يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 10

سىنىپ ھەيئەتلىرى نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-10 10:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سىنىپ ھەيئەتلىرى نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم
(كۈنەس ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
سىنىپ ھەيئەتلىرى- سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ياردەمچىسى،سىنىپ كۆللېكتىپىنىڭ يادرو كۈچى.ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ ھەيئەتلىرى كۆپلىگەن سىنىپ پائالىيەتلىرىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى،پىئونېرلار ئەتىرىتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ ئېلىپ بارىدۇ.شۇڭا سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىۋى سەۋيىسى ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ،خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى،خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق  ۋە ئەجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،پۇتۇن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق ئالغا بېسىشى كېرەك .بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك:
1.سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزىنى تەرىيىلەشكە ئەھمىيەت بىېرىشى كېرەك.
سىنىپ ھەيئەتلىرى  سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت ئېلىپ بېرىشىدىكى كۈچلۈك ياردەمچىسى.شۇڭا ئالدى بىلەن سىنىپ ھەيئەتلىرى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى،ئىستىلى توغرا ،كۆللېكتىپقا كۆيىنىدىغان ،ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا مەلۇم ئابىرويغا ئىگە ھەمدە مەلۇم خىزمەت قابىلىيىتىگە ئىگە بولىش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى  كېرەك.سىنىپ ھەيئەتلىرى  ئۆزلىرگە  قاتتىق تەپ قويىشى،ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن خىزمەلەرنى دادىل ئىشلىشى،خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرىشى،سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىغا  ئۆزى نەمۇنە بولىشى،كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلشى،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشى ،كەمتەر-سەمىمىي بولۇشى  ھەمدە خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنى تىرىشىپ يىتىلدۈرىشى كېرەك .سىنىپ ھەيئەتلىرى ھەممە ئىشتا سىنىپ مۇدىرىگە تايىنىۋالماي ئۆزلىرىنىڭ   ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەتلەردە چىنىقىشقا ۋە سىناقتىن ئۆتۈشكە تىرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىجتىمائى خىزمەتتە ئەمەلىي چىنىقشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.شۇنداق بولغاندىلا سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ،سىنىپ كۆللېكتىپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.
2.سىنىپ ھەيئەتلىرى  سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش كېرەك.
     سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ ياخشى بولۇشى-سىنىپ كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.سىنىپ ھەيئەتلىرى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ياخشىلىشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن  سىنىپ ھەيئەتلىرى سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىغا  بارا ۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزلىرىگە   قاتتىق تەپلەپ قويۇپ،ساۋاقداشلىرى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاشقا،ساۋاقداشلىرىنىڭ سىرداش توستى بولۇشقا ماھىر بولىشى لازىم.شۇنداق بولغاندىلا ،ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ   خىزمىتىنى قوللىشنى ،ئۆزلىرىنىڭ كامچىلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ياردەم قىلىشىنى ،ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان  ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ،سىنىپ كۆللېكتىۋىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ،ئورتاق ئالغا بېسىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
3.سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.
    ئادەتتە بىر سىنىپتا سىنىپ باشلىقى،ئۆگىنىش ھەيئىتى ،تازىلىق ھەيئىتى ،تۇرمۇش ھەيئىتى ،ئەمگەك ھەيئىتى ،تەنتەربىيە ھەيئىتى قاتارلىقلار بولىدۇ.بۇلار سىنىپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە سىنىپتا ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
     سىنىپ باشلىقى بولسا-سىنىپ مۇدىرىدىن قالسىلا سىنىپنىڭ ئومۇمى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.يەنىي سىنىپ باشلىقى سىنىپ كوللېكتپىنىڭ ئومۇمى تەرتىپى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىپ كېتىش ،دەرىس ئاڭلاش ،دەرىسكە قاتنىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى سىنىپ مۇدىرىغا ۋاختىدا دوكىلاد قىلىپ ،سىنىپ كۆللېكتىپىنىڭ كۈنسىرى  ئالغا  ئىلگىرلىشگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
   ئۆگىنش ھەيئىتى بولسا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ئاڭلاش،ھەرقايسى پەنلەردىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئورۇنداش ئىشلىرىغا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خاتىرلەش ئوقۇغۇچىلارنى ئەتتىگەنلىك ،كەچلىك تەكرارغا ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    تازىلىق ھەيئىتى:ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ تەخسىم قىلىپ بەرگەن سىنىپنىڭ تازىلىق رايۇنلىرىنى تازىلاشقا تەشكىللەش،سىنىپنىڭ كۈندۈلۈك تازىلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىش،كۈندىلىك سىنىپ تازىلىقىنى  قىلىدىغان دۇجۇرنىيلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقنى تەكشۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ تىپتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
   ئەمگەك ھەيئىتى بولسا:ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۇرلۇك ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ،ئۇلارغا ئەمگەك تەخسىم قىلىپ بېرىش،ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرلەش ،ئەمگەكنىڭ  ئۈنىمىگە ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ،ئەمگەكنى ئۆتكىزىۋېلىش ،ئۆتكىىپ بېرىش ،ئەمگەك قۇرال سايمانلىرىنىڭ تولۇق پولىشىغا ،ئەمگەكنىڭ بىخەتەر ئۈنۈملۈك بولىشىغا مەسئۇل بولۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
   تۇرمۇش ھەيئىتى بولسا:ئوقۇغۇچىلار كۆللېكتىپى جۇغلىغان خىراجەتلەرنى باشقۇرۇش،ئەمگەك ،تازىلىق ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا ئوقۇغۇچىلارنى،كۆللېكتىپ تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناش،مەدىنىي كۆڭۈل ئېچىش ،سايەھەت ،ئېكىسكۇرسىيە خىراجىتىنى يىغىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
   تەنتەربىيە ھەيئىتى بولسا:ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ۋە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ئۇيۇشتۇرغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ،قۇماندانلىق قىلىش ،ئەتىىگەنلىك رادىئوگېمىناستىكىسى دەرىس ئارىلىقى رادىئوگېمىناستىكىسى ۋە گۈزەللىك گېمىناستىكىسى تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە تەشكىللەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    دېمەك  سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يوقارقىدەك مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاكتىپ ئىشلىگەندە سىنىپ كۆللېكتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتىرىپ،ئىلغار سىنىپ كۆللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
4.سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتتىن خاتىرە يېزىش ،خۇلاسە يېزىش ئىشلىرىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
   سىنىپتىكى سىنىپ باشلىقى،ئۆگىنىش ھەيئىتى،تازىلىق ھەيئىتى ،تۇرمۇش ھەيئىتى،ئەمگەك ھەيئىتى،تەنتەربىيە ھەيئىتى قاتارلىق سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتىرىش بىلە بىللە يەنە ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ  ،ئۆزلىرىنىڭ سىنىپ كۆللېكتىپىدىكى ۋەزىپىسىنىمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۈنۈملۈك ئاداقىلىش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتتىن خاتىرە يېزىش ،خۇلاسە يېزىش ئىشلىرىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۇرۇش كېرەك.بولۇپمۇ سىنىپ ھەيئەتلىرى كۈندۈلۈك ئىشلارنى خاتىرلەپ مېڭىش بىلەن بىللە ھەپتىلىك ،ئايلىق،مەۋسۈملۈك خىزمەتلەرنى شۇنداقلا تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان تۇرلۇك پائالىيەتلەردىنمۇ كونكىرىت خۇلاسە يېزىپ مېڭىشنىمۇ دائىملىق ئەنئەنىگە ئايلاندۇرىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزمەىسئۇلىيىەتلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئاداقىلىپ،  ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.
5.سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ،سىنىپنى ئورتاق باشقۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يىتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكى بار،ئۆگىنىش ئەھۋالى،ئىنتىزامى قاتارلىقلاردىمۇ رۇشەن پەرىقلەر بار.كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىكى ئومۇمى ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرجەچەتتىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلارنى ،چوڭلارنى،ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيدۇ،بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،ئاتا-ئانىلارنى،چوڭلارنى،ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ ،ئۇلارنى قاخشىتىپ قويىدۇ،ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايدۇ،ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ،تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدۇ،سەۋەپسىز دەرىس قالدۇرىدۇ،دەرىخانىغا كېچىكىپ كىرىدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايدۇ،دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەۋاتقاندىمۇ ئۇششاق  ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ،دەرىسكە دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي،ئەتىراپىدىكىلەربىلەن سۆزلىشىدۇ،قەستەن دەرىسخانا ئىنتىزامىنى بۇزىدۇ،ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكاللىشىدۇ،ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇرىشىدۇ،ئوقۇتقۇچىلارنى تىللايدۇ.ئەتىراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنى ئاغزى يامان گەپلەر بىلەن تىللايدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار سىرتتا ياتاقتا،تاماكا چېكىدۇ،ھاراق ئىچىدۇ يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،تورخانىلارغا ،دىبالارغا بارىدۇ.ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىنى،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدايدۇ،بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدا مۇھاببەت باغلايدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››،‹‹ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى››گە ئەمەل قىلمايدۇ ،بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە،ئەمەل قىلمايدۇ،مەكتەپ تەشكىللىگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ.بۇلارنىڭ ھەمممىسى سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ كەلتۇرىدۇ . كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكىزىدۇ شۇڭا سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ،ئوقۇغۇچىلاردىكى يوقىرىدا دېگىنىمىزدەك يامان ئىللەتلەرگە يول قويماسلىقى كېرەك.كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە سېلىۋالىدىغان ،زىددىيەتتىن قاچىدىغان ئەھۋاللاردىن قەتئىي ساقلىنىپ،يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دادىل ھالدا شۇنداق ئەھۋاللار بايقالغان ھامان شۇخىل ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تەربىيە بېرىشى،پەقەت بولمىغاندا سىنىپ مۇدىرىغا دىيىش ئارقىلىق شۇخىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنى يامان يولدىن ياندۇرىۋېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا،سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-10 13:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹مائارىپ گېزىتى››گە يولىغىدەك ئەسەرىكەن ...تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-12-10 14:28:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۈچۈن ياخشى تېمىكەن.

ۋاقتى: 2014-12-10 21:21:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-12-11 12:23:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تىمىنى كۆرسەم بىردە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىكى شىرىن خاتىرلەر ئىسىمگە كىلىپ خوش بولسام بىردە ئازاپلىندىكەنمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 23:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتنى يېتىلدۈرەيلى
ئازادجان ئىبراھىم
    ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەربىيەگە ئىگە بولمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە نەتىجە يارىتىپ كېتەلمەسلىكى، قىسقىسى ئوقۇش تارىخىىنىمۇ مۇۋاپىقىەتلىك ئاخىرلاشتۇرالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يېتىلىشىمۇ ئۇلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ يېتىلگەن–يېتىلمىگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى، چوڭلارنى، ئاتا-ئانىلارنى، ئۇستازلارنى، ساۋاقداشلىرىنى ھۆرمەتلەش روھى، كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى، ۋاپادارلىق، كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارمۇ ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ.
    ئوقۇغۇچىلاردا يۇقىرىقىدەك پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈش ئانچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇنى پەقەت ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىقلا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغاندىلا ئوغۇچىللاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولۇپ مەكتەپ تەربىيەسى ياخشى بولمىسا ياكى ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ياخشى بولۇپ جەمئىيەت تەربىيەسى ياخشى بولمىسا ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنىڭ يېتىلىشى ناتايىن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم چىرىك، نامۇۋاپىق، ساغلام بولمىغان يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان، جەمئىيەتكە، خەلققە زىيان كەلتۈرىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغاىن ئەھۋلللارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۈچ تەرەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرشكە كۈچ چىقىرىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ھەقىقىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
    بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
    1. ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
    ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان تۇنجى مەكتىپى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ.بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ. بىزدە ‹‹قۇش ئۇۋىسىدا نېمىنى كۆرسە، ئۇچقاندا شۇنى ئالىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار. خۇددى مۇشۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئائىلىدە قانداق تەربىيەگە ئىگە بولسا كەلگۈسىدە شۇنداق ئادەم بولۇشى بەرھەق. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇش كېرەك. قوپال، سەت گەپ-سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى، باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقى، پاكىز، رەتلىك بولۇشى، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سۆلەتۋاز، ھەشەمەتخور بولماسلىقى لازىم. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئوقۇغۇچىلار كۆرۈشكە مۇناسىپ ئەمەس كىنو، سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى، ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتمەسلىكى، ئورۇنسىز پۇل بەرمەسلىكى، بازاردىن نەرسە كېرەك ئېلىشقا بۇيرۇماسلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىش، ئۆگىنىش ئۆيلىرىنى ئايرىم قىلىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇشقا ئادەتلەندۈرمەسلىكى ھەم يول قويماسلىقى لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا ئەدەپلىك بولۇش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، يالغان گەپ قىلماسلىق، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلماسلىق ھەققىدە ئىدىيەۋى تەلىم–تەربىيە ئېلىشپ بېرىش لازىم. ئەدەپ–ئەخلاق، قائىدە–يوسۇن تەربىيەسىنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارغا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ئىنتىزامچان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    2. مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
    مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان سورۇنى. مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتكەندىلا، ئوقۇغۇچىلارنى پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە يەنە، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ بىلىملىك، قابىلىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان بولۇشتەك ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ تەربىيەسىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش لازىم. يەنى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم، قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرسخانا تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ساغلام بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار مەدەنىيەتلىك بولۇش، سىنىپ تازىلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ياخشى بولۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تولۇق ۋە رەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تىللىماسلىقى، ئۇرماسلىقى، تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارغا كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنى قىلماسلىقى، باشقىلار بىلەن جېدەل قىلماسلىقى، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا بۇيرۇماسلىقى، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق، ئەھمىيەتلىك، ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا بېرىپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، تاپشۇرۇق ئورۇنلىماسلىققا قەتئىي يول قويماسلىقى، مال-مۈلۈكنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، كېلىپ-كېتىش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئىنتىزامدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ھەقتە تەلىم-تەربىيە بېرىشى، شۇنداقلا ‹‹ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››، ‹‹ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى›› ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى لازىم. تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    3. جەمئىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ئوقۇغۇچىلار ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەت تەربىيەسىگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ كېتەلىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئائىلىسىدە ئىشسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھەممىسىمۇ كادىر بولۇشىمۇ ناتايىن. بەزىلىرى كادىر، بەزىلىرى دېھقان، بەزىلىرى چارۋىچى، بەزىلىرى ئىشچى، بەزىلىرى تىجارەتچى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا بەلگىلىك بىلىم، قابىلىيەت بولمىسا، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى تەس. مانا مۇشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردا داۋاملىق ئىزدىنىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، تەرتىپ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رېئايە قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. مانا بۇ خىل ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىك ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ خىل ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلىنىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇشى كېرەك. يەنى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دائىم پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەدەنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى، گۈزەل سەنئەت ئۆيلىرى، كەسپىي مەكتەپلەر (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغان، ئاشپەزلىك، تامچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرنى ئۆگىنىدىغان) بولۇشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن ئورۇنلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندىن كەچكىچە بىكار يۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاراق ئىچىش، ئۇرۇش–جېدەل قىلىش ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋاقىتسىز نابۇت قېلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جەمئىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتپ، ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىتتا بەلگىلىك تەربىيەگە ئىگە بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
  
   


باشقۇرغۇچى kiwirhemit بۇ تېمىنى تەستىقلىغان ۋاقتى 2013-12-24 21:46

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 23:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم
(كۈنەس ناھىيىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن )
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ ھەققىدىكى تۈپ سىياسىتى.ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۈكۈمەتلىرىنىڭ ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ شۇنداقلا كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەم ھەرسائە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە ،مەجبۇرىيىتى.نۆۋەتتە  ئېلىمىزنىڭ  مەجبۇرىيەت مائارىپى  ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلار  ئوقۇيالايدىغان مەكتەپ بولۇش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن رايون، شەھەر، يېزا، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مائارىپ سۈپىتىدە يەنىلا پەرق بار. شۇڭا تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ ياخشى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ، ھەر بىر مەكتەپنى دۆلەتنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە تىرىشىپ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك:
1.جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قوللاش ،ياردەم بېرىش سلمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ،كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.نۆۋەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ھەردەرىقىلىك پارتىكوم ،خەلىق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ،ئەمەلىي ،ئۈنۈملۈك ،كونكىرىت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋيىسىدە ،مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە  يەنىلا يىتەرسىزلىكلەر ،ئاجىزنوقتىلار مەۋجۇت.شۇڭا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ،مەكتەپلەر نىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە  قىلىش كېرەك .شۇنداق بولغاندىلا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2.مەكتەپلەرنىڭ  ئوقۇتۇش شەرت-شارئىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى مالىيەدىن يېزا رايونلىرى، نامرات رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا ئاجرىتىلغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە زامانىۋى ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنى سېلىش بىلەن كىتاب ، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق پەنلەرگە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق سەپلەپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانىسى قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،كونكىرىت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ،لېكىن يەنىمۇ ئىنچىكىلىپ ،ئەھۋال ئىگىلەيدىغان بولساق بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە يەنىلا يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت.شۇڭا  ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى باشقۇرۇش ،نازارەت قىلىش ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ،ئورۇنلاشتۇرۇش ،تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ،خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ،ساختىلىق قىلىش ،كۆزبويامچىلىق قىلىش  ئىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ،خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىشلىنىشىگە،كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتەپلەرنىڭ شەرت –شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.نۆۋەتتە ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى  ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەكتەپلىرى ياكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت يېزا ئاساسىي قاتلاملىرى ۋە جاپالىق، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش ، ئۇنۋان قاتارلىق جەھەتلەردىن مەدەت بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ، شەھەر بىلەن يېزىلار بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشتات ئۆلچىمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش قاتارلىق ئىشلاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت ،ئەۋزەل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ،كونكىرىت خىزمەتلەرنى ئىشلەپ،تەكشى تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى تېزلەتتى.بۇنىڭدىن پۇتۇن جەمىئىيەت رازى.لېكىن بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىدە يەنىلا بەزى يىترسىزلىكلەر مەۋجۇت .شۇڭا ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى بۇخىزمەتلەرگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرلىشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرپ،مەكتەپلەرگە كەسىپ تۈرلىرى بويىچە تەكشى تەخسىم قىلىپ،كەسىپلەر بويىچە ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ،ئوقۇقۇچىلار قوشۇنى قۇرىلىشىنىڭ ساپاسىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ھەم ئوقۇتقۇچىلار نىڭ تۈپ مەنپىئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈنىۋان ئېلىش ئىمكانىيىتىنى يوقرىپ،ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ،ئۇلارنىڭخىززمەتكە بولغان يۈكسەك مەسۇلىيىتىگە،تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ مائارىپقا ھەسسە قوشۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرىلىشىى تېخىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4. مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ساپا مائارىپى باشلامچىلىقىدىكى سۈپەت باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشى ۋە جانلىق، تەشەببۇسكار چوڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپلەرنى مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكىنى، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ،ئۈنۈملۈك چارە-دەدبىلەرنى قوللىنىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى مەكتەپلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش،تەكشۈرۈش ، نازارەت قىلىش،يىتەكچىلىك قىلىش ،يول يورۇق بېرىش،تەدبىربەلگىلەش  ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ،مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ،كونكىرىت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقكسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5. مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمىتى ،مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوقۇش يېشىغا توشقان نوپۇسنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇرۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە پۇقراۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ مەدەت بېرىش لازىم.
ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش- ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپ ئەندىزىسىدە شەھەر يېزىلاردىكى نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى، ئوقۇش يېشىغا توشقان نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنداقلا شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە قاتناش ئەھۋالى، مائارىپ شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ياخشى مەجبۇرىي مائارىپى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش كېرەك يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ ئەندىزىسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ناھىيە ئىچىدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەندىزىسىنى، شۇنداقلا ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر بىلەن ياتاقسىز تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەكتەپ ئەندىزىسى بىلەن ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ مۇناسىپ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش لازىم، ئوقۇغۇچى مەنبىيى ئاز بولۇش سەۋەبلىك باشقا مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىش زۆرۈر بولغان مەكتەپلەرنى دەلىللەش، ئېلان قىلىش، تەستىقلاشقا سۇنۇش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، كەنت ئاھالىلىرى تەشكىلاتى ۋە يېزا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ تولۇق قاتنىشىشى شۇنداقلا تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم، قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ چوقۇم يېڭى پىلانى بولۇشى، تەرتىپ بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى لازىم، ئۈچىنچى، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش لازىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. تۆتىنچى، يېزىلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش. دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلچەم بويىچە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ۋە زۆرۈر باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى سەپلەش لازىم، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، مەكتەپ ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ،شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى، يېزىلاردىكى ئۆيلىرىدە قېپقالغان بالىلار، مېيىپ بالىلار، يېتىم، سەرگەردان بالىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.كېرەك.دېمەك ،يوقرىدىكى برقاتار خىزمەتلەر ،ھەقىقىي ،ئىلمىي ئىشلەنگەندىلا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كەلگۈسىگە ياراملىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگەيەتكىلى بولىدۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 23:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئازادجان ئىبراھىم
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ـــ تەلىم-تەربىيە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.شۇڭا مەكتەپلەر بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىجاد قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەلىم–تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئىجادىيەت قارىشى، يېڭىلىق يارىتىش قارىشى، شۇنداقلا ئىزچىل ئىزدىنىپ مۇكەممەل بىلىم ئىگىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
    1. ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىرادىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە، بىرقىسىم مەكتەپلەر بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن مەكتەپلەر بۇ خىزمەتكە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئېغىزدا دەيدۇ-يۇ، ئۇنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتىدۇ.بۇ گەپلەر قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەر دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارغا 2-دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ كونكرېت، ئەمەلىي  ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، 2-دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، ئۈسكۈنە ۋە ياخشى مۇھىتنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ 2-دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ مەكتەپلەردىكى تەجرىبىخانا ئەسۋابلىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە مەكتەپلەردە تۈرلۈك كۇرژۇكلاررنى تەسىس قىلىپ شۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنىڭ، پائالىيەت ئۆيلىرىنىڭ بولۇشىغا، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسى ۋە ئەمگەك-تېخنىكا دەرسى، مەكتەپ دەرسى، كومپيۇتېر ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇش سىنىپى قاتارلىقلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقشىنى قوزغاپ، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈرلبكىنى ئاشۇرۇشقا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
    قىزىقىش ـــ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاساسى. ئوقۇغۇچىلاردا قىزىقىش بولغاندىلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر، ئىنچىكىلىق بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ئىجاد قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا ۋە زور قىزىقىش بىلەن ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشكە كونكىرىت يىتەكچىلىك قىلىشى ھەم ئوقۇغۇچىلاردا ھەرقانداق ۋاقىتتا كونكرېت مەسىلىلەرگە كونكرېت مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھىمى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەركىن، ئازادە پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملەر ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىلەرگە ۋە كونكرېت ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە، كەلگۈسىگە قارىتا تەسەۋۋۇر قىلىشقا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆنۈملۈك يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. بىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرسخانىدا پەقەت دەرس ئۆتۈشنىلا بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئويلاشقا،تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھام بېرىشنى بىلمەيدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    4. يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جەمىئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭى-يېڭى بىلىملەر كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، جۈملىدىن يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادچانلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىنتىلىدىغان، بىلىمگە زور ئىشتىياق باغلايدىغان ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    5. خاسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، يۇشۇرۇن قابىلىيىتى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىكى شۇ خىل خاس ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، شۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشتا، دادىل، مۇستەقىل، ئاكتىپ، جانلىق پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا ۋە ئەتراپلىق يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ، ئۇلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت خاس ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئاساسىدا ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    6. ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش كېرەك.
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك تەشكىللەش كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ پىلانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىللىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىجادىيەت، كەشپىيات مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقە پائالىيىتى، گۈزەل-سەنئەت ئىجادىيىتى مۇسابىقىسى ۋە كەشپىيات مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار كەشىپ قىلغان ھەرخىل كەشپىياتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، ئارخىپلاشتۇرۇش، يۇقىرىغا يوللاش، ئىلغارلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
  
  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 23:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل-ئەدەبىيات دەرىسنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ  ئوقۇتۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى  توغرىسىدا
ئازادجان ئىبراھىم
   تىل-ئەدەبىيات –مەزمۇن دائىرىسى ناھىيىتى كەڭ ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولغان دەرىسلەرنىڭ بىرى.تىل-ئەدەبىيەت دەرىسلىكىگە ئەدەبىيات نەزىرىيىسى،يېزىقچىلىق ئاساسى بىلىملىرى،ئىستىلىستىكا ئاساسى نەزىرىيىسى ۋە  ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى  خىلمۇ-خىل كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پېرسۇناژلار ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن.بۇ خىل مەزمۇندىكى دەرىسلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت ئاغزاكىي سۆزلەپ  چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىغا تايىنىپ مۇكەممەل بىلىم ئىگەللىتىش ھەقىقەتەن قىيىن. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇتقۇچى دائىم كونكىرىت رەسىم،كۆلەڭكە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى،ئۈنئالغۇ،سىنئالغۇ،تېلىۋېزور،كومپىيوتېر،كىنوئاپپاراتى،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆتۈپ،ئۇلارنى دەرىس مەزمۇنىنى نازارەت قىلىشقا،چۈشۈنۈشكە،ئىگىلەشكە كونكىرىت يىتەكچىلىك قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيەت دەرىسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مۇكەممەل بىلىم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە:
   1.ئوقۇغۇچىلارنى كونكىرىت ۋە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگەقىلىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
    تىل-ئەدەبىيات دەرىسنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنى كونكىرىت ۋە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگەقىلىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئوبىراز شەكىللەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ كونكىرىت ۋە ئەتىراپلىق بىلىم ئېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلەن:‹‹ئەدەبىي ئەسەرنىڭ پىرسۇناژلىرى››دېگەن نەزىرىيىۋى بىلىمنى ئوقۇتۇشتا تېلىۋېزورياكى ئېكراندا بىرەر فىلىمنى كۆرسۈتۈپ،ئۇنىڭدىكى پېرسۇناژلار ئوبرازىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە ئوبىرازلىق شۇنداقلا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ئىگىلەتكىلى بولىدۇ.‹‹غۇنچەم ››دىراممىسى قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشتا شۇ ھەقتە ئىشلەنگەن فىلىمنى تېلىۋېزوردا ياكى ئېكراندا كۆرسەتكەندە ئەسەردىكى مۇھىم پېرسۇنازلارنىڭ خارەكتىرىنى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش ئادەتتىكىچە يەنى ئاغزاكىي چۈشەندۈرگەنگە قاراىغاندا ئۈنىمى زور بولىدۇ.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدۇ.
زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلگەن دەرىسلەر جانلىق ھەم ئەمەلىي  بولغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلار دەرىس مەزمۇنىنى  ئەتىراپلىق ،چوڭقۇر ئىگىلىيەلەيدۇ.مانا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىگە  تايىنىپ،دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى  ،پېرسۇنازلار ئوبىرازىنى ،ئەسەرنىڭ بەدئىي ئالاھىدىلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قانداق نازارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
قىيىن نوقتىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق
ئوقۇتۇشتىكى بىر قىسىم بىلىملەر بولۇپمۇ دەرىسلىككە كىرگۈزۈلگەن نەزىرىيە ۋە تېكىستلەر ،پېرسۇنازلارنىڭ خارەكتىرى بەكمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.بۇنداق بىلىملەرنى ئاغزاكىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش بىرقەدەر تەس ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىمۇ قىيىنراق بولىدۇ.شۇڭا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇتقاندا ،ئابىستىراكىت بىلىملەرنى كونكىرىتلاشتۇرۇشقا ،ئوبىرازلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.مەسىلەن:غۇنچەم دىراممىسىدىكى مۇھىم پېرسۇنازلار ۋە ئۇلارنىڭ خارەكتىرى شۇنداقلا ئەسەرنىڭ تارخىىي ئارقا كۆرىنىشى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈشتە زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئپقۇتقاندا  ئۈنىمى كۆرنەرلىك بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يىتىلدۈرىدۇ.
تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنى زامانىۋى  ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنى ئىلمىي ئۆگىنىىش پوزۇتسىيە بىلەن ئېسىل  ئۆگىنىش روھىغا ئىگە قىلىغىلى بولىدۇ.
قىزىقىش -ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم ئوبىيىكتىپ شەئى ياكى مەلۇم پائالىيەت ھەققىدىكى مايىللىقىدىن ئىبارەت.بۇ مۇشۇ شەئىلەر بىلەن پائالىيەتلەرنىڭ ،ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى غوزغاش بىلەن بىلەن بىللە تەڭ ھوجۇتقا كېلىدۇ.زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش بىر خىل جانلىق ئوقۇتۇش شەكلى.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى دەرھال جەلىپ قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئېڭىدا شۇ دەرىسكە نىسپەتەن قىزىقىش ئىستىكى بارلىققا كېلىدۇ.پوزۇتسىيە مەسىلىسىگە كەلسەك  ئۇ،ئوقۇغۇچىنىڭ شەئىگە ياكى ھادىسىگە بولغان بىر قەدەر مۇكەممەل مۇقۇملاشتۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىشىدىن ئىبارەت ئىچكى ھېسيات پائالىيىتى .زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئېڭىدا قىزىقىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ،ھەقىقىي بولۇش،ئەستايدىل بولۇش ،مەسىلىگە ئەتىراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىلمىي ئۆگىنىش پوزۇتسىيىسى شەكىللىنىدۇ.مانا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى  بېرىلىپ ئۆگىنىش، شەئىلەر بىلەن ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ،سىرىنى ئېچىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئەنئەنىسىگە ئىگە قىلىدۇ.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئەدەبىياەت دەرىسنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئوقۇتۇش تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆزلىگەن سەۋيىگە يەتكۈزۈشتە  ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرەت شىجائىتىنى ، چۈشەنچىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
تىل-ئەدەبىيات دەرىىسى باشقا دەرىسلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرس .مەسىلەن،ئەدەبىيات   دەرىسىدە خىلمۇ -خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىېرىلگەن ھەم بۇ ئەسەرلەردە خىلمۇ-خىل خارەكتىردىكى كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى تەسۋىرلىنىپ،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەرخىل نوختىلاردىن ئەكىس ئەتتۈرۈالگەن.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە  زامانىۋى  ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ خىل ئوبرازلارنى ۋە ۋە ئۇلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنى پۇقتا ئىگىلەپ،كۆزلىگەن نىشانغا يىتىش ئۈچۈن پۇتۇن ھۇجۇدىنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇتۇشىغا مەركەزلەشتۈرسە ،ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىجابىي،سەلبىي ،پېرسۇناژلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىپ،ئىجابىي پېرسۇنازلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشتا جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىمىغىچە غەلبىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ دېگەن تونۇش ھاسىل قىلىپ،ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەپ،ئۈمۈتۋار ياشاش ئىستىكىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا  ،ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا پايدىلىق.
كۆپلىگەن مەكتەپلەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،تىل-ئەدىبىيات دەرىسخانا ئوقۇتۇشنى سەرخىللەشتۈرۈشتە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ،كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،بىر قىسىم مەكتەپلەردە يەنىلا ئەنئەنىۋى ،قالاق ئوقۇتۇشتىن قول ئۈزلمەي  ،ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقماي دەرىس ئوقۇش ،پەقەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئوقۇتۇشتەك ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. ھەر كۈنى تەكرار يۈز بېرىۋاتقان مۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىراش ھالەتىگە چۈشۈرۈپ ،ئۆگىنىش نەتىجىسىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە .زامانىۋى  ئوقۇتۇش بولسا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى ياخشىلاپ،پىسخىكىلىق جەھەتلەردىكى قارشىلىقلارنى يوقىتىدۇ.ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ،كەيپىياتىنى ياخشىلاپ،نەزەر دائىرسىنى كەڭەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەقىل -پاراسىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى توغرا ئىستىل ۋە كۆزقاراشقا ئىگە قىلىدۇ.
ئەدەبىيات دەرىسىدە ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى خىلمۇ-خىل كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى ۋە قىزىقىشى ،ئېسىل پەزىلىتى ئەخلاقىي ،ئەقلىي،ئىستىتىكا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدىكللىرى تەسۋىرلىنىدىغان بولغاچقا ئەدەبىيات دەرىسىنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ  ئۆتكەندە ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن  خىلمۇ-خىل خارەكتىردىكى ئىجابىي ،سەلبىي پېرسۇناژلارنىڭ ئىش –پائالىيەتلىرىنى ،ئىدىيىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۈزەتكەندىن كېيىن سەلبىي پېرسۇناژزلارنىڭ يىركىنىشلىك  رەزىل قىلمىشلىرىغا قارىتا غەزەپ –نەپىرىتى ،ئۆچمەنلىكى غوزغۇلۇپ،ئىجابىي پېرسۇنازلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى ،مېھرىبانلىقى،كۈيۈمچانلىقى،ۋەتەن خەلىققە بولغان چىكسىز سۆيۈنۈش ھېسياتى قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئۇلاردىن ساغلام بولغان تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ.
دېمەك ،تىل-ئەدەبىيات دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا زامانىۋى  ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىلا،ئوقۇغۇچىلارنى كونكىرىت ۋە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبىيات دەرىسى ئارقىلىق ساغلام ئىدىيىۋى ئەخلاققا ئىگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ،يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 23:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام  پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈش- ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى
ئازادجان ئىبراھىم
   ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكىلا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماستىن ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يىتىلدۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلار پەن –مەدىنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ،پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەربىيىگە ئىگە بولمىسا ،كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،خىزمەت ،ئۆگىنىش ،تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە نەتىجەيارىتىپ كىتەلمەسلىكى،قىسقىسى  ئوقۇش تارىخىىنىمۇ مۇۋاپىقىەتلىك ئاخىرلاشتۇرالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جىسمانىي ،گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يىتىلىشىمۇ  ئۇلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ يىتىلگەن –يىتىلمىگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى ،چوڭلارنى،ئاتا-ئانىلارنى ،ئۇستالارنى ،ساۋاقداشلىرىنى ھۆرمەتلەش روھى ،كۆللېكتىپنى سۆيۈش روھى ،خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى،ۋاپادارلىق ،كەمتەرلىك ،سەمىمىي،راستچىللىق ،مىھرىبانلىق قاتارلىقلارمۇ ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلاردا يوقارقىدەك پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈش ئانچە ئوڭاي ئەمەس.ئۇنى پەقەت ئائىلە،مەكتەپ ۋە جەمىئيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەربىيىسى ئارقىلىقلا يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.بۇ ئۈچ تەرەپ ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا ،ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغاندىلا ،ئوغۇچىللاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولۇپ مەكتەپ تەربىيىسى ياخشى بولمىسا ياكى ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسى ياخشى بولۇپ جەمىئىيەت تەربىيىسى ياخشى بولمىسا ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق  ئالاھىدىلىكنىڭ يىتىلىشى ناتايىن .نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ ئۇلار جەمىئىيەتتىكى بىرقىسىم چىرىك،نامۇۋاپىق ،ساغلام بولمىغان  يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ،ھاياتىنى ناپۇت قىلىدىغان ،جەمىئىيەتكە ،خەلىققە زىيان كەلتۈرىدىغان ،قانۇنغا خىىلاپ ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئېغىر جىنايات سادىر قىلىپ،جەمىئىيەتكە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغاىن ئەھۋلللارمۇ ئاز ئەمەس .شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۈچ تەرەپ تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىىكىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرشكە كۈچ چىقىرىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ھەقىقىي ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتۈشتۈرۈپ چىقىشقا پۇقتا ئاساس سېلىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېقققەت قىلىش كېرەك:
1.ئائىلە تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈپ،كەلگۈسىگە ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.ئائىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان 1-مەكتىپى.بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1-ئۇستازى ھېساپلىنىدۇ.بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ. بىزدە ‹‹قۇش ئۇۋىسىدا نىمىنى كۆرسە ،ئۇچقاندا شۇنى ئالىدۇ››دەيدىغان گەپ بار.خۇددى مۇشۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلار مۇ ئائىلىدە قانداق تەربىيىگە ئىگە بولسا كەلگۈسىدە شۇنداق ئادەم بولىشى ھەق.شۇڭا  ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە يۈرۈش-تۇرۇش ،سۆز-ھەركەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇش كېرەك.قوپال ،ئاغزى يامان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى ،باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقى ،پاكىز رەتلىك بولىشى،كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشى ،سۆلەتۋاز ،ھەشەمەتخور بولماسلىقى لازىم.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئوقۇغۇچىلار كۆرۈشكە مۇناسىپ ئەمەس كىنو،سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى ،ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتمەسلىكى ،ئورۇنسىز پۇل بەرمەسلىكى ،بازاردىن نەرسە كېرەك ئېلىشقا بۇيرىماسلىقى ،پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىش ،ئۆگىنىش ئۆيلىرىنى ئايرىم قىلىپ بېرىش ،باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇشقا ئادەتلەندۈرمەسلىكى لازىم.ھەم يول قويماسلىقى لازىم.ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇلارغا ئەدەپلىك بولۇش ،مەدىنىيەتلىك بولۇش ،يالغان گەپ قىلماسلىق ،باشقىلار بىلەن ئۇرۇش جىدەل قىلماسلىق ھەقققىدە ئىدىيىۋى تەلىم –تەربىيە ئېلىشپ بېرىش لازىم.ئەدەپ –ئەخلاق ،قائىدە –يۇسۇن تەربىيىسىنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ،ئوقۇغۇچىلاردائوقۇغۇچىلارغا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ساغلام ،ئەخلاقلىق مەدىنىيەتلىك ئىنتىزامچان بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىغا پۇقتا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
2.مەكتەپ تەربىيىسى كۈچەيتىش
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدىنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان سورىنى.مەكتەپ تەربىيىسىنى كۈچەيتكەندىلا ،ئوقۇغۇچىلارنى  پەن –مەدىنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ بىلىملىك ،قابىلىيەتلىك  ۋە ئىنتىزامچان بولۇشتەك ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يىتىلدۈرۈشكىمۇ پۇقتا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ تەربىيىسىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش لازىم .يەنى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم ،قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،دەرىسخانا تەرتىپىنى ياخشىلاپ،ساغلام بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتىنىيارىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار مەدەنىيەتلىك بولۇش، سىنىپ تازىلىقى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ياخشى بولۇش ،ئوقۇتۇش ماتىرىيالللىرى تولۇق ۋە  رەتلىك بولۇشقاكاپالەتلىك قىلىش كېرەك ،مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تىللىماسلىقى  ،ئۇرماسلىقى ،تاماكا چەكمەسلىكى  ،ھاراق ئىچمەسلىكى ،ئوقۇغۇچىلارغا كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنى قىلماسلىقى ،باشقىلار بىلەن جىدەل قىلماسلىقى ،دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا بۇيرىماسلىقى ،مەدەنىي پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ،ئەھمىيەتلىك ،ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى،تاپشۇرۇقنى ۋاختىدا بېرىپ ۋاختىدا تەكشۈرۈشى ،تاپشۇرۇق ئورۇندىماسلىققا قەتئىي يول قويماسلىقى ،مال-مۈلۈكنى ۋاختىدا تەكشۈرۈشى،كېلىپ- كېتىش ،ئۆگىنىش ،تۇرمۇش ۋە ئىنتىزامدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى  ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ھەقتە تەلىم-تەربىيە بېرىشى شۇنداقلا‹‹ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ››،‹‹ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى ››ھەققىدە تەربىيە بېرىپ،ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى لازىم.تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك  پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ ئۈنىمىنى يوقىرى كۆتىرىپ ،ئۇلارنى ئەتىراپلىق تەربىيىگە ئىگە قىلىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۇپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3.جەمىئىيەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىش
ئوقۇغۇچىلار ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى جەمىئىيەت تەربىيىسىگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك.تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمممىسى دىگۈدەك ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ،ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ كېتەلىشى ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كىتەلىشى ناتايىن.ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئائىلىسىدە ئىشسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئوقۇغان ئاەمنىڭ ھەممىسىمۇ كادىر بولىشىمۇ ناتايىن .بەزىلىرى كادىر ،بەزىلىرى دېھقان ،بەزىلىرى چارۋىچى،بەزىلىرى ئىشچى،بەزىلىرى تىجارەتچى بولىشى مۇمكىن.شۇڭامۇشۇ خىىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا بەلگۈلۈك بىلىم ،قابىلىيەت بولمىسا ،ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى تەس .مانا مۇشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردا داۋاملىق ئىزدىنىدىغان جاپا-مۇشەقققەتتىن قورۇقمايدىغان،تەرتىپ،ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.مانا بۇ خىىل ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىك ئۈنۈملۈك بولغان جەمىئىيەت تەربىيىسى ئارقىلىق ھۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ خىل ساغلام پىسخىكىلىق  ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلىنىدىغان ساغلام ئجتىمائىي مۇھىت بولۇشى كېرەك.يەنى مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار دائىم پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەدەنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ،گۈزەل-سەنئەت ئۆيلىرى،كەسپىي مەكتەپلەر (دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق  بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغان ،ئاشپەزلىك ،تامچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەر نى ئۆگىنىدىغان )بولۇشى كېرەك.ھەردەرىقىلىك پارتىكوم ۋە خەلىق ھۆۆۈمەتلىرى ،قانۇن ئورۇنلىرى  تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن،تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ،ئۇنى كونكىرىت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ،ئۆزرولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشىغا ،جەمىئىيەتكە ھەسسە قوشىشغا ئىلھام بېرىش كېرەك.   ئۇنداق بولمىغاندا مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار ئەتتگەندىن كەچكىچە بىكار يۇرۇپ،جەمىئىيەتتىكى بىرقىسىم يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۈچىراپ ،ھاراق ئىچىش ،ئۇرۇش –جىدەل قىلىش  ئوغۇرلۇق قىلىش  ۋە باشقىدەك قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىپ،ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋاقىتسىز ناپۇت  قېلىۋېتىشىمۇ  مۇمكىن .شۇڭا 、ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جەمىئىيەت تەربىيىسىنى كۈچەيتپ، ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىتتا بەلگۈلۈك تەربىيىگە ئىگە بولغاندىلا،ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يىتىلدۈرۈپ،كەلگۈسىگە ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

ۋاقتى: 2014-12-22 23:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىز ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار  ماقالا  ئىكەن. رەھمەت سىلىگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش