مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق ئاپتورلارغا ئۇقتۇرۇش
«يازغۇچىلار تورى»نىڭ يېڭى مۇنبىرى ۋە باش بېتىنىڭ رەسمىي ئېچىىۋېتىلگىنىگە مانا ھازىر ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى. ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا تورىمىزنى مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالەتكە ئۆتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلار ۋە ئاپتورلىرىمىزنىڭ كونا باش بېتىمىز ۋە كونا مۇنبەردىكى ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىۋېلىشىنى ۋا ياكى ساقلىۋىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
كونا باش بەت ئادرېسى :
http://uyghur.xjzjxh.com/default.aspx
كونا مۇنبەر ئادرېسى:
http://new.xjzjxh.com/
ھازىرچە كونا مۇنبەر ،كونا باش بەتنى قايسى چاققىچە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە بىر نەرسە دىيىشمىدۇق. شۇڭا تورداشلارنىڭ كونا باش بەتتىكى ئەسەرلىرىنى بۇرۇنراق ساقلىۋېلىشى يا يۆتكىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر بوشلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بېرىپ قالسا كونا باش بەت ۋە كونا مۇنبەرنى يۇيىۋىتىشىمىز مۇمكىن . ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن ئەسەرلەرنىڭ يوقاپ ۋە ئۆچۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى. ئاپتورلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە ئېتىبارسىز قارىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2014-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى