كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىزمەتچىنىڭ پوزىتسىيەسى
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارى ۋە خىزمەت پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا خىزمەتنى قانچىلىك دەرىجىدە ياقتۇرۇپ ئىشلىشى كارخانىنىڭ ئىستىمالچىلار كۆڭلىدىكى ئوبرازىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش، بولۇپمۇ ئۇلارنى كارخانىنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈدىغان ئاڭغا ئىگە قىلىش كارخانىچى ئۈچۈن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش. كارخانىدىكى بارلىق خىزمەت ھالقىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاسان ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەلىپىنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ. ئوخشاش ئىشنى ئوخشىمىغان ئىقتىداردىكى خىزمەتچىلەرگە قىلدۇرۇپ كۆرۈپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە كەسپىي ئىقتىدار تەلىپىنى باھالاپ تۇرغۇزۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ھەر بىر خىزمەتنىڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلى تۇرغۇزۇلغاندىن سىرت يەنە شۇ خىزمەتنى قايسى خىل سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلىشىغا لايىق كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك. چۈنكى ھېچكىم خىزمەتنى قىينىلىپ تۇرۇپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. ئېنىق ئۇسۇلى ۋە باھالاش ئۆلچىمى بولمىغان خىزمەت ھامان خىزمەتچىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ياكى ئۆز ئىقتىدارىغا قاراپ ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان خىزمەت يېڭى مەھسۇلات ئىجاد قىلغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇنداق تەلەپنى يېڭى خىزمەتچىلەرگە قويغىلى بولمايدۇ. ئۇستىكار خىزمەتچى يېتىشتۈرۈش. ئىجادكار، تەلەپچان خىزمەتچىلەرنى تاللاپ، كۆپ ئىقتىدارلىق، ھەممە ھالقىدىكى ئىشنى قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. يېڭى خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش، بوش قالغان خىزمەت ئورنىنى ۋاقىتلىق تولۇقلاش، خىزمەت ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلاردا پىشقان ئۇستىكار خىزمەتچىلەرنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بۇنداق خىزمەتچىلەر كارخانىدا خوجايىنغا ئىجابىي پىكىرلەرنى بېرەلەيدۇ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە باشقۇرغۇچىنىڭ رولىنىمۇ ئوينايدۇ. باشقۇرغۇچى ئالماشسىمۇ خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەر دائىم بىر خىل قېلىپتا، نورمال داۋاملىشىشىدا پىشقان ئۈستىكار خىزمەتچىلەرنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش. يېڭى خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ياتاق، تاماق مەسىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىناق ۋاقتى ۋە رەسمىيلەشكەندىن كېيىنكى مائاش تەمىناتىنى ئېنىق كېلىشىۋېلىش قاتارلىقلار يېڭى خىزمەتچىنى تۇتۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خىزمەتچىلەرنى تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىسىدىن خالاس قىلىش ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق سۇغۇرتىلىرىنى تۆلەپ بېرىش، نوپۇس يۆتكەش ۋە باشقا سالاھىيەت كېپىللىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خىزمەتچىلەردە پەۋقۇلاددە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە دەرھال مىھرىبانلىق كۆرسىىتىش خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشىگە يول ئاچىدۇ. خىزمەتچىلەر خاتالىق سادىر قىلغاندا، ۋاقتىدا تۈزۈتۈش بېرىش ياكى ئەيىپلەش، ھەتتا جازا بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە ئىچكى قىسىمدا شۇ خىزمەتچىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈش خىزمەتچىلەرنىڭ تەكرار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشىنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر. ئىچكى ئۆملۈكنى ساقلاش. خىزمەتچىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا كارخانىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، كارخانىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن خادىملىرى، خېرىدار تەرەپ خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چەك-چېگرا ئايرىش، مۇئامىلىدە ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈلۈشى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز سالاھىيىتىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى يېتىلىشىگە ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق. بارلىق خىزمەتچىلەرنى يىغىپ يىللىق ياكى پەسىللىك پائالىيەت ئويۇشتۈرۈش، قىسقا مۇددەتلىك ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشمۇ كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆملۈكنى ساقلاش ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقان خىزمىتىنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. كارخانا خوجايىنى خىزمەتچىلەرگە "تىرىشمىغان خىزمەتچىگە نېمە دەپ غەمخورلۇق قىلغۇدەكمەن" دەيدىغان قاراشنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا"خىزمەتچىنىڭ تىرىشماسلىقى مېنىڭ ياخشى يېتەكلىيەلمىگەنلىكىمدىن بولدى"دەيدىغان قاراش بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، خىزمەتچىدىن ئىبارەت بىر شەخسنى كارخانىدىن ئىبارەت بىر ئىجتىماىي توپقا قارشىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك ئەجەللىك خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى كارخانا بولغاچقا خىزمەتچى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ خىزمەتچى بولغاچقا كارخانا بولغان ئەمەس. كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بېقىنىشى نىسبىي يوشۇرۇن، خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىغا تايىنىشى مۇتلەق ئوچۇق بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، كارخانىچىنىڭ خىزمەتچىدىن زارلىنىشقا ھەققى يوق، چۈنكى خىزمەتچىلە رھامان كارخانىچىنىڭ يېتەكلىشىدە بولىدۇ، لېكىن خىزمەتچىلەر كارخانىچىدىن زارلىنىشقا تامامەن ھەقلىق، چۈنكى خىزمەتچىلەر كارخانىغا ئۆزىنى نامايان قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق تېگىشلىك مەنئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ. 2014-يىلى 30-ئاپرىل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 09:39
|