يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 3

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانىدىكى ئەگەشمە ئىگىلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 09:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانىدىكى ئەگەشمە ئىگىلىك


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى چەكسىز قولايلىشىپ بېرىۋاتقان شارائىتتا، ھەرقانداق كەسىپ ئىگىسىگە نىسبەتەن مۇستەقىل ۋە يىگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى. خۇددى تولۇق مۇستەققىل كەسىپ مەۋجۇت بولمىغىنىدەك، ھەرقانداق بىر كارخانىمۇ كەسىپتە باشتىن ئاياق ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، مۇستەقىل تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ئېقىمغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ئەگەشمە ئىگىلىكنى يولغا قويماي بولمايدۇ. ئەگەشمە ئىگىلىك دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىش، بازارئېچىش ۋە مۇلازىمەت جەھەتلەردە بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ۋە تەجرىبىگە ئىگە باشقا بىر كارخانا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلارغا مەلۇم نىسبەتتە پايدا يارىتىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ھىمايىسى ۋە يول كۆرسىتىشىگە ئېرىشىشنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ۋاكالىتەن سېتىش، ۋاكالىتەن مۇلازىمەت قىلىش دېگەندەك ۋاكالەتچى خاراكتىرىدىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىگىلىكنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
كەسپى جەھەتتە تېخنىكا ئەۋزەللىگىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئوخشاش كەسىپتىكى باشقا چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كەسپىي جەھەتتىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكى بولماي بولمايدۇ، تېخنىكا، ئۇزاق مۇددەت ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، يەكۈنلەش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپكە دائىر ماتېرىياللارنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈش، نىشانلىق مەلۇم شەكىلدىكى تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىش، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش ۋە جەمئىيەتتىكى شۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى تەسىر كۈچنى نامايان قىلىش. قىلماقچى بولغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك خېرىدار مەنبەسىگە يېقىن بولۇش، بازار ئېچىش جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، مەلوم ئىجتىماىي تەسىر دائىرىسى بولۇش قاتارلىقلار بۇ خىل يىراقتىن كەلگەن تېخنىكىنى يېقىنغا كېڭىيتىشكە پايدىلىق. مۇقىم خىزمەت مۇھىتى، ئىشخانا ئورۇن، ئەسلىھەلەر شۇنداقلا دۇكان بولۇش قاتارلىقلارمۇ ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ.
ھەمكارلىقتىكى سەمىمىيلىكنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش. ھەرقانداق بىر خىل ئىگلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ھامان ئوخشاشلىقى بولىدۇ. خوشاللىق ۋە غەم قايغۇ ھەرقانداق كىشىدە ئورتاق مەۋجۇد. ئۆزئارا چۈشۈنۈش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، تۈرلۈك ئىشلاردا قارشى تەرەپكە پايدىلىق بولۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، مەنپەئەت ئۈچۈن نورمال ئىجىتىمائىي ئەخلاق قائىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللانماسلىق قاتارلىقلار ھەمكارلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى.
ھەمكارلىقنى رىقابەتتىن ئەلا بىلىش. ئىلغارلىقتىن ئۆگىنىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش، كۈچى يەتمىگەن ئىشتا باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش، باشقىلارغىمۇ نەپ بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، باشقىلارغا مۆكتۈرمە ھۇجۇم قىلماسلىق، "بازار نەق جەڭگاھ"، "سەن ئۆلسەڭ ماڭايول ئېچىلاتتى" دەيدىغان دۈشمەنلىك قاراشتىن خالىي بولۇش ئەگەشمە ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىش يولىنى ئاچىدۇ.
بىر تۇتاش بازار ئېچىش، بىر تۇتاش باھا بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش. باھادىكى ئادىللىق ھەرقانداق سودىنى ئاقتۇرىدىغان ئالدىنقى شەرت. مۇۋاپىق باھادا سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىش پايدىنى قولدىن بەرمەسلىكنىڭ بىردىن-بىر شەرتى. پايدىسىز قىلىنغان ھەرقانداق سودا ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلمايدۇ. باھانى ئېنىق قىلماسلىق، باھادا پۈتۈشۈشتە ئېغىزدا ئېيتىلغىنى بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتكىنى بىردەك بولماسلىق، يەڭ ئىچىدە سودا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى دەسمايە قىلىشلارنىڭ ھەممىسى سودىدىكى ئادىللىقنى يوققا چىقىرىپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشقا يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق خېرىدارنى قولغا كەلتۈرۈش، باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقارغانلىق بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بىلەن باراۋەر. خېرىدار تالىشىشقا توغرا كەلسە، باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئەمەس، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش، خېرىدار ئۈچۈن قوشۇمچە قىممەت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇتۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.
بىزدە "توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر" دەيدىغان بىر گەپ بار. ئومۇمىي ۋەزىيەت نەقەدەر ياخشى بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، چوڭ توپقا ئەگىشىش ئاقىلانىلىككى، دۇكان ئايرىپ ئۆز شەھرىنى ئۆزى قۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە بولۇش سېپى ئۆزىدىن ئەخمىقانىلىك. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق نىسبەتتە ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت يەنە يېڭىلىقنى دادىل قوبۇل قىلىدىغان يېڭىچە ئاڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم.



ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كارخانچىلار مۇنبىرى بېتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 09:55  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-15 11:35:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغاىسىز
ۋاقتى: 2014-12-15 13:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىگىدەك ماقالىكەن. يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-12-15 21:19:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىجارەتچىلەر خېرىدارنى ئۇلۇق بىلىش كىرەك ئەلبەتتە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش