قانۇن ھەققىدە ھېكمەتلەر
توپلاپ تەييارلىغۇچى: مەخەت ئابدۇرېھىم
@ بىر تۈرلۈك قانۇننىڭ كۇچى مىڭ دانە ئاتوم بومبىسىدىن كۈچلۈك.
@ قالاق ئەل،قالاق ئادەم بار دېيىشكە توغرا كەلسە،قانۇن بىلمىگەنلەرنى شۇنداق ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.
@ خۇسۇسىي ئادۋۇكاتلار كۆپ يەردە بىر بولسا،قانۇن-تۈزۈم چىرىك،بىر بولسا قانۇن-تۈزۈم ھەقىقىتەن چىڭدۇر.
@ قانۇن ماددىسى ھەرقانداق قۇرال ئوقىدىن يامان.
@ قانۇن ھېچكىم بۇزالمايدىغان مۇستەھكەم قورغاندۇر.
@ قانۇننى سۆيمىگەن ئادەمنى ئەجىلى تىز تاپىدۇ.
@ پادىشاھ بىلەن تۇغقان بولاي دىسەڭ،قانۇنغا ئىتقات قىل.
@ قاقشاش قانۇن بىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
@ قانۇندىن ئىشەنچىلىك دوست ھېچ يەردە يوق.
@ قانۇن-تۈزۈم چىڭ يەردە ئامەت كۆپ،قانۇن-تۈزۈم بوش يەردە ئاپەت كۆپ.
@ قانۇنغا تايانماي بەختكە ئىرىشمەكچى بولوش ئەخمەقنىڭ ئىشىدۇر.
@ بەختلىك بولوشنى ئويلىغان ئادەم چوقوم قانۇن قارىشىنى تۇرغۇزۇش كىرەك.
@ ھەر قانچە قابىلىيتىڭ بولسىمۇ،قانۇنغا چاقچاق قىلما.
@ قانۇن ئۆزىنى بىلگەنلەرنى ھۆكۈمران،ئۆزىنى بىلمىگەنلەرنى گۇمران قىلىدۇ.
@ بىر ئادەم قانۇننى چۈشۈنسە،ئون ئادەم گۇناھتىن قاچىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى:
مەخەت ئابدۇرېھىم: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 19:37
|