يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانا ۋە يوچۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-12 01:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانا ۋە يوچۇق



تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


   بىر كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممە ئىش جايى-جايىدا يۈرۈشۈپ، ھەممە خىزمەتچىنىڭ شىركەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كېتەلىشى ناتايىن. نۇرغۇن ئامىل شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن تەتۈر قۇيۇن چىقىرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ساقلىنىپ بولماق تەس، مانا بۇ ئېھتىماللىقنى بىز "كارخانىدىكى يوچۇق"دەپ ئاتايمىز. بىزدە "تۆشۈك يانچۇقتا پۇل تۇرماپتۇ" دەيدىغان بىر گەپ بار، ئەگەر ھەممە ئىشنى ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللار ئۈستىدە باش قاتۇرمىغاندا، بارلىق تىرىشچانلىق كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن يوققا چىقىشى، ھەتتا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا كارخانىدىكى بۇنداق يامان سۈپەتلىك يوچۇقنى ۋاقتىدا ئەتكىلى بولىدۇ؟
   خادىملار ئارىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ۋاقتىدا كېسىش. كارخاندىن ئىبارەت كىچىك ئىجتىماىي توپتا ھەممە ئىشقا چېپىلىدىغان "ۋات-ۋات خوتۇن" تىپىدىكى خادىملارمۇ، ئىچ مىجەز، غەيۋەتخور، خوشامەتچى خىزمەتچىمۇ، شۇنىڭدەك ”ئامالسىزلىقتىن ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىمەن“دەيدىغان، "ئاشنى يەپ قازاننى چېقىۋېتىدىغان" خىزمەتچىلەرمۇ بولماسلىقى شەرت. ئەگەر بارلىقى بايقالسا ۋاقتىدا يۈزتۇرانە پاراڭلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىش؛ يەنىلا ئۆزگەرمىسە، بايقالغان ھامان ئىشتىن توختىتىۋېتىش كېرەك.
   مالىيە چىقىمىدىكى پارازىت قۇرۇتنى تازىلاش. مالىيە ھېساباتىنى ئېنىقلاش، كىرىملەرنىڭ ئېنىق، توغرا خاتىرىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، چىقىملاردىكى خىيانەت ۋە "ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش" قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. كىرىم-چىقىم مۇۋازىنىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۆكتۈرمە ھېسابات ياكى كىچىك غەزىنە بولۇشىغا يول قويۇلماسلىق؛ يالغان تالون ئاتچۇت قىلىدىغان، مال كىرگۈزۈشتە شېرىنكانە ئالىدىغان، پارچە كىرىمنى مالىيە ھېساباتىغا مەلۇم قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى يىلتىزىدىن چەكلەش كېرەك.
   پايدىنى خورىتىدىغان تۈرلەرنى ۋاقتىدا شاللاش. كۆپ دۇكان ئېچىش، كۆپ خىل ئىشقا تۇتۇش قىلىش قارىماققا بىرىدە پايدا ئالالمىسا يەنە بىرىدە تولۇقلاش بولۇپ، ئاقىلانىلىك ھېسابلانسىمۇ، زىيانغا تارتىدىغان تۈرلەردىن ۋاقتىدا قول ئۈزمەسلىك ئومۇمىي پايدىنى خورۇتۇپ، ئومۇمىي تەرەققىياتقا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان پايدىسىز ئامىللارنىڭ بىرى. كارخانا ئىگىلىكىدە بىر خىل كەسىپنى ئۇزاق مۇددەت، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەش پايدىغا ئېرىشىنىڭ ئاساسلىق شەرتى. شۇنداقتىمۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بەزى كەسىپلەرنىڭ مۇقەررەر شاللىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدىن كەسىپ ئالمىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇزاق مۇددەت ئاز-ئازدىن كۆچۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەككى، بۈگۈن بىر كەسەپتىن ۋاز كېچىپ، ئەتە يەنەبىر كەسىپكە ئالمىشىشتەك شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرمەسلىك، شۇنداقلا پايدىسى يوق كەسىپتىن قول ئۈزەلمەي، ئىككى قولۋاققا تەڭ دەسسىمەسلىك لازىم.
   تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان خاتا ئىدىيە، بىر تەرەپلىمە خاھىشنى توسۇش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىدىكى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىشلارنىڭ چەك-چېگرسىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان، ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمەيدىغان، تولا ئىككىنىلىدىغان ناچار خاھىشلارغا ۋاقتىدا بەرھەم بېرىلىشى؛ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى توردىن مۇنداقچىلا بىلىۋالغان ئانچىكى ئېنىقسىز ئىشلارغا بەكمۇ ۋاي دەپ كېتىدىغان؛ ئۆز خاھىشىغا بېقىپ بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشىنى كۆپچىلىككە زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنىدىغان بىتايىن قىلمىشلارغا ۋاقتىدا خاتىمە بېرىش زۆرۈر. بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان، ئىلمىيلىكنى كەمسىتىدىغان، قۇرۇق گەپ سېتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدىغان ئىدىيىسى قاتمال باشقۇرغۇچىلار، پايچىلارنىڭ كارخانىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش گورۇپپىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاجىزلىتىش كېرەك.
   كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەش. خېرىدارغا ۋەدە بېرىپ قويۇپ ئەمەل قىلمايدىغان، مال تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار بىلەن بولغان توختامنى ئىجرا قىلىشقا سەل قارايدىغان، نەقلەشتۈرىدىغان چىقىملارنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرمەيدىغان، كارخانىنىڭ ئىستىمالچىلار كۆڭلىدىكى ئوبرازىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش؛ سېتىپ چىقىرىش، سېتىۋېلىش ۋە ھەرقانداق ئىشتا مۇئامىلىدارلارغا سەمىمىي بولۇش، ئوچۇق-يورۇق بولۇش، زىدىيەت،ئاداۋەت پەيدا قىلماسلىق قاتارلىقلارمۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىرپەيدا قىلىدۇ.
گەپنى يىغقاندا، ھازىرقى دەۋر ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىق، يەڭ ئىچىدە مۇئامىلە قىلىش، ھىيلە-مىكرى ئىشلىتىش، باشقىلار بىلەن بىھۇدە زىدىيەتلىشىش قاتارلىقلارغا يول قويۇلمايدىغان ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىلىمگە بولغان ئېھتىياج، تېخنىكىغا تايىنىپ پايدا يارىتىش ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتىدۇ. كارخانا تەرەققىياتىدا ئومۇملۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، قىسمەن پاسسىپ ئامىللارنى ۋاقتىدا چەكلەش ۋە تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
2014-يىلى 16- ئاپرېل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش