كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 2

ئوقۇتقۇچىلار ھەرۋاقىت ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 14:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
       ئوقۇتقۇچىلار ھەرۋاقىت ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج



                                       مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ)


     د ئى.مىندىلىۋ:‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئىلىمنىڭ يەرلىك مەشئەللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە زامانىۋىي پەننىڭ يۈكسەك چوققىلىرىدا تۇرۇشى كېرەك››دېگەن قالتىس پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا،ج،جوبىر:‹‹ئوقۇتۇش-ئىككى ھەسسىلەپ ئوقۇش دېمەكتۇر››دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.ئەل ئارىسىدىمۇ‹‹باشقىلارغا بىر چۈمۈچ سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بىر چىلەك سۇ بولۇشى كېرەك››دېگەنگە ئوخشاش ئەقلىي يەكۈنلەر تولۇپ يېتىپتۇ.ئادەتتىمۇ،ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تەبىئىي ھالدا توغرا بولغان ئەخلاقىي قاراش ۋە چوڭقۇر بولغان ئىلمۇ ئىرفاننىڭ يېتەكچىلىرى نامايەن بولىدۇ.شۇڭلاشقا ھەم قەدىمدىن تارتىپلا خەلقىمىز مەيلى قايسى خىل مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ شەكلىنىڭ تەربىيلىگۈچىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت بۇ بىر ئىجتىمائىي توپقا ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە دىققەت نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن.شۇڭا،بالا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئالغان بىز ئوقۇتقۇچىلار خەلقمىزنىڭ ئەنە شۇ ھۆرمەتلىك سالىمى ۋە سەمىمىي ئىشەنچىسىگە لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن بىرگە كۆز ئالدىمىزدىكى بىلىمگە تەشنا قارا كۆزلەرنىڭ چاڭقاق قەلبلىرىنى بىلىم بۇلىقىنىڭ جانغا راھەت زەمزەملىرى بىلەن راۋرۇس قاندۇرۇپ،دىل باياۋانلىرىنى مەڭگۈ قاغجىرىماس يېشىل بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي ھۆرمەت ئىگىلىرىگە ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز بىلىمىمىزنى تاكاممۇلاشتۇرىشىمىز،ئۆز روھىيىتىمىزنى بېيىتىشىمىز،ئۆز ئەقلىمىزنى چاقنىتىشىمىز،نوتۇق ئىقتىدارىمىز يوقىرى كۆتۈرىشىمىز،سۆز-ھەرىكىتىمىزنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ،تەربىيە سورۇنىدىكى ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە نۇرلاندۇرىشىمىز كېرەك.بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتا بىزنىڭ خىزمەت ئىشلەش جەريانىمىزدىكى دائىملىق نىشانىمىزغا ئايلىنىشى كېرەك،ئەلۋەتتە.
     بىرىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار زۆرۈر بولغان ھەرخىل ماتېرىياللارنى تىنماي كۆرۈشنىڭ ئەڭ قىزغىن ھېرىسمەنلىرىدىن بولۇشى كېرەك.ئاقىللار توغرا ئېيتىدۇ:‹‹بىلىمگە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىنمۇ يوقىرى بولغان تەبىئىي تۇيغۇ بولمىسا كېرەك››.ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەرىپەت تارقاتقۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ خىل تۇيغۇ تېخىمۇ زۆرۈر بولغان ئالىي تۇيغۇ،ئەلۋەتتە.كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنتىرنىت،گېزىت ۋە  كىتاب-ژۇرناللار ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئەنە شۇ ئەڭ تەبىئىي،ئەڭ ئالىي تۇيغۇنىڭ ۋىسال قۇچۇشىدىكى ئەڭ زۆرۈر ۋاستىلەر جۈملىسىدىندۇر.شۇڭا،بىز بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تىز بولىۋاتقان،تۈنۈگۈنكى مۆجىزە بۈگۈن ھەممىگە تونۇش شەيئىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى دەسمىي قىلىپ ياشاۋەرمەستىن كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشىمىز،كۆپ ئىزدىنىشىمىز،كۆپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قانداقتۇر كەسپىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،بەلكى،بىزدە كەسپىي بىلىمنىڭ رامكىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالايدىغان بىلىم قاتلىمى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن،بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆز كەسپىگە پۇختا بولغاندىن سىرت تارىخ،سىياسەت،پەلسەپە پەنلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشى شۇنداقلا تەبىئىي پەنلەردىكى ئومۇمىي ساۋاتلار ھەققىدىمۇ مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.بىلىدىغانلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا،نەزەر دائىرىمىزمۇ شۇنچە كەڭ بولىدۇ-دە،بىز يېتەكلەپ كېتىپ بارغان شۇ بىر ئەۋلادمۇ ئىلمۇ ئىرفاننىڭ كەڭ بوشلۇقىدىن ئەركىن نەپەس ئالالايدۇ.يېڭى تۈزۈلگەن دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈش تەلىپىدىن قارىغاندىمۇ بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ئاز بولۇشى ھەربىر دەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈشىمىزگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە بىزنى ھەربىر سائەتلىك دەرسنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ‹‹تىلى تۇتۇق›› ئوقۇتقۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خىجالەتچىلىك ئىش بولمىسا كېرەك.شۇڭا،كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ،‹‹بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر››بولغان ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە بىلىش ۋە چۈشىنىش ھەمدە ماتېرىيالنى كۆپ كۆرۈش،كۆپ ئوقۇش نىشانى بويىچە توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش زىرەك ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپكى زۆرۈر تاللاش،ئەلۋەتتە.  
     ئىككىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئىبارەت جانلىق بايلىقتىن ئۈلگە ئېلىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك.ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوقۇتۇش جەريانى ئۆزلۈكسىز چىنىقىش ۋە داۋاملىق مۇستەھكەملىنىش جەريانى بولۇشى كېرەككى،ھەرگىزمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش ۋە جان بېقىش جەريانى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.ئەنە شۇ چىنىقىش ۋە مۇستەھكەملىنىش جەريانى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىپىرلىقىدا ئېلىپ بېرىلسا،بۇ ئىشلىرىمىزنىڭ گۈلىگە گۈل كەلگىنى،ئەلۋەتتە.پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ،ئۇلار دەرس تەييارلاش،دەرس ئۆتۈش،دەرس چۈشەندۈرۈش،مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش،ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە.ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار.شۇڭا،ئۇلارنى تارىخنىڭ بىزگە سۇنغان ئىسىل سوۋغىسى دەپ بىلىشكە بولىدۇ.بىز ياش ئوقۇتقۇچىلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەنە شۇ ئالاھىدە ئۆرنەكلىك تەرەپلىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ،ئۇلارنى ئىزچىل تۈردە ئۇستاز تۇتۇپ،دەرسلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ،ئۇلار بىلەن كۆپ  پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ئوقۇتۇش مىتۇدىنى ماھىرلىق بىلەن كىلۇنلاپ ئېلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە سىڭدۈرىۋېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.شۇنداقلا يەنە پىشقەدەم ئوستازلاردىن ئۆگەنگەندە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە بولغان ئوقۇتۇش مىتۇدىنى ئۆگىنىپلا قالماي،يەنە ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان،قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئاھ ئۇرۇپ ۋايسىمايدىغان قەيسەرلىكىنى ھەمدە ئوقۇتۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ ھارمايدىغان تىنىمسىزلىقىنىمۇ ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلادلارنى گۈزەل غايىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىراق مەنزىللەرنى كۆزلەپ يولغا چىققان،ئۇزۇن يىللىق سەپىرى تالاي قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان،نۇرغۇن دەشت-باياۋانلارنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆز نىشانىغا مىڭ تەستە يېتىپ بارىدىغان ئۆزۈلمەس كارۋان.ئەنە شۇ كارۋان توپىنىڭ قارارگاھىغا غەلىبىلىك يېتىشىدە پىشقەدەملەرنىڭ ماياكلىق رولىغا سەل قاراش سەپەرنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسىگە بولغان ھامىلدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،خالاس.ھەقىقىي سەزگۈر ئوقۇتقۇچىلارلا بۇ خىل ئازغۇنلىقتىن خالىي بولالايدۇ،ئەلۋەتتە.
     ئۈچىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىنىش ئىچىدە ئىلگىرلىشى،ئىلگىرلەش ئىچىدە تەپەككۈرىنى چاقنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.‹‹مەسىلىنىڭ جاۋابى بىرلا ئەمەس››دېگەن قائىدىگە ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتتى.ئەمما،بۇ نوقتىنى ئەمەلىي دەرسخانىدا قوللىنىۋاتقانلار يەنىلا ئاز ساندا.كۆپلىرىمىز يەنىلا ئۆلچەملىك جاۋابنىڭ ئوربىتىسىدا پىرقىراپ يۈرىۋاتىمىز.يەنە تېخى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىدىن  پىكىر قىلىشىنى زادىلا كۆرگىمىز يوقتەك ئۆلچەملىك جاۋابلار بىلەن تولغان مەشىق توپلاملىرىنى كۆپلەپ تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز.ئاز ساندىكى بىر قىسىملىرىمىز،ھەتتا،تېخى دەرسلىكتىكى ھەربىر تېكىستنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى-ئۈچ تال مۇھاكىمە سوئالىنىڭ جاۋابىنىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈپ كىتاب تۈزۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن تارقىتىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈر يولىنى تىكەنلىك سىملار بىلەن تۇسۇپ تاشلاشقا ئۇرىنىۋاتىمىز.بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى‹‹ئازراق شائىرلىقى بولمىغان ئادەم ھەقىقىي ماتىماتىك بولالمايدۇ››دەپ تەسەۋۋۇرنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسا،يەنە بىر قىسىم پەيلاسۇپلار‹‹تەپەككۈرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ›› دەپ تەپەككۈرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.بىز بولساق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىشقا سۇس نەزەربىلەن قاراۋاتىمىز.بۇ يەردىكى نىگىزلىك سەۋەب ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر كۆچىنىڭ تۈۋەنلىكىدە.شۇڭا،بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتىنى پايانسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن ئۆز تەپەككۈرىمىزنى چىنىقتۇرىشىمىز كېرەك.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەپەككۈر شەكلى ھەرگىزمۇ تۈز لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى ئەمەس،بەلكى،دولقۇنسىمان لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى.دولقۇنسىمان لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى دېگىنىمىز ئادەم ئۆز تەپەككۈرىنىڭ ئوربىتىسىغا مەھكۇم بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىدىغان،ھەر بىر مەسىلىنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردا تۇرۇپ كۆزىتىدىغان ۋە تەھلىل قىلىدىغان،ھەربىر شەيئى توغرىسىدا چىقىرىلغان ھۆكۈملەرگە گۇمان،سوئال نەزەرى بىلەن قارىيالايدىغان،يىغىپ ئېيتقاندا،ھەر بىر تەپەككۈر پائالىيىتى تالايلىغان قاڭقىشلار بىلەن تولغان تەپەككۈر جەريانىدىن ئىبارەت.بۇ خىل تەپەككۈر جەريانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەربىرىمىز كۆرگەن ماتېرىياللار،ئۇچراتقان ۋە ئۇچرىتىۋاتقان شەيئىلەر توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىز،مۇستەقىل پىكىر قىلىشىمىز،تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئاكتىپ تەھلىلچىلىرىدىن،جانلىق مۇنازىرىلەشكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز،ھەرۋاقىت باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش مانۋېرى ئېلىپ بېرىشىمىز،شۇ ئارقىلىق تەپەككۈرىمىزنى داۋاملىق بىلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك.بىز شۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈرىدە سىلكىنىش ھاسىل قىلالىساق،ئاندىن ئۆزگىچە تەپەككۈر ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ دەسلەپكى شەرتىنى ھازىرلىيالايمىز.شۇندىلا بىز تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ مۇلاھىزىلەرگە باي ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇچراتقان ھەربىر مەسىلىگە ئۆزگىچە كۆز،ئۆزگىچە دىت بىلەن قاراپ مۇستەقىل كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان،تېخىمۇ مۇھىمى كىيىنكى ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى،پىتنە-پاساتلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەيدىغان،ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيدىغان،چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويسىلا بارلىقىنى بېغىشلىۋەتمەيدىغان،كىچىككىنە شاپائىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تالاي ھىيلە-نەيرەڭلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدىغان ياراملىق بىر ئەۋلادنى تەربىيەلەيمىز.شۇڭا،قەلبى ئويغاق كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز داۋاملىق ئۆز تەپەككۈرىنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇكى،ھەرگىزمۇ ئۆزگىچە تەپەككۈرىنىڭ رولىغا سەل قاراپ،ئېينېشتېيىندەك تالانت ئىگىلىرىگە دۆت،كالۋا ئاتىقىنى بېرىدىغان سەۋەنلىكلەرگە يول قويمايدۇ.  
     تۆتىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار سۆزنىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق تونۇپ،تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پائالىيىتىنىڭ مەقسەتلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.بىر توقاي بىلىم  بولغىنى بىلەن سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر بولمىساق،بىلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن،ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قۇيۇشىمىز،ھەتتا،ئۇلارنى خاتا چۈشەنچىلەرگە كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنالماسلىقىمىز مۆمكىن.چۈنكى،‹‹پىكىر ئىپادە قىلىۋاتقان سۆزلەر سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.››(ب.پاسكال)شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار بىلىم توپلاش،مىتۇدىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەپەككۈرىنى قۇۋەتلەندۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،يەنە سۆز بىلەن ئىپادىلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاممىۋىي سورۇنلاردا،كىشىلەر ئارىسىدا پىكىر قىلىش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ سۆزلەشنى كۆپ مەشىق قىلىشى،مۇنازىرە قىلىشتا ئاكتىپ بولۇشى،جانلىق سۆزلەش،مېغىزلىق سۆزلەش،مەنتىقىلىق سۆزلەش،نىشانلىق ۋە قاراتمىلىق سۆزلەش،ئىشلىتىۋاتقان سۆز-جۈملىلىرىدە قايىل قىلارلىق نەقىللەر بولۇش،يېڭى ئىدىيە،يېڭى پىكىر بولۇشقا ئالاھىدە كۈچىشى،شۇنداقلا ھەم ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆز سۆزىدە مەلۇم مىقداردا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،ساپالىق ئوقۇتقۇچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەرقانداق بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى نوتۇقنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ،ئۆزىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى داۋاملىق مۇكەممەلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.‹‹نوتۇق قۇدرەتلىك كۈچ،ئۇ ئىشەندۈرىدۇ،ئۈندەيدۇ،مەجبۇر قىلىدۇ.››(ر.ئېمىرسۇن)دېگەن قائىدىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمايدۇ.   
     بەشىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىي ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈپ،بۇ جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە جۇلالىنىشى كېرەك.ۋ.گ.بېلىنىسكىي:‹‹تەلىم ۋە كامالەتنىڭ تۈرى كۆپ.ئۇلارنىڭ ھەربىرسى ئۆز ئالدىغا مۇھىم.ئەمما،ئەخلاقىي تەلىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى لازىم››دەپ قارىغان.شۇنداق،مەكتەپلەرنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي تەربىيەگە ئىگە قىلىشتۇر.بۇ تەربىيە جەريانى ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا،بىز ئەخلاقىي تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ‹‹ئەخلاق شەخسنىڭ قىممەت باھالىق تونىدۇر››(ئەلىشىر نەۋائى)دېگەن ھېكمەتنىڭ شۇئارچىسىغا ئەمەس،بەلكى،ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئىجرا قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۈلگە بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا بولغان  ئەخلاقىي تەربىيە جەريانىدا سۆزلەشكىلا كۈچەپ،ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلماي،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ جانسىز بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،ئۆزىمىزگە بولغان تەلەپنى كۆچەيتىشىمىز كېرەك.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۈزىشى،ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىغا،گەپ-سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،كىيىنىش.يۈرۈش-تۇرۇش،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ھەرخىل مۇناسىۋەت جەريانلىرىغىمۇ ئالاھىدە زىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.پەزىلەتلىك،يىراقنى كۆرەر ئوقۇتقۇچىلار‹‹بالىلارنى گەرچە ئەڭ يېقىملىق بولسىمۇ،ئەمەلدە ئىسپاتلانمىغان قۇرۇق سۆزلەر تەربىيەلىيەلمەيدۇ.بەلكى،ھاياتىي كۆچكە ئىگە ئۈلگىلەر تەربىيەلەيدۇ››(ئا.س.ماكارېنكو)دېگەنگە ئوخشاش نوقتىنەزەرلەرنى ئالدىن چۈشىنىپ،ھەرخىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە كۆچەيدۇكى،ھەرگىزمۇ قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىپ قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
     ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت.شۇنداقلا ھەم ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىش.چۈنكى،ئوقۇتقۇچى ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىنىڭ رىژىسسۇرىدۇر.بۇ خىل پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانى رىژىسسۇردىن مول بىلىم،ئالاھىدە قابىلىيەت ۋە راۋرۇس ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدۇ.يوقۇرىدا مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم ئەنە شۇ تەلەپ،ئەنە شۇ ئۆلچەمگە  يېتىشتىكى زۆرۈر شەرتلەردۇر،خالاس.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس.ئەمما،شەرت قانچە كۆپ بولۇشىدىن،قەتئىنەزەر،ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىدا باشتىن –ئاخىر‹‹تەربىيەلىگۈچى ئالدى بىلەن تەربىيەنگۈچى بولۇشى كېرەك››،‹‹باشقىلارنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىمىزمۇ ئۈگىنىمىز››دېگەنگە ئوخشاش ئۆڭمەس تەلەپلەرلا بولىدىكەن،ئۇ ھامان ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنالايدۇ،ئەلۋەتتە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھەممەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 14:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-15 15:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم،رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-12-15 15:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياش
                                              مەخەت ئابدۇرېھىم

        ھەرقايسى تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنى مەسلەن:بىزگە قانداق ئۇقۇتقۇچىلار كىرەك.بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى.شەرەپ ئىگىسى ئۇستاز. ...قاتارلىق ماقالىلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن،ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىتى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ تۆۋەندىكى قاراشلىرىمنى تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.
       دانالارنىڭ ھكمەت خاترلىردىكى:ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىينىڭ ئېنژىنىرى.ئوقۇتقۇچى كۈيۋاتقان شام.ئوقۇتقۇچى باغۋەن.ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بۇلۇش كىرەك.دىگەن ھىكمەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم مۇنداق:
مۇئەييەن بىر قۇرلۇشنى لاھىيلەش بىلەن،ئادەمنىڭ روھى قۇرۇلمىسنى لاھىيلەشنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ،يەنى؛ قۇرلۇشنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان فونكىسيىلىك ئامىللار ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ئوخشاش.ئۇنى ئپادىلەش ئۇسسۇللىرى ۋە جەريانى ئوخشىمايدۇ.
مۇئەييەن بىر شامنىڭ يورۇقلۇق تارقىتىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم بىرشى ۋە بەدەل تۆلەش مەقسەت مۇدداسى ئوخشايدۇ، ئەمما شام كۈيۈپ-كۈيۈپ يورۇقلىق تارقىتىپ بولۇپ ئۆچىدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچىنىڭ تارقاتقان بىلىمى بىر ئوقۇغۇچىغا،ئون ئوقۇغۇچىغا تارقىلىپ ئىنسانلار ئەقلىنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئايلىنىدۇ.
       باغۋەننىڭ مۇئەييەن بىر كۈچەتنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر ئوخشايدۇ.ئەمما كۈچەت يىتىلدۈرۈش بىلەن ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەشتىكى ئۇسسۇل ۋە تەلەپلەر ئوخشىمايدۇ. يەنى باغۋەن ئۆستۈرۋاتقان كۈچەتلىرىدە مەلۇم ياۋا شاخلار كۆرۈلسە ياكى مىۋىسى سورىتلۇق بولماي قالسا شۇ ياۋا شاخلارنى كەكە-پالتىلاردا كىسىپ چاتاپ ئۆلچەملىك ئۆستۈرەلەيدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچى باغۋەن قوللانغان ئۇسسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىغا بىر ئستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇش كىرەك.بۇ دىگەن گەپ ئوقۇتقۇچىدا بىلىم كۆپ بولمىسا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ دىگەن گەپ.سۇغا بولغان ئىھتىياج بىلەن بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ.ئەمما:ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىلىمنى بىرىۋەرسە بىلىم تۈگەپ كىتىپ تاراڭلاپ قالدىغان چىلەككە ئوخشىمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان بىلىم بەرسە،ئۆزىدە ئون ئىستىكان بىلىم پەيدا بولدىغان بۇلاققا ئوخشايدۇ....
............................................................................................
ئوقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدۇ.قۇياشنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى ئوخشايدۇ.
        قۇياش پۈتۈن كائىيناتقا تەركىپ ئايرىماي،يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ،تارقاتقان يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ كۈچ قۇدۇرىتى بىلەن ماۋجۇداتلار ھاياتلىققا ئىرىشىپ گۈل-چىچەكلەرگە پۈركۈنىدۇ.قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدىغان دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولغاچقا،دەقىقە توختىماي شۇ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدۇ.ئەمما ھەق-تەلەپ قىلمايدۇ.قۇياشنىڭ بۇ خىسلىتى دۇنيادا مۇقەددەس خىسلەت.
       ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇريەتلىرگە،ۋە شۇ مەسئۇليەت مەجبۇريەتلىرنى ئىپادىلگەن ئەمىليىتىگەئاساسەن ئوقۇتقۇچىنى موقەددەس قۇياشقا ئوخۇشتۇش بەكمۇ توغرا ھۆكۈم. ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقوغۇچىغا خۇددى قۇياش كائىيناتقا تەركىپ ئارىماي ئىسسىقلىق بىلەن يورۇق تارقاتقىنغا ئوخشاش جىنىس ئارىماي،مىللەت ئارىماي،قېرى-ياش ئارىماي بىلىم تارقىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدىغان ئوبرازىنى ئالىي جاناپ خىسلىتى ئىپادىلگەن.
          شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قۇياشقا ئوخشاش بىلىمگە ئىھتىياجلىق بالىلار ئوربىتىسنى ئايلىنىپ،بالىلارنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ،بالىلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەيلى!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىدا مەڭگۈ ساقلىندىغان بولسۇن. مەسىلەن:ئۇستاز روھىي دىگەن ئەسەردىكى،

ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ چىكىمەن جاپا مۇشاقەت.
ۋە لىكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىمايسىدە،
ئوقۇغۇچى بولسام دەيمەن تا ئەبەت.

دىگەندەك.

مەخەت ئابدۇرېھيىم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش