يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2959|ئىنكاس: 52

روبائىيات ۋە غەزەلىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   بارلىق روبائىي ۋە غەزەللىرىم «روبائىيات ۋە غەزەلىيات» دىگەن تىما ئاستىغا يوللىنىدۇ


خوتەن تەرىپىدە غەزەل

ئۇيغۇرۇمدا بىر مۇھەببەت، ئەۋجىدۇر:«گۈل-گۈل خوتەن!»
يىلتىزىمنىڭ مەنبەئىي ئۇ، تۇتىيا سۈرگىل خوتەن!
ئەسلى-ۋەسلىڭدۇر راۋاجى بۇ «تۇران»،«تۈ*ركىي» خەلق،
نەسلى ساپ، ۋىجدانىي قاندىن گىن-ئۇدۇم ئەۋزەل خوتەن.
بەش ئىرا ئۆتتى زاماندىن نۇسرىتى فۇرقەت بىلەن،
«تۇر»،«ئوغۇز»،«ئارى»چە«زال»دىن،«ئەرتۇڭا»،«خالخال» خوتەن.
بىرسى تارىم، بىر«ئۇرۇمقاش» مەشرىقى ئاققان تامان،
ئول«ئىتىل»- ئۇدئەل مۇرەن، دولقۇن ياساپ يۈرگىل خوتەن.
«سول تەرەپتە ‹كىنئۇرۇم› بار...شەھرى كۆپ...ئاۋات دىيار»:
مەرگىزى-«كىن»دۇر، يىپەك- «ئۆرۈم» ئىدىڭ بىلگىل خوتەن.
ئۈجمىدە باققان پىلە تەقدىم ئېتەر سانسىز تۇخۇم،
داشتا قاينايدۇ غوزەكلەر يىپ-يىپى سۈزگىل خوتەن.
ئۇرچىقى زەريىپتا كاللەك، رەڭ بېرەر يۇلغۇن چېچەك،
كۈزدە توغراق ياپرىقىدىن ھال رېڭى ئۈزگىل خوتەن.
ئول يىپەك باپكارىغا ئارقاق سالار رەڭلىك ئەجەپ،
ئۆرىشى زەريىپ بىلەن رەڭدار يىپەك سەرخىل خوتەن.
گۈل چېكەر قىزلار گىلەمگە سۆيگىنى ئەفكار قىلىپ،
قالدۇرۇپ دۇنيانى ھەيرەت، زىلچىسى مىڭ خىل خوتەن.
قاش تېشى دەريانى قۇدرەت قىلدى ئەجداتقا مادار،
بولدى ھامىي پۇشتى-قانغا قارنى كەڭ، ھەقدىل خوتەن.
يەتكۈزۈپ بۇ «يۈ»گە ئەجدەر قاش تېشى «گەز»دىن ھۈنەر،
قول ئۇزاتتى دوستقا چىندىن، كۆڭلى ئاق ساپدىل خوتەن.
مەشرىقى مەغرپ تامان، تايلاپ يىپەك كارۋان يۈرەر،
كەڭ ئېچىپ دۇنياغا قولنى دوستلىرى ھاسىل خوتەن.
ئۆرپى-ئادەت سەندە جەۋلان، مەنىۋى خىسلەت بۆيۈك،
مىللىتىم روھىغا تۈۋرۈك «تۇر-تۇران» پاسىل خوتەن.
ھەق-ئادالەت تەرىپىدە، كىم سېنى ئەركەك دېمەس؟
چاپسىمۇ كاللاڭنى مىڭ رەت، قەھرى خوپ جاھىل خوتەن.
دەۋرى كۈلسە سەنمۇ كۈلدىڭ، قەھرىتان قىشتىن چىقىپ،
كۆڭلى تەققاس قاش تېشىغا مۇڭلىرى «ئۆزھال» خوتەن.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 18:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-15 20:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن تەۋسىپىدە يېزىلغان غەزىلىڭىزنىڭ 14- ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن خۇشالمەن. كېچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ، خوتەننىڭ تارىخى ئېتنۇگرافيەسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خوتەننى بەك چوڭقۇر چۈشۈنىدىكەنسىز. سىز ئۈچۈن مەن پەخىرلەندىم. مۇبارەك قوللىرىڭىز  گۆھەر قېزىشتىن ھارمىغاي!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-15 23:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ئا. سادىر»
   گەرچە خوتەننى چۈشىنىشىم تولۇق بولمىسىمۇ كىلاسسكلارنى دوراپ «خوتەن» ھەققىدە يېزىپ باقتىم... كىلاسسك شائىرلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى ھەربىر يۇرتنىڭ تەرىپىنى ئۆز غەزەللىرىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقان... بىزمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ يۇرت تەرىپىدە يېزىشىپ باقايلى... مانا مۇشۇنداق قىلالىساق قېرىنداشلىق رىشتىمىز تېخىمۇ مەھكەم بولغۇسى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-15 23:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

روبائىيلار

خۇدا بەندەڭنى بەنت قىلما كۆزى ئوت، پەيلى تەرساغا،
تىلى يالغان، دىلى ئازغان يېتەلمەس ئەرشى-ئەلاغا.
كۇپۇرلۇق قىلمى-ئەتمىشنى قىساسنىڭ ئامبۇرى قىسسا،
تەخت، تاج، خانۇ-مانىڭنى سۈرەر ساھبمۇ پەگاغا.

ئېگىلسەڭ قىبلىسىز بىر رەت، تامادۇر خائىشىڭ ئەلۋەت،
بۇ خائىش دەستىدىن ئىنسان، مىسالى؛ لالما ئىت دەھشەت!
نادانلىق ئەيبى-نۇقساننىڭ مۇۋاپىق ئۆزرىسى باردۇر،
قەدىر قەددىڭنى تىك تۇتقىن، قىياندەك باسسىمۇ غۇربەت.

كوزۇرۇڭ ئاندا ئىپپەتسىز، ھوزۇرۇم بۇندا ئىبرەتسىز،
جىمى قەستىڭنى قىل ئاشكار،ياشاي يالغۇزلا ئۈلپەتسىز.
قەلب ئىزھار... دالالەتتە، سۈكۈت رەنجى... مالامەتتە،
داۋاملاشقاي قاچان، قايدا؟ بۇ دوستلۇق ۋەدە،تىلخەتسىز.

دەپى-دۇنيا،جىمى بىسات ئايان بەلكى تارازاڭدا،
ئىلىم بىرلەن ساخاۋەتكە نە ئۆلچەم بار بازارىڭدا ؟
تامام ماددى مەئىشەتكە گاداي،شاھ نەپسىدۇر ماھىل،
ئېگەڭ ئاخىرقى نەرقىڭنى ئىدىتلاركى مازارىڭدا.

تەكەببۇرلۇق كېبىردە تىك تۇراركى ئوت ئارا شەيتان،
تەمەننا جىسمى، روھلاردىن ھاياتلىق تاپمىدى ئىمكان.
ساخاۋەتكار، مۆرۈۋۋەتتىن خىزىر كۆركىدە كەمتەرلىك،
بۇ كۆركى ئول ماقامىدا مۇكاپات؛جەننىتى-رىزۋان.

تەپەككۇر ساھىبى قاندۇر مېنىڭ تەشنا خۇمارىمنى،
ئادالەت تەركى دۇنياسى سورايدۇ مۇڭ ساتارىمنى.
سۈكۈت، رەنجى، تەئەججىپنىڭ ھاياتتا ئىتىبارى يوق،
ئاتا قىل روھى بەردەملىك ۋە قەھرى ئىختىيارىمنى.

پۈچەك سۆز ئەيبى-نۇقساننىڭ بۇخۇد ئەپتى، خۇنۇك ھالى،
ئەنىڭ ئول نۇسخىسى ھايۋان، مەئىشەتتۇر ۋەيا بارى.
كۆزىدە دېلغۇلى-دشۋار، سۆزىدە بەدنىيەت ئاشكار،
قۇيۇندەك بارىنى قوزغار... تۇماندەك ۋەجى-ئىقبالى.

نوپۇز،مەنسەپ،ئەقىلداننىڭ نىيەت،دىل پەردىسى قات-قات،
«سامان تەكتىگە سۇ كىرسە» تەسەللىمىز؛«سەدىق»تۇر-ئات.
جاھاننى ئەۋلىيا خالس سوراش يۈزدىن بىرى نۆۋەت،
يىغىپ-تۆشەپ دۆۋە قىلساڭ، كى ئوننىڭ توققۇزى بەربەت.

«كۈلمىدىم بىر قانغۇدەك ئۆمرىمدە سەندىن ئى! جاھان»،
مۈشكۈلى،جەۋرى-جاپادىن ئالغىنىڭ زور ئىمتىھان.
كۈتكىنى پەرۋان چېغى تۈن نىسبىدە ئاتەش ئەجەپ ؟
ئوتتا كۆيدى، سۇدا ئاقتى ھەم باھادىر،نەۋقىران.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-16 13:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايا! تاياخۇنۇم خەلپەت
(ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ  ھەركىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئاتۇشتىكى شورۇق‹قەدەمجاي› يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى «تاياخۇنۇم خەلپەت»نى ئەسلەپ)
قەدەمجايدا قەدەمىڭ بار ئايا! تاياخۇنۇم خەلپەت،
قەدەمىڭدە شەجەرىڭ بار، كۆزۈمنى ياشلىدى ھەر بەت.
پۈكۈپ قەلبىڭگە بىر ئارمان قولۇڭدا تۇنجى خىش، ھۇلتاش،
سەھەردىن باشلىدىڭ ئىشنى؛ تۇرالماس يۇرت-كېچەك ئەلۋەت.
خەير-ئىھسانغا  پۇل-مالدىن، سەدىقە  ئاش- نېنى باردىن،
خەيىرلىك ئىشمۇ ھەمكاردىن، تاپار ئۇ، ئۆز- ئارا رىغبەت.
پۈتۈپ مەكتەپ جۈمە كۈندە يىغىلدى يۇرت مۇراسىمغا،
ئېسىلغان سەھنىدە لەۋھە؛ «مائارىپتىن يېڭى ھەركەت»...
يىتىپ كەلدى ئەنە تەۋپىق كوچىدا «ئىزچىلار مارشى»،
جامائەت ياڭرىتار ئالقىش، دىلىدا ئىپتىخار لەززەت.
يىغىننى باشقۇرۇپ خەلپەت، دىدىكى: «مەرھابا! ئەۋلات!
تامامى چاڭقىغان دىللار ئىچىڭلار قانغۇچە شەربەت.
زاماننىڭ زورلىرى قىيناپ، خۇراپات زەنجىرى چىرماپ،
ئىلىمسىزلىك بالاسىدىن يالاڭتۆش بىز، ئوچۇق ئەۋرەت.
ئوقۇڭلاركى! ئوقۇڭلاركى! جاھالەت پەيلىنى قوغلاپ،
ئوقۇشنىڭ ھېكمىتى كۆپتۇر، ھۈنەردە خاسىيەت،بەركەت...»
كىرىپ شۇندىن مائارىپتا يىتىلدى نەۋقىران، ئوغلان،
بولۇپ شۇنداق ئىلىم ئەھلى ئاتالدى نۇرغۇنى«ئەزمەت».
ئىچىپ قانماس دىلى تەشنا، ئىلىمنىڭ جامىدا مەينى،
جىمى ناتىق تىلى ئۆتكۈر؛ ئادالەتنىڭ بىسى شەرمەت.
ئۆتۈپ بىر پەس باھار شۇنداق قاباھەت ھوقۇشى كەلدى،
تەپەككۇر ئەۋجىدىن مەڭدەپ، سېتىلما ئاغزىدا غەيۋەت.
شاپاق«شاپتۇل» دىلىدا شۇم ئوتى دەۋزەخ يۇتار يالماپ،
«يامانغا يان تاياق» بولماق قەسەم بىللاسىدا؛ تىلخەت.
ھارارەت شامىدا كۆيدى مۇتەللىپ، تەۋپىقى پەرۋان،
ماقامى ئابدۇقادىرمۇ شېھىتلىك بابىدا ھۆرمەت.
ئاتاڭ «تاياخۇنۇم» قويغان دۇئا...تەكبىردە ئىسمىڭنى،
تېيى تۇلپارغا ئايلاندى ئېچىپ مەكتەپ، تېپىپ شۆھرەت.
بىراق سولچىل خاتالىقلار داۋاملاشقاندا ئون يىلدەك،
بۇ خەلپەت«چەتكە باغلانغان»دىدۇق ئاڭسىز قىلىپ تۆھمەت.
«كۈلىنى كۆككە سورۇش»قا تەرەددۇتلاندى «ئىسيانكار»؛
ساقالىغا چېچىپ بىنزىن، ئازابى ئاشتى ھەر نۆۋەت.
ئۆگىزدىن يەرگە ئاتقاندا قوۋۇرغا، بەل،پۇتى سۇندى،
يېتىپ بىمارى- قىينالدى جېنى سەكراتىدا...  ھەيۋەت.
قەلەمدار زاتى-پۇشتىغا ئەلەمدار بەرسە مەھكۇملۇق،
غۇرۇرى تىك تۇرار، ئەمما، بۇ تەن بەرداشقا نە غەيرەت ؟
تىنىق پەسلەپ، كۆزى قاتتى، قولى شاگىرت قولىدا ھەم،
تانابى قىسمىتى مارجان چېچىلدى... ئەلۋىدا فۇرقەت!!!
تىرىكلىكنىڭ غېمى بىرلەن تۈگەل ئىنساندا چاپ-چاپلىق،
مەمۇرلۇق كەلسە بىر چاغدا، قالار تارىخ، قالار ئىبرەت.
جىمى شورۇق جامائەتكە خىتاۋىم شۇ دۇئا خالىس،
ۋەھەم قۇدرەت نىسىپ ئەتكەي گۈزەل رەيھانىدىن جەننەت.


ۋاقتى: 2012-5-16 14:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



«كۈلمىدىم بىر قانغۇدەك ئۆمرىمدە سەندىن ئى! جاھان»،
مۈشكۈلى،جەۋرى-جاپادىن ئالغىنىڭ زور ئىمتىھان.
كۈتكىنى پەرۋان چېغى تۈن نىسبىدە ئاتەش ئەجەپ ؟
ئوتتا كۆيدى، سۇدا ئاقتى ھەم باھادىر،نەۋقىران.



بەك مۇ  پاساھەتلىك چىقىپتۇ ،تارىخ بىتىدە ئۆچمەس ئابىدە بولۇپ ساقلىنىپ قىلىشقا ئەرزىگۈدەك  مىسرلاركەن ، ئاللاھ ئىگەم ھەر ۋاقىت سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئۇستاز!!!

psu(2).gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 14:04  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-16 14:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبائيلار
ھارارەتلىك گىلاس لەۋدە پىشانەمگە قىزىل خال قوي،
سۈرۈپ ئاستىغا بىر پەللە تىلىڭ ئابىسىدىن بال قۇي.
خۇلۇقلۇق ئەركى-نازىڭدا سۈرۈلگەي روھى ھارغىنلىق،
تەپەككۇر چاپچىغاي ئاندا؛ قەلەم جەۋلانىدا ھاي-ھۇي...

سىنىڭ بىر مەررە كۈلكەڭگە پىدا بۇ ئەرزىمەس جانىم،
چۈشۈمدە ئەركىلەپ ئۆتسەڭ يېنىكلەر پەيلى-پەيمانىم.
ئۈمۈدلەرنى قانات ئەتسەم بوغۇشلاندى ئاگاھىمدا،
ئۇچارغا ئىھتىمالىم يوق تۈگەرمۇ دەردى-ئەفغانىم؟


قەدىناسنى قەۋەت خوش قىل،پىكىر،سۆھبەتتە ھەمدوست بىل،
ھالاۋەتتە قوشۇلغان يار مېغىزسىز ئۇ، پۈچەك پوست بىل.
چىگىتنى ئايرىسا چىغرق،قىسىلغاي پاختا ئۆتكەلدىن،
قارانى يەم-خەشەك ئەيلەپ، ئېقىنى تائەبەت قۇت بىل.


قارا ساچىڭ قارا تۈننى بىشارەت قىلدى خىلۋەتكە،
كۆڭۈل نەپسى ئىرەن قىلماس نۇمۇس، ئەخلاقى، تىلخەتكە.
مەگەركى جىسمى، ھالىڭنى تەلەپكار ئىلكىگە ئاتساڭ،
قىرىق تال چاچ-قىرىق قامچا دېرەكلەر شەرمى، ئىبرەتكە.


سېنىڭ خۇلقى سىتەمىڭگە بىتاقەت سۆيگۈ بەرمەسمەن،
ھوزۇر جىسمى ئاداسىڭغا پەقەت بىررەتلا ئەيۋەشمەن.
جىمەنلەرنى قىروۋ باغلاپ بىشارەت قىلدى بىر جۇتقا،
«يېپىنچا ياز، سېلىنچا قىش» ئاڭا تەييارى بەردەسمەن.

يوچۇن خۇلقى-مېجەزىڭنى چۈشەنمەك بەك قىين بولدى،
تۈمەنلەپ ئىلتىماس سۇنسام كۆڭۈللەر بىر تېيىن بولدى.
دېۋەيلەيدۇ چۈشەنگەندە دېرەكلەپ جاننى ئەزرائىل،
بۇ ھال ئارمانغا دەرمان يوق،قەدەمىم كۆپ كېيىن بولدى.

مېنى سۆيگەنمىدى جانان چىراي،پۇل،روزىغارىمسىز،
شۇ ۋەج خۇلقى، قارا زۇلفى، زىناقى ئىتىبارىمسىز.
تەپەككۇرسىز پىكىر-سۆھبەت تىرەنلىككە قارار تاپماس،
تىرەنلىك سۆيگىنىڭ جامى جىمىي ئۆزگە خۇمارىمسىز.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 14:23  


ۋاقتى: 2012-5-16 15:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن ئىسىل يېزىلغان غەزەليات ، روبائىياتلاركەن .
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن خۇدايىم.

ۋاقتى: 2012-5-16 21:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبائى غەزەللىرىڭىز بەكمۇ ئىسىل چىقىپتۇ ،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 21:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-17 14:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇئەلەيكۇم «ئا. سادىرى»، «مۇنەۋۋەر»، «ئابلېپىز»، «يۇلتۇز»
تەرمىچىمنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولغىنىڭلاردىن كۆڭلۈم سۆيۈندى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-17 15:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماھىشەھد»



ئىپتىدا ئەۋۋەل زامان«ئارتۇچ»تا-«ئار»-«ماھىشەھد»،
ئىككى تاغ باغرىڭنى «ئار»دەپ ئېيتىشار«ماھىشەھد».
تاشقا ئايلانغان بېشى ئەجدادى «يۈن» چېھرى بىلەن،
«ئەرتۇڭا»(ئەفراسىياف) شاھى دىيار «ماھىشەھد».
ئادەمى،ھەۋۋاغا دالدا ئەنجۈرى ياپراقلىرىڭ،
تۇنجى ئەخلاققا مىزانكى، شەرمىدار «ماھىشەھد».
شۇ «ئەبۇناسىر»دا قۇرئان «جايىپەچچىم» خالىدا،
ئۆزلىكىم دەۋران تۆرىدە قىبلىدار «ماھىشەھد»،
دىنىمىز ئاللاھ نۇرى «بۇغرايى سۇلتانەم»مېنىڭ،
شەر*قى ئىسلام سەلتەنەتى؛تەختىدار «ماھىشەھد».
خان، خاتۇن، شاھزاد، جەمەتكە بۇ ھەرەم «شاھلا» كوچا،
يىلتىزى «ئەنقا» ئىرۇركىم ئىپتىخار «ماھىشەھد».
يۈزلۇنۇپ مەغرپكە تۇرسام؛ ئوڭ تەرەپتە «باغئېرىق»،
سول تەرەپتە «سۇنتەخت»تۇر، ئىتىبار «ماھىشەھد».
غازىلار ياتقان تۈگەل، رەيھانى جەننەتتۇر يولى،
ئول ماقام لەكمىڭ شېھتتە قەۋرىدار «ماھىشەھد».
مەقبىرى-مەدرىستە ئالىم؛ زاتى خان «مەھمۇد»،«يۇسۇپ»،
«مەۋلەۋى زەينۇل»،«شۈكۈر»دىن ئىقتىدار «ماھىشەھد».
قۇدرىتى ئاللاھ ئىگەم مىڭ يىلدا ئەتكەندۇر نىسىپ،
يا ئەلەمدار، يا قەلەمدار بىقارار «ماھىشەھد».
زاتىغا ھەمدەم ئوغۇل پۇرسەتتە شىردەك ھۆكىرەر،
چىللىشى سۈبھى دىمەككىم شان قۇچار «ماھىشەھد».
.

ئىزاھات:
«مەشەد»نىڭ ئەسلى تىل يىلتىزى «ماھىشەھد-ئايدەك شېھتلىك» دېگەنلىك بولۇپ، دىنىي ئالىملار «ماھىشەھد» دەپ ئاتال كەلگەن. مەزكۇر مازارلىقتا سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ۋە ئەبۇناسىر سامانىينىڭ مەقبەرىسى بولغاچقا، ئىسلام شەيخلىرى «ھەسسۇلتۇنۇم» (ئەزىر سۇلتانەم) مازىرى، دەپ ئاتىسا، كەڭ ئاۋام-خەلق «مەشەد» دەپ ئاتاشقان.





شادى قىل، خەندانى قىل
(بالىلار بايرمىغا ئاتاپ يېزىلغان ناخشا تېكستى)


قىزلىرىم، ئوغلانلىرىم بولسۇن مۇبارەك بايرىمىڭ،
شادى قىل، خەندانى قىل، گۈللەرگە تولسۇن ئايىمىڭ.


ئائىلە، مىللەت گۈلى، ئىنسان ئۈمىد، رىغبەت گۈلى،
كەلگۈسى نۇسرەت گۈلى، سەنكى ۋەتەن گۈلزارىنىڭ.


مىن سەپەر تۇلپارىنى، ئىچكىن ئىلىم كەۋسەرىنى،
تاق شەرەپ شەلپەرىنى، پەخرى ۋەتەن ئىقبالىنىڭ.


بول ئىجىل دوستلار ئارا، مىللەتكە ھەمدەم قىل ۋاپا،
ياڭرىسۇن خوردىن سادا دەۋران كۈيى ھەمسازىنىڭ.




(ئاھاڭ ئىشلىگۈچىلەرگە قۇلايلىقلاشتۇرۇلغان قوشاق شەكلى)


قىزلىرىم، ئوغلانلىرىم،
بولسۇن مۇبارەك بايرىمىڭ،
شادى قىل، خەندانى قىل،
گۈللەرگە تولسۇن ئايىمىڭ.
.

ئائىلە، مىللەت گۈلى،
ئىنسان ئۈمىد، رىغبەت گۈلى،
كەلگۈسى نۇسرەت گۈلى،
سەنكى ۋەتەن گۈلزارىنىڭ.
.

مىن سەپەر تۇلپارىنى،
ئىچكىن ئىلىم كەۋسەرىنى،
تاق شەرەپ شەلپەرىنى،
پەخرى ۋەتەن ئىقبالىنىڭ.
.

بول ئىجىل دوستلار ئارا،
مىللەتكە ھەمدەم قىل ۋاپا،
ياڭرىسۇن خوردىن سادا
دەۋران كۈيى ھەمسازىنىڭ.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 15:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-18 00:46:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملار روھىنىڭ نەۋرۇز مۇشائىرىسى
.
فارابى روھى:
قەدىم ئاتەش پەرەسلىكنىڭ تەۋەللۇد، دەۋىتى نەۋرۇز،
جاھان مۇزدەۋرىدىن كەچتى يېشىل نۇر ئەلۋىكى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
قۇياشنىڭ تەپتى ئۇرغاندا، زىمىستان قەھرى يانغاندا،
ھاياجانلىق يېشى سەل بوپ، ئاقار مۇز ئەۋىزى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
قېتىلغان ھەر جىرالاردىن بېرىپ شاۋقۇن دالالارغا،
ئەنىڭ ئاۋازىدىن سوغ-جۇت يوقالدى... كەل سەخى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
زىيا نۇردىن زىمىن ئىللىپ، ئېقىن شاۋقۇن ساداسىدا؛
يېشىل مەنزىل... مۇبارەككىم، تەبىئەت ئالەمى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
قىياتاش سىزمىسى قالدى، تەقەززا ئىلكىدە تالدى،
چىقاركى غارى-ئۆڭكۈردىن بۇ«ھەۋۋا»،«ئادەمى»، نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
قۇرال-جابدۇق تېخى قايدا، ئوچۇق ئەۋرەتمۇ بىرھالدا،
جىرا- ئۆڭكۈرمۇ ھەم دالدا، ھارارەت كۈنگىيى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
بېشىڭ«مۇزتاغ ئاتا»-سەللە، يېشىل تون تەقۋىدار-سەبرە،
دېمىدەڭ سېھرىلىك سۆرە... شىپالىق زەمزىمى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
يىشىلسىز قايسى ئورمانلىق؟ چېچەكسىز قايسى بىر دانلىق؟
باھارنىڭ بەھرى مەنالىق، پەسىللەر قىبلىسى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
خۇلۇقتا سىلكىنەر«ئارتۇچ»،سۆگەتتال ئەركىلەر مەستخۇش،
نەپەس سۈرگەن سوزۇپ پۇش-پۇش، ھاياتلىق ئەرمىكى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
جىمى جانلىقتا مەستخۇشلۇق،ئەجەپ ياڭراق، ئەجەپ بىر كۈي،
ناۋالارغا سەۋەپ ئولكى؛ چېچەكلەرنىڭ ھىدى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
دەرەخنىڭ پوتلىسى چۈشتى،پەسىللەرقۇشلىرى كۆچتى،
ئۆچەكتە قالدى تۈك،قاسراق، تۈگەل جان دەۋرىشى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
بىلىقنىڭ قۇيرىقى قوزا، ھەمەل بۇرچىدا تولغاقتىن،
ساناقسىز تۆل بىرىپ ساغلىق، چوپاننىڭ كۈلكىسى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
قۇلۇن تايچاق،موزاي،تايلاق ئىمەر سۈت دائىما شوراپ،
قوتاندا قوزا،ئوغلاقنىڭ سېغىنچا؛مەرىشى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
پادا يايلايدۇ يايلاقتا، كۆكۈل كۈنگەيدە ھەر ياقتا،
باھار ئىنئامىدىن تۇنجى، ساخاۋەت مەۋسۇمى نەۋرۇز.
.
ئەلشىر ناۋائىي روھى:
يېڭى كۈن-نەۋرۇزۇم-ئۇزكۈن،نۇرى بەرقى جۇلاسى كۈي،
قوياش،ئايمۇ قۇچاقلاشتى، كۇنى-تۈن تەڭدىشى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
جۇگا، پىمە، قېلىن شالۋۇر، تۇماق تەرلەتتى ئىشچاننى،
يېلىڭ يازلىق يېپىنچاڭدىن بەدەن قۇشنىڭ پىيى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
يىگىت كىيدى شاھانە تون،چىگىپ بىللاغ،پىچاق ئاستى،
غىلاپتا تېرىدىن شوينا كۆرۈڭكى؛ سۆلكىتى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
تۇراننىڭ دوپپىسى باشتا، بەئەينى كەركىدان مۈڭگۈز،
قولىدا داپ،راۋاپ،سۇنناي،ساپايا... نەغمىسى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
قويۇندا بىريىپەك ياغلىق، يۈرەكتە ئوت لاۋا تەپتى...
تۇرارشاش ئارغىماق چاپچىپ،تەۋەككۈل–غەيرىتى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
قويۇپ قاشلىق،خىنە سۈرتۈپ، قىرىق تال چاچ ئۆرۈپ قىزلار،
لېۋى بىرجۇپ ھىلال ئايدەك،بويىدا ئەتلىسى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
سۆگەت تالدىن مىنىپ تايچاق،قولىدا سويپىقى قامچا،
چېلىپ بۇت-بۇت،كىچىك-شوخلار-مەھەللە ئەركىسى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
ھاسا تاشلاپ موماي،چاللار ماڭار گۈلخۈن قارارگاھقا،
مانا ياشلىققا قايتقاندەك، كۆڭۈلنىڭ سەرخىلى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
تېرەككە،ئۆگزىگە،تامغا قونۇپ «شاتۇتى»- كەپسىزلەر،
كى تەققاس سورىنى چەمبەر- قوياشنىڭ ئەندىزى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
تامامى يۇرت-كېچەك ھازىر،جاكا نەۋرۇز بىتاقەتتە،
نى چاخچاق،كۈلكە،ھەييارلىق يۇمۇرلار پەيزىسى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
سېخى كۆكلەم يېپىنچاڭدىن بىشارەت بەردى چوكانتال،
پەرىزات چېھرى مەپتۇنكار ئېچىلغاي پەردىسى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
تۇرار بىر ئاقساقال ساھىب ئېگىز كۈرسىدا ھەيۋەتتە:
<<ئوغۇز»دىن«سەددى ئىسكەمدەر»،«ساتۇق»سۇلتانىسى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
بايانى:جەڭگىۋار ئەجدات،غەيۇر سەيياھ يۈرۈشلەردە،
ئۇلۇق داستان،قىلىچ-قالقان،دوبۇلغا،نەيزىسى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
سىبىر،ئوردۇس،ئۇرۇم، ئۇرخۇن، بالاساغۇن كىرورەن بىر،
ئويۇشقان «تۇر»،«ئوغۇز» پۇشتى، بۆرەباش ھەيۋىتى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
يىراقلاردىن كېلەر كارۋان بېسىپ دەشتى باياۋاننى،
چىغىر يولدىن يىپەك يول جەم،ئۆتەڭلەر شۆھرىتى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
-ياشاپكەت«كىن ئۇرۇم»لىقلار! دىدى بىر شاپ بۇرۇت ھۆڭرەپ...
ساماغا ئۆرلىدى گۈلخان...ئۇدۇمنىڭ غەزنىسى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
ئۆزىنى ئاتتى سورۇنغا قىرانلار پەيلىدىن مەستەك،
غۇلاچنى كەردى ئوغلانلار، مىسال؛ ئەنقا قۇشى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
بىرى گاھ قىلسا باز-بازلىق، بىرى گاھ قىلدى جانبازلىق،
چېلىش -«يا! پىر»دا ئاۋازلىق، قىقاس-چوقان سۈرى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
بىرى يا دەستىسن تۇتقان، قاراپ نىشان كۆزىن قىسقان،
ئوقىدا ئۆلگىنى قاۋان، ماھارەتلەر پىرى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
چېلىشتا، بەيگىدە ئۇتقان،ئەنە مەرگەن، شەرەپ قۇچقان،
كۆزى چۈشكەن،گۈلى بەرگەن شۇ«كۆك ئاش»-چۆچرىسى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
خوراز،كەكلىك،بۇقا،قوچقار تۇتۇشتى بىرقەپەس،بىررەت،
ئىلەنگۈچ،سارغادى،لىڭگىرتاق،قارانچۇق بەرىسى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
پوروقشىپ كەتتى توققۇز داش، بۇ نەۋرۇز تۈنجى قۇت كۈندە،
كۈدە،پالەك، پىياز، چامغۇر، غېمىدىن ئاشقىنى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
نوقۇت،پۇرچاق،گۈرۈچ،بۇغداي،قۇناق، ئارپا،بىدە- كۆكتىن،
پىشۇردى،«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر»ئاش بەركىتى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
ئېشىپ قالغاننى قىشلىقتىن دېگەن كىم-«زارى خاتىمە»،
قازانغا بارى كىرگەننىڭ ئاتالغان ھەممىسى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
«سۈمۈلەك»ئەتىدىن باشلاپ،ۋەياكى ئامىتى ئوۋدۇر،
ئۇلاشماق ئارپىدىن يازغا تېرىقنىڭ بوزىسى نەۋروز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
كۆكەردى يايلىقى، جاڭگال، يۈگۈردى ئوتخورى جاندار،
تېگىپ كۆككە يۈرەر سەكرەپ،چوپاننىڭ چارۋىسى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
كۆيەكنى باسسا شاگرتلار،ئۇرار بازغاننى ئۇستاملار،
قولى گۈل، سەرخىلى جابدۇق، ھۈنەرنىڭ بارىسى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
كوچىدا چاقىچى توۋلاپ: جىمى ئەسۋاپنى گۈل قىلسا،
يوقىنى بارقىلار سودا، بازارنىڭ خەجىسى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
كۇلالچى جام،ئىدىشلارغا سېغىزلايدىن خۇرۇچ راسلاپ،
ھۈنەر،كاسىپ تۇتار ئەسۋاپ تامامى غەلۋىسى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
داۋام ئەتتى باھار شۇنداق ئۇزاپ كەتتىكى تۆت مىڭ يىل،
سۈرۈپ دەۋرانى تۇلپاردا تۈ*ركنىڭ بەلگىسى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
قوياش كۈنگەينى كۈلدۈرسە،«قۇز»ى- تەسكەيدە خامۇشلۇق،
تۈگەل قىسمەت كېلەر شۇنداق ھاياتنىڭ ھەربېتى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
«ئوغۇز»،«ئەفرا»،«سۇتۇق»،«ئېركىن»نۇرى بەرقى باھارىمدۇر،
«خۇجا ئاپپاق»،«قاراقۇۋ»غا ئۇرار ھەم خەنجىرى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
«دىۋان»دا -«قور-كۆنەلگە» دەپ ئوغۇز سۈتنى ئۇيۇتتۇردى،
بۇ ئۇيغۇر يىلدىزى «قور»كى، تىلىمنىڭ جەۋھىرى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
غەرپ-«كەشمىر»،تەگى «كاشمۇر»،شەر*ق-«قەشقەر»،تەگى«كاشقور»،
قارا-«مۇر»كى، ئېقى-«قور»كى، بۇ تىلنىڭ مەنىسى، نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
قارا-«مۇر» مۇرىغا تەققاس، ئېقى-«قور»كى دەلىل ھەقراس،
رەقىپلەر «مۇر» قارا ئىستەك، ئادالەت «قور» كەبى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
خوتەن-«قورتەن»-قېنى ئۇيغۇر، ئۇدۇمى ساپ نەسىللەردىن،
ئەنە كورلا، تەگى «قورلا»-ئۇيۇل بىرلىك سېپى، نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
قەدىم تارىخ زامانلاردا «تۇران»-«ئۈچ قورىقان» ئەسلى؛
خوتەن، كورلا، قەدىم قەشقەر تۇگەل «قور» تەبىرى، نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
«ئوغۇز» شەكسىز «ئاتا ساغۇن»، «ساغۇن-ھون،ساك» قانات ئىككى،
بۇ ئىككى ئول قېرىنداشنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىسى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
قېرىنداش مېھرى ئاتەشتۇر، كۈچى ھەمدەمدە غايەتتۇر،
ئۈزۈلمەس رىشتى ماھيەتتۇر، نى قىسمەت تەقدىرى نەۋرۇز.
.

مەھمۇد كاشغەرى روھى:
قاراخان-ئەرتۇڭا-بۇغرا- قاراسۇ-شاھ سۈيى ئابى،
ئچىپ ئەجدادىدىن ئەۋلات يىلىگ ئەر ماغدۇرى نەۋرۇز.
.

ئەلشىر ناۋائىي روھى:
سەخى نەۋرۇز باھار چىللاپ، ئۆتەر مۆچەل-قاتار يىللاپ،
زىمىنگە سالغىنى كىمخاپ، جامالى ھور-پەرى نەۋرۇز.
.

فارابى روھى:
لىۋىدىن بال بېرىپ پەرى گويا گۈلقەنتتە مەست قىلدى،
تۈمەن بولبۇل ھەۋەس قىلدى، گۈزەللىك ئول پىرى نەۋرۇز.
.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:
جاسارەت پەخرى گۇلخاننى جاھالەت باسسا توپاندەك،
تەقپ بىرپەس سۈكۈتلەردە تاشاركەن زەردىسى نەۋرۇز.
.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى:
بۈگۈن كۈن-تۈن ئەمەل قىلدى باراۋەر ھەمنەپەسلىكتىن،
ساما،مەشرەپ،تامام ئىشرەت، كەيپلىك بەزمىسى نەۋرۇز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 02:08  


ۋاقتى: 2012-5-18 04:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سزىنىڭ غەزەل ۋە رۇبايىڭزدىكى ۋەزىن، مەنا،ھەم سۆزلەرنىڭ كىشىنىڭ يۈركىنى تىترەتكۈدەك كۈچىگە مەن بەك قايىل بولدۇم، كىشىگە ئىلھام بولغىدەك شېئىر بولاپتۇ... ئۇلۇغ خۇدا  قوللۇرڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  ،،،   سالامەت قىلغاي،،  
مەنمۇ «گەپ تولا» تىمىسدىكى بىر غەزەل يوللىغان ئىدىم  ،،    تەكلىپ پىكىر بىرشىڭزنى ئۈمۈد قىلمەن،   جاپا سېلىپ قويدۇم..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نائىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 04:01  


ۋاقتى: 2012-5-18 11:47:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psb(1).gif

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-18 14:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر

ساۋاپلىق ئىشلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت... بۇ مېنىڭ شۆھرىتىم ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ شۆھرىتىدۇر...

ئەمما لاھەسىڭىزدە بىر نوقسان باردەك قىلىدۇ:  بىرى، مېنىڭ ئىسمىمنى يازماسلىقىڭىز ۋە لاھەلىگۈچىنىڭمۇ ئىسمىنى يازماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى. ھەمدە خەتنى سەل چوڭراق (كوڭ شىڭ ~ ئىچى بوش خەت) قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن...

   بۇ جازىنى دېگىنىمدەك بىر ياساپ بېقىڭا...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش