يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 18

مەردان: ئورتاق كېچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 14:32:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئورتاق كېچە
مەردان ئەھەتئېلى

بۇ سۆزلەردىن ياسالغان كېچىدۇر.

بۇ ئومۇرتقىمىزغا چۆيۈندەك قۇيۇلغان كېچىدۇر.
بۇ بىزنى ساپما كەشتە ۋە كىتابلاردىكى ياتىقىمىزدا قوندۇرىدىغان كېچىدۇر.
بۇ بۇرنىمىزدىن زەققۇم يوپۇرماقلىرىنى تۆكىدىغان كېچىدۇر.
بۇ بىز جانان بىلەن ئېزىتقۇ ئوردىسىدا كۆڭۈل ئاچىدىغان كېچىدۇر.
بۇ بىز ھەركۈنى دەسسەپ ئۆتىدىغان جاينامازدىكى ئىزلىرىمىزنى يۇمران ئوت-چۆپكە ئايلاندۇرىدىغان ۋە كۆز ئالمىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇرىدىغان باھار كېچىدۇر.
بۇ ئۈستۈنلۈكنى ئېھتىماللىققا ئايلاندۇرىدىغان ساماۋى كېچىدۇر.
بۇ ئۆلۈم شېئىرىيىتىگە سۈت بەرگەن ئانا كېچىدۇر.
بۇ بارلىق قەسىدىلەر، مەرسىيەلەر، نۇرلار ۋە يامغۇرلار مەڭگۈ يەتمەيدىغان كېچىدۇر.
بۇ ئاچ كېچىدۇر،
بۇ قىپيالىڭاچ كېچىدۇر.
بۇ شەيتاندىن ۋە خۇدادىن يىراق كېچىدۇر.
بۇ بالىياتقۇدىكى ئاشۇ قاراڭغۇلۇقنى
بوۋاقلىقتىكى نامەلۇم يېغىنى
ئۆسمۈرلۈكتىكى بىر كىشىلىك ئويۇنلارنى
ياشلىقتىكى تۇنجى سۆيۈشۈشنى
قىرانلىقتىكى تۇيۇقسىز مەنىسىزلىكنى
ياشانغاندىكى ئېچىنىشلىق گۇگۇمنى
سەكراتتىكى ۋەھىمىنى ئەسلىتىدىغان كېچىدۇر.
بۇ قىرغاقتىن ئايرىلغىنىمىزچە،
ئۇنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىمىزدىن ئېقىپ چىقىپ
پۈتۈن بەدىنىمىزنى شىددەت بىلەن چىرمىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىدىغان كېچىدۇر.
بۇ پۈتكۈل ئىمارەتلەرگە، سايىلەرگە، ئەنئەنىلەرگە، ئاسىيلىقلارغا، ئىنقىلابلارغا، تۆشەكلەرگە، شەپەرەڭلەرگە، رومانلارغا، مۇزىكىلارغا، رەسىملەرگە، سەپەرلەرگە، قاتىللىقلارغا، چېكىملىكلەرگە ئاسمان كېچىدۇر.
بۇ پۈتكۈل قەلەملەرگە سىياھ كېچىدۇر.
بۇ پۈتكۈل سىرلارغا قويۇن كېچىدۇر.
بۇ تارىخ زېمىنىنى تىلىدا سۈرۈپ كەلگەن دەججال كېچىدۇر.
بۇ مەنا ئورمانلىقىدا يۈرگىنىمىزدە، ئاياغ ئاستىمىزدىكى لاتقا كېچىدۇر.
بۇ نوھنىڭ كېمىسىنى پاچاقلايدىغان ۋە يەنە پالۇبىلارنى قارماق قىلىدىغان كېچىدۇر.
بۇ بارلىقىمىزنى ئاشۇ بىردىنبىر سۆزلەيدىغىنىغا تاپشۇرۇپ،جىمجىتلا قەدەم باسىدىغان كېچىدۇر.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 19:16  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +88 يىغىش سەۋەبى
ئۆز + 88

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 11:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىستىكنىڭ تەڭرىسى


تەڭرىم ئەرىشتىن ئورۇن ئالمىغان
ئۇ ئاۋۇ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرىدۇ

تەڭرىمنىڭ كىشىلەر ئېيتقاندەك سۈپەتلىرى يوق
ئاھ، ئۇ مېنىڭ ھېچقانداق تەڭرىم

تەڭرىممۇ تۇغۇلمىغان، ئۆلمەس
لېكىن ئۇ بىر ئەمەس، ھېچبىر

تەڭرىم ئاچچىقلانمايدۇ، رەھمەت قىلمايدۇ
بىرلا ھەركىتى بار: تۇتىدىغان

تەڭرىم ماڭا دوزاخنى ياكى جەننەتنى ۋەدە قىلمىدى
ئۇ مېنى ھېچيەرگە باشلايدۇ

ئېھ تەڭرىم، ئېھ ئوي تەڭرىسى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 11:03  


ۋاقتى: 2014-12-16 12:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىكى بەدئىي ئىستېتىك تۇيغۇ ئاجايىپ بىر خىل روھىي قاراڭغۇلۇۇقنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن ھەم شۇ پەللىگە ئاساسەن يېقىنلاشقان شېئىركەن. بىراق، تەڭرىگە تاقىلىدىغان ھەرقانداق سۆ‍ز-جۈملىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك. چۈنكى، تەڭرى دەخلىسى‍ز ھەم كەم-كوتاسىزدۇر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 15:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 12:29
بۇ شېئىردىكى بەدئىي ئىستېتىك تۇيغۇ ئاجايىپ بىر خىل روھ ...

ئەگەر تەڭرىنى ھەقىقەتەن دەخلىسىز دەپ ئويلىغان بولسىڭىز مېنى دىققەت قىلىشقا ئۈندىمەس بولغىيدىڭىز ھە؟! دېمەك سىز دەۋاتقان تەڭرى يەنىلا دەخلىگە ئۇچرايدىكەن، مەن دەۋاتقىنى دەخلىگە ئۇچرىمىغاچقا، دىققەت قىلشىمنى ھاجەت قىلمايدۇ. خۇددى ماۋۇ تېكىستتىكىدەك:

تەڭرىمنىڭ كىشىلەر ئېيتقاندەك سۈپەتلىرى يوق
ئاھ، ئۇ مېنىڭ ھېچقانداق تەڭرىم

يەنى سىزدىكىسى "كەم-كۈتىسىز"،"دەخلىسىز"، سۈپەتلىك، بىر قانداق تەڭرى،  مەندىكىسى بولسا كەممۇ ئەمەس، پۈتۈنمۇ ئەمەس، دەخلىلىكمۇ، دەخلىسىزمۇ ئەمەس ھېچقانداق تەڭرى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 16:13  


ۋاقتى: 2014-12-16 17:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خۇددى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىسىدىكى «ھەپتىنىڭ سەككىزى كېلىپ مالخىيىڭىزنى ئېلىپ كېتىڭ» دېگەندەكلا گەپ بوپتىغۇ.
ئەگەر شېئىرىيەت مانا مۇشۇنداق سۆز ئوينىتىش بولسا، شېئىرنىڭ ياكى مانا مۇشۇنداق شېئىرلارنى يازغانلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈڭلار!

ۋاقتى: 2014-12-16 17:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 15:56
ئەگەر تەڭرىنى ھەقىقەتەن دەخلىسىز دەپ ئويلىغان بولسىڭ ...

سېنىڭ پەلسەپەرىڭ ‹‹ ئېتىراپ قىلمىغىنىڭ، ئېتىراپ قىلغىنىڭ››بولسا ، مېنىڭ پەلسەپەرىم سەۋىر قىلىشتۇر. چۈنكى مەن سەۋرەمدە سېنى ئۇنتۇپ كېتىمەن . پەقەت ئۇنتۇشلار سېنى ھالاك قىلالايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 20:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم ئۇ يەردە ھەم بۇ يەردە


ئۇ يەردە
جەننەت بىلەن قېلىچ ئارىسىدا
ئاڭلاپمۇ باقمىغان گۈللەر ئېچىلغان
بىر باغچە بار،
ئۇ باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقىنىمىزدا
بىزمۇ ئاڭلاپ بېقىلمىغان گۈل.

بۇ يەردە
جەننەت بىلەن باغچە ئارىسىدا
بىسى ھېچنېمىگە ئۆتمەيدىغان
بىر قېلىچ بار،
بۇ قېلىچنى تۇتقىنىمىزدا
ئاڭلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەر توسۇۋېلىنىدۇ.

ھەم ئۇ يەردە، ھەم بۇ يەردە
بولۇشنى ئىستىدۇق...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 20:43  


ۋاقتى: 2014-12-16 21:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورتاق كېچىڭىزنى ياقتۇردۇم ، ئاخىرقى شېئىرىڭىز يىرىم قالغاندەك تۇيغۇدا بوپ قالدىم.

ۋاقتى: 2014-12-17 00:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان سەن تېكىسىڭنى يېزىۋەر، ئۇلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق ‹‹ھەقىقەت››بولغاندىن كېيىن ساڭا تونلىرنى پىچىۋەرسۇن. بىلىمەن ،سەن ھىچقانداق تونغا پاتمايسەن. ئۆزۈڭنى قۇرۇقداۋەر...

ۋاقتى: 2014-12-17 14:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 00:03
مەردان سەن تېكىسىڭنى يېزىۋەر، ئۇلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق  ...

خەسىدەك بىلجىرلاشلىرىڭدىن ،
ھېچنىمەڭنى ئۇنتۇپ كېتىمەن
خۇددى،
نوھ توپاندا
خوتۇنىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك.

ۋاقتى: 2014-12-17 14:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 00:03
مەردان سەن تېكىسىڭنى يېزىۋەر، ئۇلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق  ...


بىز  تون پىچىمىز، ھەر ھالدا ئاشۇنداق تونىمىز بار. سېنىڭ نېمەڭ بار ؟ ھېچنىمەڭمۇ؟ ھېچنىمىگە تايىنىپ ھېچنىمە قىلالماقچىمۇ سەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەيدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 14:30  


ۋاقتى: 2014-12-17 14:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 00:03
مەردان سەن تېكىسىڭنى يېزىۋەر، ئۇلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق  ...

سەن بۇ گېپىڭ ئارقىلىق ھەقىقەتسىزلىكىڭنى ئاشكارلاپ قويۇپسەن.

ۋاقتى: 2014-12-18 09:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەي بەندىلەر! بىر مىستىكنىڭ تەڭرىسى بىلەن سېلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار بار؟ خۇددى بىر مىستىكنىڭ تەڭرىسى سېلەرنىڭ تەڭرىڭلار بولۇپ قالىدىغاندەك...مىسالى، تاڭسىڭنىڭ تەڭرىسىمۇ ئۆزىنىڭ، بىر مسىتىكنىڭ تەڭرىسىمۇ شۇ بىر مىستىكنىڭ، يا سېلەر بىر مىستىك بولمىساڭلار، نېمانچە ھاياجانلىنىش بۇ!؟

ۋاقتى: 2014-12-18 09:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 09:35
ئەي بەندىلەر! بىر مىستىكنىڭ تەڭرىسى بىلەن سېلەرنىڭ  ...

شۇڭا ئۇنتۇپ كەتمەكچىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 14:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈزەيرەنىڭ ھېچنېمىسى


ئاشۇ ۋەتەنمەن ئۈزەيرەنى قوينۇمغا باشلاپ كىرگەن
ۋە ئارقىدىنلا بىر چۆلگە ئايلىنىپ قالغان

ئاشۇ ئادەممەن ئۈزەيرەنى دەرگۇماندا بەرباد قىلغان
ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تەرك ئەتكەن

ئاشۇ ئېشەكمەن ئۈزەيرەگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان
ۋە ئۇ سۆڭەكلەرنىڭ يېغىلىشىنى قايتا كۆرمىگەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 14:17  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش