كارخانىدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
كارخانا كۆلەم جەھەتتە ھەرقانچە چوڭ، تەسىر دائىرىسى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭدا سېتىش يەنى، مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىش بولمايدىكەن ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىگى شۇ كارخانىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن پايدىسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرش بىلەن بىرگە، كۆپلەپ سېىتپ چىقىشرىشنى قولغا كەلتۈرۈش كارخانىنىڭ ھايات- ماماتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا كۆپلەپ سېتىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ سېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۇنىڭ كونكېرت ئالاھىدىلىكى بويىچە تەشەبببۇسكارلىق بىلەن سېتىش ۋە جەلپ قىلىپ سېتىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىش، سېتىشقا پايدىلىق بارلىق ئاكتىپ ئامىللاردىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سېتىشنى ئىلگىلىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىش، يوشۇرۇن خېرىدار مەنبەسىنى قېزىپ بىۋاسىتە ئىزدەپ سېتىش، تېلېفۇن، قىسقائۇچۇر ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدار بىلەن بىرمۇ-بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سېتىش؛ كەلگۈسى بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان مەھسۇلات ياكى يولغا قويۇلماقچى بولغان مۇلازىمەت توغرىسىدا پىلانلاش ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خېرىدار مەنبەسىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىش ئۇسۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ خىل سېتىشتا كېتىدىغان تەننەرخ ئاز ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان خېيىم- خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. سېتىش پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ماس ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىسە بولىدۇ. ئەگەر بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشالماسلىق، پايدا يارىتىش ئىمكانىيىتى ئاز بولۇش بايقالسا ھەر زامات ئۆزگەرتىپ تەڭشەشكە بولىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت، كارخانىلار ياكى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل بەكرەك ماس كېلىدۇ. جەلپ قىلىپ سېتىش، مەھسۇلاتنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ ياكى كۆلەملىك، زامانىۋىلاشقان، كۆركەم سېتىش ئورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ سېتىش؛ ئېلان تەشۋىقات ۋە كۆپلەپ دۇكان ئېچىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى، سۈرۈشتۈرۈشى ئارقىلىق سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش جەلپ قىلىپ سېتىش ئۇسۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈركۈملەپ سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. سېتىش جەريانىدا ھەر بىر خېرىدار بىلەن ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمايدۇ. بۇنىڭدا كۆپنىڭ ئىچىدىن كۆپكە سېتىش، نارازىلىق كۆرۈلگەنلەرگە مال قايتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. گەرچە مەلۇم نىسبەتتىكى مال قايتۇرۇش كۆرۈلسىمۇ ئومۇمىي سېتىپ چىقىرىش قىممىتىدە ئىگىلىگەن پىرسەنتى ناھايىتى ئاز قىسىمنى تەشكىل قىلغاچقا ئومۇمىي سېتىشقا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى سېتىش بولۇشىدىن قەتئى ينەزەر، كۆپ سېتىشتىن ئىبارەت سېتىشتىكى ساننى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىغاندا خېرىدارنى رازى قىلىپ سېتىش، خېرىدارغا ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان سېتىش يەنى سۈپەتلىك سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈشلا كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسىي. سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق پىلان، ھەرقانداق پائالىيەتلەر ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا سېتىۋالغۇچىنى ئالداش، سېتىشتىكى ھىيلە-مىكىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، خېرىدارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش، سېتىۋالغۇچىغا سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى توللۇق چۈشەنچە بېرىش، مەھسۇلات سېتىشتىن ئاۋۋال شۇ مەھسۇلاتقا ئائىت ئەڭ كۆپ دائىرىدىكى بىلىش- ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئىجابىي سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى. پەقەت ئىجابىي سېتىش بولغاندىلا كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغىلى ھەمدە داۋاملىق قوللايدىغان خېرىدار مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. سېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھەرگىزمۇ سۈپەتسىز مەھسۇلاتقا قارىتا ماختاپ ئۇچۇرۇش ياكى زورلاپ سېتىش بولۇپ قالماسلىقى، ئەكسىچە مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى ئۈستىدىكى ئەمەلىي باھالاش بىلەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان ياشلار بىر تەرەپتىن كەڭ ئاممىنىڭ دەۋرگە ماس يېڭىچە ئىستىمال يۆنىلىشىنى ياخشى بايقاش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئىستىمالچىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجى ۋە سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ياخشى چۈشىنىشى، سېتىلۋالغۇچىغا ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كېلەلىشىنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىشى ئۇلارنىڭ مەھسۇلات سېتىشتا ئۇتۇق قازىنالىنىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ دۇكان ئاچقان ياكى زاۋۇت قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلارمۇ كەڭ ئاممىنىڭ شۇ مەھسۇلاتقا بولغان چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىشى، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش ۋە سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشى، ئىستىمالچىلارنىڭ ھەقىقىي پايدىلىنالىشىنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 22:57
|