يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 20

ئابدۇللا ئابدۇرشىت ئاتەش: گۇلزار ۋە مېۋە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 00:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
گۇلزار ۋە مېۋە
‹‹شىنجاڭ گېزتى ››نىڭ‹‹ئەدەبىيات گۇلزارى››بېتىگەنەزەر
ئابدۇللا ئابدۇرشىت ئاتەش

دۇنيادا ھەرقانداق بىر نەرسە ئۆزنىڭ تەبئى گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە
جەلىپ قىلىش قۇدرىتىگەئىگە. مەنمۇدەل ئاشۇنداق تەبئى گۈزەللكنى ئالدىنقى
ئورونغاقويدىغان ،تەبئى گۈزەللككەتەشنا كىشلەر نىڭ بىرى .شۇڭا،زامانىۋىلاشقان
بۇدۇنيادىكى ھەقىقى گۈزەللىك يەنلا ،ئاددى-ساددا،ئۆزقەلبىگە ساداقەتمەن
كىشلەردە ساقلىنىپ جۇلالىنىدۇ دەپ قارايمەن.ئەمەليەتتىمۇ،ھاياتلىقنىڭ ھەربىر
قەدەم،نەپەسلىرى داۋام ئېتۋاتقان مەنزىللەردەتەبئى ھالدىكى ساددىلىق ئىچىدە،
قەدمىيلىك ئىزنالىرى چاقنايدىغان ئۇلۇغۋار سىمالاركۆزگەتاشلىنىپ ،كىشلەر قەلبىنى زىلزىلگەسالدىغان سىھرى كۈچنى نامايەن قىلدۇ.،مانابۇ ،‹‹شىنجاڭ گېزتى››
نىڭ 2-يانۋار كۈندىكى ‹‹ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتدىكى كىشلەرنى ئۆزگە
جەلىپ قىلدىغان بىر يېڭىلىق.مەن شۇڭا بۇ بەتتىكى ئەسەرلەر ئۇستىەدە ئەمەس
بەلكى ئەسەرلەرنى تاللاش،بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش،مەزمۇنىنى ماسلاشتۇرۇش ،
يېلىق يارتىش جەھەتتە قەلەم تەۋرىتىمەن .
مەن بۇلتۇردىن بۇيان ،ئۆزۈمنىڭ مەنىۋىتىمنى بېيتىش جەھەتتىكى ئىھتىياجىمنى
قاندۇرۇش سەۋەبىدىن ،ھازىرقى زامان ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ مھمنغا ئايلاندىم .شۇڭا ھەرئككى،ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ۋاقىت چىقرىپ ،تەڭرىتاغ تورى ۋە يازغۇچىلار
تورى قاتارلىق توردىكى ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىقدىغان،يېڭى
ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم.شۇسەۋەپتىن نويابىر نىڭ
باشلىرىدا ‹‹يازغۇچلار تورى››غا چىقىپ ،مەتبۇئاتلىرىمىز كاتولوگى كۆزنىكدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزتى››نىڭ 2-نويابىر ‹‹ئەدەبىيات گۇلزارى ››دا ئىلان قىلىنغان
ئەسەرلەرنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم،بۇبەت ماڭا يېڭى تۇيغۇ،يېڭى ئىلھام ،
يېڭى تەپەككۇر بېغشلىدى .مەن ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم –دە،قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ،چاپتۇرۇشقا باشلىدىم :
‹‹ئېھ! سۆيۈملۈك باغرى ئىللق ئانا‹‹يۇرتۇم››قوياش نۇردا ،
‹‹سەن سەھەردە سايرىغان دەمدەر››كەبى ئۇنلەپ،كوك ئاسماندىن‹‹ئاستا-ئاستا›› يەرگە پەسلەپ چۈشۈپ ،يۇرتنىڭ بېشىدىكى كونا ‹‹تاش تۈگمەن ››نىڭ
ئۆگزىسگە قونغاندا،تۈگمەنچى بوۋاي ‹‹لاخشىگىر››نى ئېلىپ ،ئوچاقنىڭ كۇلىڭدىكى چوغلارنى ئالدىغا تارتىپ ،ئوت ئىسسنغاچ ‹‹رۇزەلەم ناخشىسىنى مۇڭلۇق تولاۋاتقان››دەك ئاجايىپ ساددا،ئەمما يېقىملىق سەھرا مەنزىرسى مېنى ئۆزگە مەھلقيا قىلدى ،ھەم يەنە مۇشۇبەتىڭ ئاستى ئوڭ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەدئې سۈرەتتىكى ئككى ئوماق بالا‹‹تاش تۈگمەن››دە تارتىپ كەلگەن ئۇندا يېقىلغان ناننى قولغا ئېلىپ تۇرۇپ :‹‹ئۇلى پىشقانمىدۇ؟››دەپ سول تەرەپ بەت ئاستىدىكى ئۆشنىسىگە كەتمەن سېلۋالغان ‹‹دېھقان ئاتا››دېن سوراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلاپ ،
مېنڭ تەپەككۇرۇمنى يىراق سەھرادا جەۋلان قىلدۇردى ...
مەن چوڭقۇر ھايا جان ئلكدە ئىلھام قۇشۇمنىڭ قانتىغا ئولتۇرۇپ ،خىلۋەتتىكى سەھرانىڭ باغ-ۋارنلىرىنى ئايلىنىپ ،بىراۋنىڭ ‹‹مېنىڭ بىر كەچمىشىم تالاي كەچمىشتۇر ››دەپ ئۆزنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسنى ئەسلەپ ،خۇشاللىق قايغۇلىرى
چاقماق چاققاندا ،‹‹ياققىن يامغۇر ››دەپ ئىلتىجا قىلۋاتقانلىقىنى ،ۋاھ،
‹‹سىر تۆكدۇ سىم-سىم يامغۇرلار ››دىگەن سۆزراسكەن .كۆڭۈل ئېتىزىمغا
‹‹يامغۇر يېغۋاتدۇ››بۇ ،ۋاقتىدا ياققان يامغۇر بولدى ،كۆردىڭىزمۇ؟ ‹‹دېھقان ئاتا ››؟دېگەندەك كۆرنۈشلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم
بۇيەردە شۇنداق بىر يەكۈن چىققانكى ،ئۇبولسىمۇ ئوڭ ۋە سول تەرەپنىڭ ئاخىرقى خۇلاسى يېشمىسى قەيسەر ،ئشچان،كەڭ قورساق، ئالتۇن تەر بىلەن زىمىننى كەشتىلىگۈچى ئۇلۇغ ئىنسان دېھقان بىلەن ئاياغلىشىپتۇ...
مەن ئەزەلدىن ھەرقانداق ئەسەر بولشىدىن ،ئۇنى كىمنىڭ يېزشىدىن قەتتى نەزەر ،ماۋزۇسى مېنى ئۆزىگە جەلۇپ قىلالمىغان ئەسەرلەرنى ئاساسەن ئوقمايمەن.بۇنداق قىلىش قەلەمكەشلەر گە نىسپىتەن ياخشى ئىش بولمىسىمۇ ،لىكن مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلانغان. شۇڭا ،بۇ بەتتىكى بىرنجى بولۇپ ماڭا تەسىر قىلغان نەرسە شۇكى ،ئۇبولسىمۇ تەبئى گۈزەللك جۇلالانغان،سەمىمىلىك نۇرلانغان ،ئۆزگىچىلىك نامايەن بولغان،سىرلىق پەداز ۋە كۆپتۈرمە سۆزدىن خالى بولغان مېھرى يېقىملىق ‹‹تىما››لاربولدى.تىما ياخشى تاللانغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئەسەرلەردىكى يېشىلمىسمۇ ئادمگە زوق بېرەلىشىدە گەپ يوق ....
قىسقىسى ،ئەسەرلەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مەزمۇنىنى جانلاندۇرۇش ،يېڭلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتتە مۇھەرىر كۆپ ئېقىل ئىشلىتىپ ،كۈچ سەرىپ قىلغان دىسەك خاتا بولمايدۇ.
مېنى ئۆزىگە جەلىپ قلغان يەنە بىرئىش ،‹‹تىمىا ئوخشاش ،كۈزتىش ئوخشىماس ››دىگەن تامغا ئىچىدە بېرىلگەن ،خۇدابەردى ئابدۇللا قاتارلىق ئۈچ ئاپتۇر نىڭ شىئېرى بولدى ،بۇشىئېرلارنىڭ ھەممىسى يامغۇر ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ ،بۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ ،ھەربىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالھىدىلىكى بار .مانا بۇنىڭدىن ماھارەت سېلىشتۇرمىسنى كۆرگىلى بولدۇ.
مۇھەرىر بۇ ئۈچ پارچە شىئېرنى نىمىشكەبىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى ؟ بۇنى سۆزلەپ ئوتۇرمىساقمۇ ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە ئايان ! شۇغنىسى ئېنقكى، مۇھەرىر بۇئۇسۇل ئارقىلىق ئاپتۇرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئۇلارنى بەيگەمەيدانىغا باشلاپ كىرىش مەخسىدىگە يەتكەن .شۇڭا بۇنىمۇ بەتتىكىى
بىر يېڭىلىق دىيىشكە بولدۇ ،ئەلۋەتتە.
‹‹ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇش››بۇ بەتتىكى يەنە بىر ئارتۇقچىلىق بەتنىڭ سول تەرەپ ئۇستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹غازاڭلارگۈزەل ››دېگەن سۈرەت گويا ئالتۇن رەڭلىك باراڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ،ئا لتۇن كۆزنىڭ گۈزەل ئالتۇن كارىدورىنى كۆزئالدىمىزدا نامايەن قىلدۇ. بەدئى سۈرەتلەرنى شىېئربىلەن ماسلاشتۇرۇپ بېرىپ ،
سۈرەت بىلەن شىېئرغا يېڭى جان كىرگۈزۈش بەتنىڭ ‹‹ھۆسنى››گە‹‹ھۆسۈن›› قوشقان...
بۇيەردە شۇنى دىيىش زۆرۈركى بىرقىسم مۇھەرىرلەر بەتكە ئەسەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا
ئەھمىيەت بەرمەيدۇ،ئۇنىڭ ياخشى-يامان يېزىلغانلىقىغا،مەزمۇنىغا ،بەدئى لىكىگە قارماي ئۆزى خالىغىنىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ‹‹كاۋاك  چالمىسى››قىلىپ قويدۇ. دىمەك ، بەتلەرنىڭ ئەسەرگە قاراپ ،مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇھەرىرگە باغلىق ئەگەر مۇھەرىردە پەرىق ئېتىش ئىختىدارى بولمىسا ياخشى ئەسەرلەرمۇ ئەخلەت سېۋتىگە تاشلىنىپ ھالاك بولدۇ،خلاس!....
3-يانۋار كەچتە تورداشلار ئارسىدا قانداق ئىنكاس قوزغالغاندۇ دەپ ئويلەپ ،ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا نەزەر سالدىم. ئىنكاس كۆزنىك نىڭ ئۈچنجى قەۋتىدە،ئەركىزات ئەپەندى:‹‹ئالتۇن كۆۈزنىڭ مول – ھوسۇلى مۇشۇ سانغا جەم بولغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم . ئېسل چىققان بىرسان ئەدەبئى بەت بوپتۇ ››دەپ ئىنكاس يازغان بولسا،تۆتىنجى قەۋەتتە مىھرى ئىسىملىك قەلەمكەش :‹‹گېزىتتە ئەسىرى ئىلان قىلىنغان مۇنبىرمىز ئەزالىرىدىن ئالاھىدىن ئابدۇرشىت،غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت،ئابلىز توختىمۇھەممەت ئارىقۇمى ،ئەخمەتجان تۇرۇپ،ئابدۇلئەھەت داۋۇت،تۇرسۇنئاي سۇلتان،سائادەت ساتتار ئايتۇغ،ئابلەت مۇھەممەت،خۇدابەردى ئابدۇللا ،ياسىن مەتنىياز قاتارلىق قەلەم ساھبلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!››دەپ ئاپرىن ئېيتىدۇ.
4-يانۋار9-قەۋەتتە جاپاكەش مۇھەرىرنىڭ ئەجرىنى قەلەمگە ئالغان مۇنبەرداش   ئىبنۇرى:
‹‹شىنجاڭ گېزتى››دىكى‹‹ئەدەبئى بەت››ئۈچۈن ،ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلۋاتقان مۇھەرىرلەرگە باھارلىق قەلەمكەشلىرمىز نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن ››دەپ يېزىش ئارقىلىق ئىنتايىن ئادىل باھا بەرگەن...
قىسقا،ئەمما قەلمكەشلەرنىڭ يۈرەك سۆزى يىغىنچاقلانغان بۇ ئىنكاسلاردىن مۇھەرىر
لەرنىڭ ئەجىر-مىھنىتگە بەرگەن باھاسنى،بۇ بەتنىڭ جەميەتتە ياخشى تەسىر قوزغىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولدۇ.
ئومۇمى جەھەتتىكى گېپمىزنى يىغىنچاقلىغاندا،تەھرىرلەردە ئۆتكۈر كۆزبولۇش،ئونۋېرسال بىلىم بولۇش،يېڭلىق يارتىش روھى بولۇش دادىل يۈرەك بولۇش ئەڭ مۇھىمدۇر. ئەگەربۇ‹‹تۆت بولۇش››بولمىسا،كونا‹‹رامكا››چېقىلمايدۇ،يېڭلىق يارالمايدۇ. قاتمال ھالەت ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەقىيات يولىنى چەكلەپ قويدۇ.چەكلىنىپ قالغان ‹‹ئىجادىيەت››دەئۈمۈت بولمايدۇ!...
شۇڭا ئەدەبئى مۇھەرىر بولغان كىشى ئەلۋەتتە ئۆزنىڭ ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئوستۈرۈپ تۇرشى،قاتمال ئىددىيە چەمبىركىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،يېڭلىق يارتىش يولىدا،
ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقدىغان ‹‹مېۋە››لەرنى قولغاكەلتۇرۈش ئۈچۈن تىرشىشى كېرەك ...
چۈنكى يېڭلىق يارتىلغان نەتىجىلەر تىرىشچان قەلەمكەش ،مۇھەرىرلەرگە مەنسۈپ!
ھەقىقەتكە،‹‹شىنجاڭ گېزتى››نىڭ‹‹ئەدەبىيات گۇلزارى››دىكى مۇھەرىرلەر يېقىنقى ئىككى- ئۈچ يىلدىن بۇيان،قاتمال رامكا،‹‹قەپەز››لەرنى چېقىپ تاشلاپ ،
‹‹ئالتۇن سۇمرۇغ››لارنى ئۇچرۇپ،يېڭلىق يارتىش يولدا ياخشى مۇۋاپىقيەتلەرنى
قولغا كەلتۈردى! مېنىڭ يۇقىردا تىلغا ئالغانلىرىم پەقەت ئەشۇ مۇۋاپقيەتلىك بېسىلغان قەدەمنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ، شۇنداق دىيىشكە ھەقلىق مەنكى‹‹ئەدەبىيات گۇلزارى››دىكى يېڭى ‹‹مېۋە››لەرنىڭ پەرۋىشكارى بولغان ئابدۇشۇكۇر قاۋۇل قاتارلىق مەھەرىرلەرنىڭ بۇ ئەجىر ‹‹مېۋە››سى باھارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ قەلەب سارايىدا چاقناپ ئىجادىيەت سەپرىگە تېخمۇ زور ئىلھام ئاتا قىلغۇسى.

ئىزاھات : قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى شۇبەتتىكى ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 13:23  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-15 10:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش، ئەپەندى، مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-15 11:37:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-12-15 12:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ر.دىلدار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 11:37
ھارمىغايسىز

تېما ياخشى تاللانسا، مۇۋەپپىقىيەت قازانماي قالمايسىز!
                                                         -- دالى كارنىگ

ۋاقتى: 2014-12-15 15:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-15 16:07:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلنامىنى خاتا ئاتاپ قويۇپسىز ئاتەش ئەپەندىم...
2-يانۋار ئەمەس 2-نويابىر...
بۇ ئەدەبىي بەتنى مۇنبەرگە مەن يوللىغان ئىكەنمەن...ئاي ئىسمىنى تۈزىتىپ قويغايسىز.

ۋاقتى: 2014-12-15 16:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت. ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-12-15 17:27:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چېقىپتۇ

ۋاقتى: 2014-12-15 20:32:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەيلى ئەدەبىي ژۇرناللار بولسۇن، ياكى گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرى بولسۇن مۇشۇنداق ئىجابىي (ياكى سەلبىي) تەرەپلەردىن  ۋاختىدا خۇلاسىلىنىپ باھا بىرىلىپ مېڭىلسا مۇھەررىر ھەم ئاپتۇرلارغا پايدىسى ناھايىتى كۆپ دەپ قارايمەن...
تېما ئىگىسىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-12-16 00:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن! ماقالىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. بۇ ماقالىنى «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئەۋەتىپ بىرىڭ، ئۇلار چوقۇم ئەجرىڭىزگە يارىشا جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 00:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 10:24
ئاتەش، ئەپەندى، مۇبارەك بولسۇن!

100مىتېر يىراقلىقتا تۇرۇپ كۆرۈشەلمەي، توردا كۆرۈشكەنلكىمدىن خۇشالمەن!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 00:25:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ر.دىلدار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 11:37
ھارمىغايسىز

رەھمەت سىزگە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 00:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پامىرى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 12:26
تېما ياخشى تاللانسا، مۇۋەپپىقىيەت قازانماي قالمايسى ...

توغرا گەپ  !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 00:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.غېنى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 15:43
ھارمىغايسىز

دىگىنىڭىز بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 00:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 16:07
يىلنامىنى خاتا ئاتاپ قويۇپسىز ئاتەش ئەپەندىم...
2-يانۋا ...

ھە شۇنداق توغرا دەيسىز  ،تۈزتىشكە بولماي قالدى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش