ئىككى شېئىر
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
يالماۋۇز مەن
تاپىنىڭدىن قانلار شورايمەن،
يالماۋۇز مەن، يەتتە بېشىم بار.
دەم تارتساممۇ پۈتۈن دۇنيانى،
ئىچىم مەڭگۈ تولمايدىغان غار...
يالماپ يۇتۇپ، كېمىرىپ يەيمەن،
دۇر - گۆھەردە ناشتىلار قىلىپ.
كۆزۈم تويماس پۇل- مالغا، ئىشەن،
قول يەتكەننى ئالىمەن ئىلىپ.
دەم تارتىمەن، شۈمۈرۈپ يەيمەن،
سىڭەر كېسەك، پولات چىۋىقلار...
پىلە غازاڭ يېگەندەك يەيمەن،
مەندە تولا ھۈنەر ـــ قىلىقلار.
سەندىكىنى «مېنىڭ» قىلىمەن،
چىقىرىپلا بىر تەتۈر قۇيۇن.
ئىچ-باغرىڭدىن تاسما تىلىمەن،
ساڭا تەس ئىش مەن ئۈچۈن ئويۇن.
سېلىشتۇرما
قويلار پەستە ئوتلاپ سەمرىيدۇ،
تاغ بېشىدا يايلار بۆرىلەر.
قورساق ئاچسا ئوزۇقى تەييار،
غەمسىز يۈرەر ئۇ «بەگ-تۆرىلەر».
كۆپى ئازنىڭ ئولجىسى ھامان،
بار كەلگۈلۈك كېلىدۇ قويغا.
ئوۋلانغۇچى يېيىلىپ تۈگەر،
شۇ سەۋەب مەن مۇپتىلا ئويغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 15:56