ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بارلىق ئىجادىيەتچى، ئوقۇرمەنلەر:
      سىلەرنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى يېقىندىن قوللاپ مەدەت بەرگىنىڭلارغا سەمىمى تەشەككۇر ئېيتىمىز.
    ژۇرنىلىمىز يېڭى سانىدىن باشلاپ «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسى تەسىس قىلغان ئىدى، بۇ سەھىپىگە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ، خەنزۇ مىللىتىدىن باشقا خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار، موڭغۇل، داغۇر، زاڭزۇ قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ مۇۋاپىق ئورۇن ئاجرىتىپ بەرمەكچى. مۇشۇ جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ۋە تەرجىمە خىزمىتىدە ئالاھىدىلىكى بار ئاپتورلارنىڭ خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار، موڭغۇل، داغۇر، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يازالايدىغان شۇنداق ئاپتورلار بولسا بىزگە تونۇشتۇرۇپ ئەسەر ئېۋەرتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
   بىزنىڭ ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھىرى خەلق شەرقىي يولى 51- قورۇ  قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى
   پوچتا نومۇرى: 844000
   تېلفۇن: 2822393
   
ئېلخەت ئادرىسى:  tumankol@126.com
ھۆرمەت بىلەن: «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى
2014- يىل 12- ئاينىڭ 17- كۈنى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   haltakoqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 11:27