تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 2

پەرھات ئەمەت: پۇلنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3274
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 737
تۆھپە : 0
توردا: 216
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 00:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى
پەرھات ئەمەت

ئەگەر مەن ئۆزەمگە ئىشەنسەم كەلگۈسىدە ملىيونىر بولالىشىم مۇمكىن،ئەگەر مەندە كۈچلۈك ئىشەنچە بولۇپ شۇ نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت  بولمسا يەنىلا تاپقىنى تىزدىن ئاشمايدىغان جانباقتى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن،پۇلنىلا ئويلاپ باشقا ئىشلارنى قايرىپ قويسام خەسىس بىر ئادەمگە ئايلىنىپ باشقلارنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ  كشىلەر تەرىپىدىن ‹پۇلغا دۈم چۈشۈپتۇ› دېگەن سۆز چۆچەكلەرگە قېلشىم مۇمكىن،پۇلنى كۆزگە ئىلماي ئۇنى پەس كۆرسەم گەرچە ئالىيجاناپ ئادەم بولالىساممۇ ئەمما ئاتالمىش ياخشى نامىم دىن باشقا ھېچىنمسى يوق،   خەجلەيدىغان پۇلۇمى يوق، يارامسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىم تەبئىى.شۇڭلاشقا يەنىلا  كۈچۈمنى سەرىپ قىلىپ پۇل تېپشىم كېرەك. ئەمما ئۇنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىكەن. ياشاشنىڭ ئۆزى ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش خۇددى مېڭىش ئۈچۈن ئىككى پۇتنى ھەرىكەتلەندۇرۇش كېرەك بولغاندەك بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈنمۇ پۇل بولمسا بولمايدۇ.
پۇلنى سالامەتلىككە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ لىكىن كىشى ئاغرىپ قالسا پۇل كېرەك بولىدۇ،پۇلنىڭ
ياخشى يامان تەرىپى ئۇنىڭغا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ كۆز قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شۇڭلاشقا ئادەمگە قاراپ پۇلمۇ ھەرخىل تەرىپلەرگە ئىگە.
بەش يۈەن پۇلنى تېپىش ئۈچۈنمۇ بەزىدە نېرى بېرى قاترايمىز،ئالقانغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى ئورۇنسىز خەجلەپ قويساق ئىچىمىز ئېچىشىدۇ،پۇل با ر چاغدا نەرسىلەر كۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرنۇپ كەم نەرسىلىرىمىز شۇنچە كۆپتەك بىلىندۇ دە توختاۋسىز ئېقىنغا قوشۇلۇپ بازاردا ئاقىمىز،لىكىن قىززىق يېرى پۇلمز قالمىغاندا نېمشقىدۇر ھەممە نەرسىمىز تەلدەك بىلنىدۇ
پۇل تاپقانچە نەپسىمىز يوغىنايدۇ بەزىدە پۇل تاپقانسىرى بېخىللىشىپ كېتىمىز،ئۆزىمىزگە بالا چاقلىرىمىزغا خەجلەشكىمۇ چىدىمايدىغان ئادەملەر دەل بۇنىڭ مىسالى.بۇلار ماھىيەتتە پۇلدار نامراتلار.شۇڭلاشقا< قايناقسۇ ئىچ كۆڭلۈڭ تېنچ›،‹ياۋا كالىنىڭ  يېمى يوق،قەلەندەرنىڭ غىمى يوق›(بۇ ماقالنى ئۆزەمچە دەپ قويدۇم) دېگەندەك گەپلەر مەيدانغا كەلگەن بولسا كېرەك.
بەزىلەر پۇلنى ھىكمەت بىلەن تاپىدۇ،چۈنكى ئۇلار پۇلنى مەلۇم نېشان ئۈچۈن تاپىدۇ،نىشانغا يەتكۈچە قانچە قېتىملاپ يېقىلسمۇ ،جاپا مۇشەققەت تارتسىمۇ چىدايدۇ،نىشانغا يەتكەندە ئاندىن
ئۇنى تېگشلىك جايغا خەجلەيدۇ،ئاندىن كىشلەرگە بىر خىل روھنى تەقدىم قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن ئۈلگە كېينكىلەر ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ.
پۇلنىڭ كەينگە كىرگەنلەر پۇل ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ ،پۇل ئاخىرىدا ئۇلارغا بىر پارچە قەغەزدەك ئەھمىيەتسىز بىلىندۇ،مۇھەببەتنى،چىن دوستلۇقنىڭ قىمىمىتى ئالدىدا پۇلنىڭ ئەرزىمەسلىكى،باشقىلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەي قالماي ئۆزلىرنىڭ بەختنىمۇ تاپالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ،ئەقىلنى تاپقاندىن كېيىن ئۇلار‹ دۇنيادا باي بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا ئىش ئىكەن، پەقەت نورمال خوشال خورام ياشاش كېرەك ئىكەن› دېگەن يەرگە  كېلىدۇ. پۇل باشقا يەردىن ئەمەس دەل  ئاۋامدىن چىقىپ يەنىلا ئاۋامغا قايتىدۇ،بىز بۇ يولدىكى توشۇغۇچىلارمىز،مۇۋاپىق تەقسىملگۈچى بولۇش ئۈچۈن بىز تىرشىپ پۇل تېپىشىمز ئاندىن ئۇنى تەقسىملەپ بېرەلىشىمىز كېرەك.
دۇنيادا ئەقىللىق مىللەت دەپ قارالغان يەھۇدىيلار پۇل تاپتى،لىكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تېپىپ يەنە ئۆزلىرى ئۈچۈن خەجلىدى،‹جايىغا خەجلىدى› دېگەن شۇ،بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە پۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلدى،ئامىرىكىمۇ ھەم شۇنداق بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققى تاپقان مەدەنىيتىنى كۆرمىدۇق ئەمما ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىجتىھات پۇلنى جايىغا ئاپاردى، قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ئالىيجاناپ ئادەملەرگە ئوخشسىمۇ لىكىن باشقىلار  پۇل تاپقاندا < كۆزى قىزاراماي >قالمايدۇ، ، ،  
پۇل تېپىش ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىش،توختاۋسىز ئىزدىنىش كېرەك،پۇل تاپقانلاردىن ئۆگىنىش ئاندىن پۇل تاپقان بايغا ئەمەس
ئەقىل تاپقان بايغا ئايلىنىش كېرەك.دوستۇم بۇ ئاددى يازمام ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمەن ھەرۋاقىت ئېسڭدە چىڭ تۇت:سەن پۇلنى تاپ ھەرگىزمۇ پۇل سېنى تېىپىۋالمسۇن!

2014.12.18





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 11:12  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8062
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 262
تۆھپە : 0
توردا: 242
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 16:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل - قولنىڭ كىرى، ۋىجدان ئۇنىڭ جېنى ، نومۇس ئۇنىڭ قېنى ، ئىناۋەت ئۇنىڭ قانىتى، كېرەكلىك ئورۇنغا  خەجلىنىش بولسا ئۇنىڭ بەختىدۇر.
                                                                          --------سةپةرذپ!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6770
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5656
تۆھپە : 0
توردا: 542
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 23:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             ياخشى گەپلەركەن .
     بەزى بايلار باركى ، ئۇلارنىڭ  پۇلدىن باشقا  ھېچنىمىسى  يوق [ئابدۇللا مەجنۇن ].

ئوماق سەبىلەرگە ئۇزلۇكسىز قان بېرىۋاتقان،ئەقىللىق،ئوماق سىڭلىم ئاينۇرەگە ئوتلۇق سالام.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش