«سالچىلار» رومانى توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەر
; L3 S( @% T) W ~' O
بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى
0 I, z1 O k- q* C8 {* ~% c
/ w3 i$ X! O$ \ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولىغا جايلاشقان «شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى»دا، شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى، ئەل سۆيگەن ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پاساھەت ئەلچىسى، داڭلىق ئەدىب مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ياش ئوقۇرمەنلەر ئاپتورنىڭ ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومانى «سالچىلار» توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تالانتلىق تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئىلىگىرىكى «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات رىياسەتچىلىك قىلدى.
2 c3 b3 n: g3 i3 V; v% ?8 W, q
سۆھبەت جەريانىدا، ئاۋۋال مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا «سالچىلار» رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى، روماننىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدىكى ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر، روماننى يېزىشتىكى مەقسەت - مۇددىئاسى، روماندىكى بىر قىسىم پېرسوناژلارنىڭ يارىتىلىش ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەمدە نۆۋەتتكى رومان ئىجادىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي ھەم قىزىقارلىق مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ياش ئاپتورلاردىن كۆتىدىغان ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" B L) c: s4 r9 E! T1 C مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بايانىدىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر «سالچىلار» رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى، ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مەزكۇر رومان توغرىسدا يېزىلغان بىر قىسم ئوبزورلار ھەم ئاپتورنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «قۇم باسقان شەھەر» رومانى، «قىرلىق ئىستىكان»، «ساراڭ»، «كۈز يامغۇرى»، «ئايخان»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئىت ئېتىش»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «سالام، ھېسام ئاكا» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر ھېكايە - پوۋېستلىرى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پىكىرلەشتى. مەمتىمن ھوشۇر ئاكىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. پۈتكۈل سۆھبەت جەريانى ئەركىن - ئازادە ھەم ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.
8 `1 w0 C, _' z2 W6 \9 x! r سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندا «سالچىلار» رومانىنى ئىمزالىق سېتىش ھەم مەزكۇر رومانغا ئىمزا قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
" k- i( I, A. }4 L: Z+ N
/ a/ F7 s6 s/ ^1 N. ?) y7 i