يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 404|ئىنكاس: 2

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: تائام تىجارىتىدە نەق پۇل ئېنىقلىقىنى كاپالەتلەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تائام تىجارىتىدە نەق پۇل ئېنىقلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەققىدە

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

تائام تىجارىتىدە كۈندىلىك قىلىنغان سودىدىن يىغىلغان نەق پۇلنىڭ ئېنىلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش شىركىتىمىز ئومۇملاشتۇرىۋاتقان ئاشخانا- رېستوران باشقۇرۇش يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى دەپ قارىلىدۇ. بۇلار ھەر بىرخېرىدارنىڭ نەق پۇل ياكى بانكا كارتى ئارقىلىق تاپشۇرغان پۇل سانىنىڭ ئۇلارنىڭ ئېنىق ئىستىمال قىلىغان ھېسابات سوممىسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى، ھەر بىر پۇل يىغىش تالونى سىستېمىدا خاتىرىلىنىپ جەملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئومۇمىي سانلىق دوكلات قىممىتىنىڭ قول بىلەن سانىغىلى بولىدىغان نەق پۇلنىڭ يىغىندا قىممىتى بىلەن ئوپ-ئوخشاش بولۇشى، ھېساباتقا ساختىلىق ئىشلەتكىلى بولماسلىقى، قەستەن ئۆچىرىۋېتىشكە، ئالماشتۇرىۋېتىشكە قەتئىي مۇمكىن بولماسلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە ئارقا سەپ تالون پرىنتېرى ھەر بىر زاكاز تالوننى توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا ئاشپەزلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق تالونسىز تاماق چىقىرىشقا چەك قويۇلۇپ، ئېتىلگەن تاماقلارنىڭ سىستېمىدا جۇغلىنىپ مېڭىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. يەنە پۇل يىغقۇچى ۋە تاماق يازغۇچىنىڭ مەشغۇلاتىنى چەك چېكىدىن ئايرىش، پۇل يىغقۇچىنىڭ تاماق يېزىش ھوقوقى بولماسلىقى، تاماق يازغۇچىنىڭ ھېسابات ئۇزۇش ھوقوقى بولماسلىقى ئارقىلىقمۇ خادىملارنىڭ ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ يىغىلغان پۇلغا خىيانەت قىلىش يولى توسىلىدۇ. پۇل يىغقۇچىغا تاماق ئۆچىرىش ھوقوقى بېرىلمىگەندىن باشقا  ئۆچۈرۈش ھوقوقى بار خىزمەتچى ناۋادا بۇيرۇتۇلغان تاماقلارنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆچىرىۋەتسە تاماق ئۆچىرىلگەنلىك تالونى ئارقا سەپتە ئۇرۇپ چىقىرىلىدۇ. ئاشپەزلەر بۇ تاماقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
شۇنداقلا سىستېمىدىمۇ ھەر ۋاقىت سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن، يوللانغان، ئۆچۈرۈلگەن تاماقلارنىڭ سانى، كىم بۇيرۇغانلىقى، سانى، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ساقلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت كىملەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن سودا كۈنىگە نىسبەتەن گۇمانىي قاراش پەيدا بولسا، شۇ كۈنىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر- بىرلەپ ھەرقايسى تالونلار بويىچە تەكشۈرۈش كۆرۈشكە بولىدۇ. دېمەكچىمىزكى، سىستېمىدا نەق پۇل بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىلغان، پۇل يىغىش ئورنىدا سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلىشىگە تامامەن بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى، خېرىدارلارنىڭ پۇل تۆلەشتە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماي، بىپەرۋالىق قىلىشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئالا كۆڭۈل خىزمەتچىلەرگە خىيانەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇ تەرەپتىن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1-      تېز تاماقخانىلاردىكى تاماق ساتقۇچى تاماق تىزىملىكىنى سىستېمىغا كىرگۈزۈپ، تاماق بېرىپ، تالون بەرمەسلىكى ۋە تالون سوممىسىنى ئازايتىپ ھېسابات ئۈزۈشى. تېز تاماقخانىلاردا ئارقا سەپ تالون پرىنتېرى ئىشلىتىلمىگەچكە، پۇل يىغقۇچى ھەم تاماق سۇنۇش ھەم ھېسابات قىلىش ھوقوقىغا ئىگە. خېرىدارنىڭ ئېيتىپ بولۇپ، قالدۇرىۋېتىشى، تەڭشىشى بولۇپ تۇرىدىغان ئىش بولغاچقا، ئېكراندا تىزىلغان تىزىملىكتىكى تاماقلارنى ئۆچىرىۋېتىش ھوقوقى بەرمەيمۇ بولمايدۇ. شۇڭا خېرىدار ئۆزى ئېھتىياجلىق تاماقلارغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، پۇل تۆلىگەندە پۇل يىغقۇچىنىڭ ئېيتقىنىغىلا ئەمەس، ئېكراندىكى سانلىق قىممەتلەرگىمۇ دىققەت قىلىشى، پۇل تۆلەپ بولغاندا ھېسابات ئۈزۈلگەنلىك تالونى ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
2-      پۇل يىغىقۇچىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرمەي تۇرۇپ، ئومۇمىي باھادا ئېتىبار پىرسەتنى ئۇرۇپ ھېسابات قىلىشى، يەنى ھېسابات ئۈزۈدىغاندا خېرىداردىن پۇلنى ھېساباتتىكى ئومۇمىي پۇل سانى بويىچە پۇل ئېلىپ ئۇنى سىستېمىدا ئېتىبار باھاغا ياكى باھا تۆۋەنلىتىش پىرسەتنى بويىچە ھېسابات ئۈزۈشى. رېستورانلاردا بەزى دائىمىي خېرىدارلارنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا باھادا ئېتىبار قىلىدىغان، ئومۇمىي ئىستىمال سوممىسىنى مەلۇم پىرسەنتتە تۆۋەنلىتىپ ھېسابات قىلىشقا يول قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. پۇل يىغقۇچى بۇ ئەھۋالدىن خېرىدارنى خەۋەردار قىلماي، ئۆز ئالدىغا ھېسابات سوممىسىنى تۆۋەنلىتىپ ھېسابات ئۈزۈپ، ئارتۇق يىغىلغان پۇلغا خىيانەت قىلىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدار ھېسابات ئۈزگەندە پۇل تۆلىگەنلىك تالونى ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. رېستورانلاردا خېرىدارغا بېرىلىدىغان تالون ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى ھېسابات ئۈزۈشتىن ئاۋۋال ئومۇمىي ئىستىمال سوممىسىنى خېرىدارغا كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان خېرىدار ھېسابات تالونى(客人账单)، يەنە بىرى پۇل تاپشۇرىۋېلىش تالونى (收据)، كۆپىنچە ھېسابات ئۈزۈشتىن ئاۋۋال خېرىدار ھېسابات تالونى بېسىپ چىقىرىلىدۇ، بۇ تالوننى تەكرار نەچچە رەت بېسىشقا بولىدۇ. لېكىن پۇل تاپشۇرىۋېلىش تالونىنى ھەر بىر ئۈستەل ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ تالون بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بۇ ئۈستەلگە بۇيرۇتۇلغان تاماقلارغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن پۇل تۆلەش تالونى بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 12:24  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-9 06:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن پۇل تۆلەش تالونى بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. مانا بۇ دەل توغرا.


ۋاقتى: 2014-12-11 03:31:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن بىلمىگەننى بىلىۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش