چەرچەن ناھىيەسىدە مەرەمنىسا قۇرباننىڭ «مۇھەببەت شۇنداق داۋاملاشقان» رومانى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
: d- g/ G2 c- U$ M1 X
12-ئاينىڭ 13-چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە - رادىئو -كىنو تىلېۋىزىيە ئىدارىسىدا مەرەمنىسا قۇرباننىڭ «مۇھەببەت شۇنداق داۋاملاشقان» رومانى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.مۇھاكىمە يىغىنغا چەرچەن ناھىيەسىدىكى 35دىن ئارتۇق قەلەلەشلەر قاتناشتى.يىغىنغا چەرچەن ناھىيەلىك ئوتىرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شائىر ئەنۋەر رۇزى رىياسەتچىلىق قىلىدى. يىغىندا «قايتىلانماس باھار »ناملىق روماننىڭ ئاپتۇرى مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ياقۇپجان كېرەم،تالانتلىق ياش يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت،مەرىپەتۋەر ئەدىپ تۇرسۇن ئەبەي،تۇنۇلغان تەرقىمان پولات رەجەپ،شائىرە ھەلىمە تۇردى ،پىشقەدەم ئەدىپلەردىن ئامانجان سابىت،قەمەردىن سۇلتان،ياش ھەۋەسكارلاردىن ياسىنجان ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار رومانغا بولغان تەلەپ،پىكىر، باھالىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.پولات نىياز مۇشۇ رومانغا ئاتاپ يازغان «مۇھەببەت داۋاملاشقان» ناملىق شىئېرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى.مەرەمنىساخان قۇربان ئۆزىنىڭ بۇ روماناننى يېزىش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتتى،ئارقىدىن مەرەمنىساخان قۇرباننىڭ بالىلىرى ۋە قەلەمكەشلەر ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ئاددىغىنە كۆڭلىنى سوۋغا قىلدى. مەرەمنىساخان قۇربان 1959-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1979 -يىلى بوستان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قىزىل ئالما»ناملىق نەسىرى ئەسىرى ئارقىلىق ئىجادىيەتكە قەدەم باسقان بولۇپ، ئۇ ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.ئۇنىڭ «ياشلىقتا يېزىلغان خەتلەر»ناملىق ھېكايىسى ئاپتۇنوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «چىرايلىقسەن،ئەمما بىچارىسەن»ناملىق نەسىرى سېھىرلىك كىروران ناملىق ئەدەبىي كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 1979-يىلىدىن ھازىرغىچە 200پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسىر،ئەدەبىي خاتېرە،ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىق ئەسەرلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. «ئاپتورنىڭ « مۇھەببەت شۇنداق داۋاملاشقان»ناملىق رومانى،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. مەرەمنىساخان قۇربان 1985 -يىلىدىن 1987-يىلىغىچە شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تەربىيلەش سىنىپىدا ئوقۇغان. ئۇ ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ،چوڭكۆل يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ،2006-يىلى شەرەپ بىلەن پېنسىيىگە چىققان.ئۇ ھازىرمۇ داۋاملىق ئەدەبىي-ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
1 t/ Z4 g6 Z* ^. L/ pمۇھەببەت داۋاملاشقان
پولات نىياز
مۇھەببەت داۋاملاشقان،پاك سۆيگۈ چىچەك ئاچسۇن،
چاڭقىغان يۈرەكلەردە،ۋىساللار داۋان ئاشسۇن.
ھارمىغاي قەلەم يەنە چاپقاي ئىنتىلىپ دائىم،
دۇر-گۆھەر ئېلىپ قۇمدىن ئەبىدى داۋام ئەتسۇن.
5 J/ H4 T4 D/ t/ tسىز بىلەن قىزىل يۇلغۇن ئوقۇدى ئۆمۈر داستان،
ياشلىققا يېزىپ خەتلەر تۇنجى رەت قەدەم باسقان.
توغراقتىن ئېلىپ چىن روھ تاۋلاندى ئىجادىڭىز،
تۇيغۇڭىز بولۇپ دەريا دولقۇنى شۇڭا تاشقان.
" L+ Y9 p) w* P% J' D! A2 cئەجرىڭىز بىرىپ مېۋە،مانا ئاخىر چىچەك ئاچتى،
ئۈزۈلمەس مۇھەببەتتىن ۋىساللارغا پۇراق چاشتى.
ئەسلىسەك ناھارلارنى ھەر تاڭدا يېڭى مەنا.
بۇلبۇلدەك سېلىپ چاڭلار باغلاردىن ماكان تاپتى.
3 |/ W; A+ F2 [
تۈنلەرنى ئۇلاپ تاڭغا نەچچە شام كۈيۈپ كەتكەن،
ھەر شامنىڭ يۇرۇغىدا مىڭ ئەنداز يۇرۇق ئەتكەن.
ئەجرىڭىز ھوسۇل بەردى، يۈرەكنى چىكىپ زىلتار،
داۋاملاشسۇن مۇھەببەت-دەپ،قەلبىڭىز ئۈمدلەنگەن.
9 l! l$ v# W, y5 f8 rئېزىزلاپ ئېلىپ باشقا بۇگۈن خەلقىم ياپار توننى،
تۇنجى بوپ ئاياللارغا روماندىن ئېچىپ يولنى.
مۇھەببەت داۋاملاشقان پاك سۆيگۈ چېچەك ئاچسۇن،
ياشلىقتا يېزىپ خەتلەر ھاياتتا سېلىپ ئولنى.
' T o* r% i4 e' `/ e7 y, v0 z
" r) Y6 ^7 Y0 r: U2 h& o-1سۈرەتتە:چەرچەن ناھىيەلىك ئوتىرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شائىر ئەنۋەر رۇزى رىياسەتچىلىق قىلماقتا.
; u; h* t" T3 N. @$ g& t$ d