كەلمىدىڭ
گۈل ئېلىپ كەلمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ،
بىللە گۈل تەرمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
سۆيگۈنىڭ سۇمبۇل چېچىنى دار قىلىپ،
تەڭ جاھان كەزمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
ھېجرىنىڭ قەلئەسىنى گۇمران ئېتىپ،
دىل ئارا چۆكمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
مېھرىنىڭ دەرياسىغا قولۋاق سېلىپ،
قۇش كەبى ئۈزمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
خەنجىرىڭ تىلدى دىلىمنى چاكۇ-چاك،
سەن داۋا بەرمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
تاش بولۇپ قاتتى قاراقىمدا يولۇڭ،
نۇر-زىيا سەپمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
ئال بېرەي، تەمكىندە قالدى بىر تىنىق،
لەۋ يېقىپ كەتمەكچى بولغان، كەلمىدىڭ.
2014-يىل 9-دىكابىر خوتەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-9 13:34
|