سەن ھاياتتنىڭ گەۋھەرى
ئوسمانجان زۇنۇن
بولسىمۇ دىدارى ۋەسلىڭ زەررەئى،
بۇكۆڭۈل بولدى شۇئانلا مۇشتەرى.
سۇبھىگاھ تا گۈلگە بۇلبۇل بى قارار،
چاقنىدى كۆكتە مۇھەببەت ئەختەرى.
زولپىقارىڭنى زەرپتە شىلتىساڭ ،
يىرتىلار جۇل-جۇل كۆڭۈلنىڭ ئەستەرى.
سەن قۇيۇندەك پىرقىراتساڭ جانىما،
سانجىلار باغرىمغا ئاشىق نەشتەرى.
كۆزلىرىمدىن ئاقسا دەريايى شەۋق،
باغلىغايكى كىرپىگىڭنىڭ لەشكەرى.
چاچلىرىڭ يەلپۇنسە قۇرغۇي لەھزىدە،
ئولجىدۇر ئۇشبۇ پېقىرنىڭ كەپتەرى.
بۇ ھايات ئاي،كۈننى ئاشىق ئەيلىمەس ،
سەن قەلىبنىڭ دۇررى يەكتا گەۋھەرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 19:27