كېرىيەدە شائىر رېھىم نىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىئېچىلدى
: o% f3 X- v& M% N: hئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ۋە فوتوسى:22-نويابىر كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شائىر رېھىم نىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاتاقلىق شائىر، ئالىي مۇھەررىر، ئۇستاز ژۇرنالىست، قابىل ئەدەبىيات سەنئەت تەشكىلاتچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،‹‹تۇرپان›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، تونۇلغان شائىر ئۆمەرجان سىدىق، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇللا سۇلايمان، ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يازغۇچى مەتسېلىم مەتقاسىم ۋە تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئەدىبلەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى-شائىرلاردىن بولۇپ 200دن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
شائىر رېھىم نىياز 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى تۆۋەنمەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1969-يىلى 3-ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، 1972-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى كېرىيە ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. شائىر رېھىم نىياز ئەپەندى 1997-يىلى ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالمىشىپ، 2002-يىلى 12-ئايغىچە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىنرەئىسى، قوشۇمچە ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.2002-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 2008-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن پېنسىيىگەچىققان. گەرچە ئۇ 2008-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن پېنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، لېكىنناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى، كېرىيىدىكى يازغۇچىشائىرلارنىڭ تەلىپى بويىچە 2003-يىلى9-ئايدىن ھازىرغا قەدەر كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭرەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە كېرىيىدە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «كۆكبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ھازىر «كېرىيە» ژۇرنىلى ۋە «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» قاتارلىق نەشر ئەپكارلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئۇ 1982-يىللاردىن باشلاپ ئاخبارات سېپىگە قەدەم قويۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم «شىنجاڭ مىنبىڭلىرى» گېزىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.1988-يىلى «ھەرىكەتتە بەرىكەت» دېگەن ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2004-يىلى «دېھقان ۋەكىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدى» دېگەن ئاخبارات ماقالىسى «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى»ژۇرنىلى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت-ژورناللاردىكى نادىر ئەسەرلەرنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قارار قىلىش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشى كېرەك» دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسى 2006-يىلى«شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى»ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنى يارىتايلى» نامىلىق نەزەرىيىۋى ماقالىسى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان«50 يىلغا نەزەر سېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەنزۇچە ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى 2005-يىلى «ھازىرقى زاماندىكى جۇڭخۇائەزىمەتلىرى» دېگەن ئىككى قىسىملىق خەنزۇچە قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن.
شائىر رېھىم نىياز 1988-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىغا يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئىلگرى-كېيىن بولۇپ، كېرىيىدە نەشر قىلىنغان «كۆكبۇلاق» (9 سان)، «كېرىيە» (14 سان)، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» (2 قىسىم)، «قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە»، «مېھرى-شەپقەت شەجەرىسى» قاتارلىق 34 پارچە كىتاب ۋە ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 2003-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۆڭمەس ئابىدە» نامىلىق داستانى، 2011-يىلى«كۆڭۈل پۈتۈكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2014-يىلى «ھايات چېقىنلىرى» ناملىق داستانى نەشر قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆڭمەس ئابىدە» نامىلىق داستانى دۆلەتنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ قايتا نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىشلەنمەكتە. ئۇ ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان دېداكتىك خاراكتېرگەئىگە شېئىرلار توپلىمى«ئۈگۈتلۈك پاراڭلار» نامىلىق كىتابىنى نەشرگە سۇنۇش ئالدىداتۇرماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، شائىر رېھىم نىياز يەنە «قەدىمىي يۇرت كېرىيىدە مەشرەپ»، «قەدىمىي يۇرت كېرىيىدە نورۇز» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشكە باشلامچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان «كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكىنى قوغداشتۈرى» 2007-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، 2008-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىكيازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، شائىر رېھىم نىياز نىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرى.خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق رېھىم نىياز شېئىرلىرى ھەققىدە يازغان «تۆھپە قەدىرلىنىدۇ » ناملىق ماقالىسىنى، ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم‹‹يارقىن ئىزلارنىڭ سېھىرلىك جۇلاسى›› ناملىق ماقالىسىنى، ياش شائىرە ئايىمنىسا سۇلايمان شائىر رېھىم نىياز شېئىرلىرى ھەققىدە يازغان « شېئىرنىڭ قاتلىمى » دېگەن ماقالىنى ئوقۇدى. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى زاتلار، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، شائىرنىڭ كەسىپداشلىرى، دۆسىتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گۈل ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىپ، شائىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇقتىلىدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
سۈرەتتە: يىغىن خاتىرىلىرى
6 E) g9 x7 ]) z) }4 R0 A8 { ! D# J4 P K# A# `9 t2 G: w: A
كېرىيە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قونۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شەۋكەت ياسىن تون كىيدۈردى.