يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانىدىكى ئادەم باشقۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كارخانىدىكى ئادەم باشقۇرۇش


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىدە، مەلۇم بىر خىل ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش، مال ئوبوروتى ياكى مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادىي بىرلىك كارخانا دەپ ئاتىلىدۇ، كارخانا ئادەملەرنىڭ ئورتاق ئەمگىكى ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ. شۇڭلاشقا كارخانىدا، مەلۇم بىر خىل تەرەققىيات نىشانى بولغاندىن سىرت يەنە ئادەم ئامىلى يەنى ئادەم باشقۇرۇش بولماي مۇمكىن ئەمەس. باشقۇرۇشنىڭ قانداق بولۇشى كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت سىجىل تەرەققىي قىلىشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. كارخانىدىكى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
1.  مەمۇرىي ۋاسىتە. ھوقۇق ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشى بىلەن كۆپكە مەسئۇل بولۇش ۋە بىرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە قايسى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەش ۋە قايسى ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئومۇمىي توپنىڭ بىر يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھوقۇق ۋە سەلتەنەتكە تايىنىپ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىش، قارار چۈشۈرۈش، تۈزۈم بەلگىلەش، تەغدىرلەش ھەتتا جازالاش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە تەمىناتنىڭ يۇقىرىلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەركەت پائالىيىتىگە چەك قويۇش، تۈزۈمنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەش، چارە كۆرۈش قاتارلىقلار بۇ خىل باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2.  ئىقتىسادىي ۋاسىتە. ھەرقانداق ئادەم ئىقتىسادىي كىرىمدىن ئايرىلسا خاتىرجەم تۇرمۇش، ساغلام تەن، نورمال ئىجىتماىي مۇناسىۋەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇڭا خىزمەتچىلەرنىڭ پۇلغا چوقۇم ئېھتىياجى بولىدۇ. كارخانا خىزمەتچىلەرگە ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. كۆپ ئىشلىگەن كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش مېخانىزىمى تۇرغۇزۇلۇپ، ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا كارخانىدا ئادەم باشقۇرۇش تەبىئىي ئاسانلىشىدۇ.
3.  تۈزۈم ۋاسىتىسى. چەكلەنگەن ئىش- ھەرىكەت، چەكلەنگەن رايون، چەكلەنگەن مەنپەئەت توقۇنۇشى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن بىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورناتماي بولمايدۇ. چەكلەش سىزىقى سىزىپ قويۇلغانغا قارىغاندا چەكلەش تانىسى تارتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق، ئۇنىڭقا قارىغاندا چەكلەش رىشاتكىسى ئورنىتىپ قويۇش، ھەتتا رىشاتكا ئۈستىگە خەتەرلىك تىغ ياكى ئەينەك پارچىلىرىنى ئورنىتىپ قويۇشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. خىزمەت تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مالىيە ھېساباتى ۋە خىزمەت نەتىجە خاتىرىسىنى كۆمپيۇتېرلاشتۇرۇش، يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ كارخانا تەرەققىياتىغا بولغان پايدىسى كۆپ بولىدۇ. خىزمەتچىلەر ئارا ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئېنىق ئايرىش، بىنورمال رىقابەتلىشىشتىن ساقلىنىش، ساختىلىق ئىشلىتىشنى يىلتىزىدىن چەكلەش، گوروھۋازلىقنى توسۇش ئۈچۈنمۇ ھازىرقى زامان ئىلغار باشقۇرۇش يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرىدىن پايدىلانماي بولمايدۇ.
4.  ئىدىيىۋى تەربىيە ۋاسىتىسى. خىزمەتچىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش، خىزمىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھاسىل قىلىش، مۇشتىمى زورلۇق، خارلاش خاھىشلىرىنى ۋاقتىدا چەكلەش، باراۋەرلىك ۋە خوجايىنلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىش ئۈچۈن بىر تۈرلۈك ئىلغار ئىدىيىۋى كۆز قاراش تەربىيىسىنى كۈچەيتمەي بولمايدۇ.
5.  ئالدىن كۆرەرلىك ۋە غەمخورلۇق ۋاسىتىسى. خىزمەتچىلەرگە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلاردىن ئالدىن بىشارەت بېرىش، كەلگۈسى تەرەققىياتتىن ئۈمىدلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەربىيىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشە ۋە مۇھتاجلىق خاھىشىنى ئازايتىش، روھى ساغلاملىققا يېتەكلەش، تەساددىبىي قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە ئالدىن غەمخورلۇق قىلىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش كەيپىياتى ھاسىل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرنى ئۇزۇق مۇددەت تۇتۇپ تۇرالىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ياخشى ئادەم، ياخشى خىزمەتچىنىڭ ئەتراپىدا ھامان ياخشى خىزمەتچى، ياخشى سەبداش، ياخشى خوجايىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇنداق خىزمەتچى ئاسانلىقچە قىيىنچىلىققا يولۇقمايدۇ. چۈنكى قىيىنچىلىققا ئۇچراپ بولغۇچە باشقىلار تەرىپىدىن ھەل قىلىۋېتىلىدۇ. ناچار ئادەم، ناچار خىزمەتچى، ناچار خوجايىننىڭ ئەتراپىدا ھەردائىم يامان غەرەز، يامان مەقسەتتىكى ئادەملەر بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئالدىشىپ، ساختىلىق ئىچىدە ماڭدامغا بىر تالاپەتكە يولۇقۇپ تۇرىدۇ. بىر-بىردىن زارلىنىدۇ، مۇداپىيە كۆرىدۇ، مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ناچارلىقنى ئارزۇ قىلمايدۇ. بۇ دەل "سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ" دېگەنگە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا كارخانىدا ئادەم باشقۇرۇشنى ئويلىغان كىشى باشقىلارنى ئوڭشايمەن دېگۈچە ئاۋال ئۆزىنى ئوڭشاشنى بىلىشى كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 19:54  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش