كەل باھارغا ئايلىنايلى بىز
مىرئەھمەد مامۇت
شامال بولۇپ كەلگىن يېنىمغا ،
سۆيگۈ بولۇپ تۆكۈلەيلى بىز .
جانان بولغىن يالغۇز جېنىمغا ،
كەل،باھارغا ئايلىنايلى بىز .
شاخلىرىمىز تولسۇن چىچەككە ،
پورەكلىگەن قۇياش بولايلى .
ئاينى سىزىپ يۈرەك-يۈرەككە ،
بىر تال سۆيگۈ بولۇپ يانايلى .
گۈلخان كەبى ئېچىلىپ لەھزە ،
تىنىقلارغا كۆمۈلدۇق جىمجىت .
شېئىر يازار قۇشلار ھەققىدە ،
ئاھ ،جەنۇبقا ئايلانغان كەنىت .
2014-يىلى27-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 10:21