتا. تۇيۇقسىز دوستى ئەتراپقا قاراپ ئىپارگۈلنى نوقۇيدۇ. ئىپارگۈل: نېمە گەپ دېگەندەك قارايدۇ. دوستى ‹xx خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرى› دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرسىتىپ ئىپارگۈلنى تارتىدۇ. ئىپارگۈل ئۇنىماي ئۇدۇل مېڭىۋېرىدۇ.شۇ چاغدا ئىپارگۈلگە تېلفون كېلىدۇ.
ئىپارگۈل: (تېلفوندا) ۋەي، ئاچا، قانداق ئەھۋالىڭ؟ دادام، ئاپاملار تېچلىقمۇ؟ ۋاي ئادەمنى قورقۇتماي بىر گەپ قىلە؟ نېمىشقا يىغلايسەن، ئاچا؟
ئىپارگۈلنىڭ ئاچىسى: (تېلفوندىكى ئاۋاز) ئۇكام، قورقمىغىن. باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق. شۇ قايسى كۈنى ساڭا پۇل سالىمىز دەپ ئۆيىمىزدىكى پۇلغا يارايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۈلكىمىز بولغان ئېشەك ھارۋىنى ساتقان. بۈگۈن ئەتىگەن دادام كېۋەزلىكتىن چىققان ئوتنى ئۆيگە ئەكىلىمەن دەپ يوغان تاغاردىكى ئوتنى يۈدۈپ مېڭىپ ئېرىقتىن ئاتلايمەن دەپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپارساق ناھىيەگە ئاپىرىڭلار دېدى. ناھىيەگە ئاپىرىشقا پۇل يوق، ئاخىرى پىشاي دەپ قالغان ئىككى مو بۇغداينى ئىككى مىڭ كويغا سېتىپ ناھىيەگە ئاپارساق، مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ، ۋىلايەتكە ئاپىرىڭلار دېدى. بۇغداي ساتقان پۇل تەكشۈرۈش بىلەن پاك-پاكىز تۈگىدى. ئانام بىلەن ئىككىمىز يىغلاپ
ئولتۇردۇق مانا. قانداقمۇ قىلامىز.(قاتتىق يىغلايدۇ)
ئىپارگۈل: (يىغلايدۇ) ئاچا، مەن ئۇ پۇلنى تېخى مەكتەپكە تاپشۇرمىغانتىم. ھازىرلا كارتاڭغا سېلىپ بېرەي. دادامنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا چوقۇم ئاپىرىڭلار. قالغىنىنى بىر ئامال قىلامىز.
ئىپارگۈلنىڭ ئاچىسى: (تېلفوندىكى ئاۋاز) ئۇكام، ئانام ساڭا ئېيتماسلىقنى تاپىلىغان. سەن خاتىرجەم ئوقۇشۇڭنى ئوقۇغىن. مەن ھازىر ئۆيگە ماڭىمەن.كەنت كادىرلىرى يېزىلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىمنى دېگەن. بېرىپ شۇ ئىشلارنىڭ يولىنى قىلىپ كېلىمەن.
ئىپارگۈل: (يىغلاپ تۇرۇپ) ياق، ئاچا. مەن ئۇ پۇلنى ئىشلەتمەيمەن. مەن بەك ۋاپاسىزكەنمەن. مېنى دەپ ساتقان شۇ ئېشەك ھارۋا بولغان بولسا دادام يىقىلمايتتى.ھەممىنى قىلغان مەن. ئاچا پۇلنى ھازىرلا سەپ بېرەي. مەنمۇ ئەتىلا ماڭىمەن ئۆيگە. خوش ئەمىسە ئاچا.
قىز: ئاداش، نېمە بوپتۇ داداڭغا؟
ئىپارگۈل: بولدى ئاداش، دادامنىڭ مىجەزى يوقكەن. مەن بانكىغا بېرىپ بۇ پۇلنى سېلىۋېتىپ سىنىپ مۇدىرىمىزدىن رۇخسەت سورايمەن. مەن كەتتىم ئەمىسە.
قىز: ئاداش، ئوچۇق گەپ قىلە، زادى نېمە ئىش بوپتۇ؟ تېلفوننى ئاممامدۇق؟
ئىپارگۈل يۈگۈرگىنىچە كېتىدۇ. دوستى كەينىدىن ۋاقىراپ قالىدۇ. ئىپارگۈل يۈگۈرگەنچە مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
مۇشۇ كۆرۈنۈش ئۈستىگە ‹تۈگىدى› دېگەن خەت چىقىدۇ.

2014-يىلى 28-نويابىر  ــــــ 20-دېكابىر. ئۈرۈمچى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 23:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش