تاقەتسىز كۈتۈش
كېلەي دەپ كەلمىدىڭ دىلبەر، كۈتۈپ ۋەسلىڭدە داغلاندىم،
قارا چاچىڭ ئارا تۈندەك ساياق نەسلىڭگە باغلاندىم.
تۆكۈپ پەريادىنى تەمبۇر، سۇنۇق بىر كۈيدە ئۈنلەيدۇ،
قەلىب چوغدانىدا ئىسيان، سۇيۇق بەستىڭگە تارلاندىم.
سەنەم كەزگەن چاھارباغدا غىرىبنىڭ ياشلىرى دەريا،
قەپەستە ئۈنلىگەن تورغاي كەبى قەستىڭدە خارلاندىم.
شىرىن قىسقان گۈلى رەيھان تۆكەر تاغ غارىغا قىسسە،
بولۇپ پەرھادى مەشۇقسىز، قوقاس تەپتىڭدە ياغلاندىم.
ئىشىق دەرياسىدا لەپ-لەپ ئاقار پەرياد چېكىپ ھىجران،
كېتىشكە قالمىدى مەغدۇر، باھار پەسلىڭگە باغلاندىم.
كۆڭۈلنىڭ تەكتىدە گۈلخان ئارام بەرمەي كۆيەر گۈر-گۈر،
ۋېسالنىڭ يۇلتۇزى ئۆچكەن قاقاس ئەسلىڭدە زاغلاندىم.
كۈتۈش قاسراقلىرى چۇل-چۇل بولۇپ تىترەتتى تەمكىننى،
ئۇپۇقتا نە قۇياش كۈلگەي، ھېجىر دەشتىڭگە پالاندىم.
2014-يىل 10-دىكابىر، خوتەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 18:55
|