يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 3

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: تىجارەت يەنىلا تەدبىرگە مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىجارەت يەنىلا تەدبىرگە مۇھتاج

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

تائام تىجارىتىدە ئاشخانىنى ئېچىپ قويۇش بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، تىجارەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەممىدىن مۇھىم. خېرىدارنىڭ تېتىپ بېقىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئەمەلىيەتتە بۇ يولنى تاپقانلىق، شۇنداقلا گۈللىنىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق.
مۇلازىمەت. خېرىدارنى رازى قىلغۇدەك مۇلازىمەت ئاشخانا تىجارىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بىر خېرىدارنى رازى قىلىش كۆپلىگەن خېرىدارنى جەلپ قىلغان بىلەن باراۋەر، ئەلا مۇلازىمەتنىڭ سىجىللىقى خېرىدار مەنبەسىنىڭ كېڭىيىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. تائام تىجارىتىدە نارازىلىق كۆپىنچە تاماقنىڭ تەمىدىن ئەمەس، بەلكى مۇلازىمەتنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خېرىدار ئادەتتە ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ ئىلمىي بولغان مۇلازىمەتتىن بەھر ئالىدۇ. خېرىدارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش، ئەقىلگە سىغمايدىغان باھانە كۆرسىتىپ رەت قىلىشلارنىڭ ھەممىسى سەمىمىيەت نۇقتىسىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ، بۇنداق تەمسىز چۈشەندۈرۈش ياكى ئاخىرى چىقمايدىغان دە-تالاش ھەرقانداق ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. مۇلازىمەتتە ھەر بىر ئېغىز سۆز، ھەر بىر ھەرىكەتنىڭمۇ ئىنچىكە، ئىلمىي قېلىپى بولىدۇ. خېرىدارنىڭ كەيپىياتىنى ئازادىلەشتۈرۈشنى چىقىش قىلغان مۇنتىزىم، قېلىپلاشقان، سىناقتىن ئۆتكەن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن مۇلازىمەت تائام تىجارىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
باھا. مۇۋاپىق باھاتائام تىجارىتىدە خېرىدار جەلپ قىلىشنىڭ شەرتى، چۈنكى ھەرقانداق خېرىدار كىرىمى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەغدىردىمۇ، يەنىلا باھاغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلىدە باھاغا قارىتا ئادىل تارازا بولىدۇ. زىيادە ئەرزان بولسا خېرىدارنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بەك قىممەت بولسا، بىر كەلگەن خېرىدار قايتا كەلمەيدۇ. شۇڭا باھانى تىجارەتچى خالىغانچە بېكىتمەستىن، ئالدى بىلەن بازار ئېھتىياجىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ۋە رىقابەتچىلەرنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا باھادا ئېنىقسىزلىق، ئادىللىقتىن چەتنەش بولسا، خېرىدار ئالدىنىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىدۇ. باھانى مۇمكىن قەدەر ئوچۇق ئېيتىش، كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا باھا كۆرسەتكۈچى بولۇش، خېرىدارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال سوممىسىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ئاشكارىلاش، بۇيرۇتمىنى خاتىرىلىگەندە مىقدار ۋە ئىستىمال مۇۋاپىقلىقىنى تەكىتلەش خېرىدارنىڭ باھاغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. بىلىپ ئىستىمال قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا خېرىدار مەنبەسىنىڭ ئۇلغۇيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
كۆندۈرۈش. بىركەلگەن خېرىدارنى دائىم كېلىدىغان خېرىدارغا ئايلاندۈرۈش كۆندۈرۈشنىڭ نەتىجىسى، بۇ تائام تىجارىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يەنە بىر ئاساسى. بۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدارغا دىققەت قىلىش، خېرىدارلار ئارخىپى تۇرغۇزۇش، خېرىدار بىلەن تونۇشىۋېلىش، تۇنجى كەلگەن خېرىدارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش، خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئېتىبار بېرىش؛ يەنە مۇكاپاتلىق چەك تارقىتىش، ئېتىبار باھالىق كارتا بېرىش، خېرىدارنىڭ خاس تەلىپىنى لايىقىدا ھەل قىلىش؛ يېڭى تاماق، ئەرزان تاماق، يۈرۈشلۈك تاماق چىقىرىش، قەرەللىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خېرىدارنى كۆندۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. خېرىدارنىڭ ھەرقانداق پىكىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، كەتكۈزۈپ قويسا ئەپۇ سوراش، تۈزىتىشكە ۋەدە بېرىشمۇ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئۈستۈنلۈك. ئەتراپتىكى ئۈچ كىلومېتىر دائىرىدە ئۆزىدىن ئۈستۈن رىقابەتچى بولماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىتى ئەڭ ياخشى، تامىقى ئەڭ تەملىك، باھا ئەڭ مۇۋاپىق ۋە مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئالدىنقى شەرت. ئادەم يېنىدىلا ئەڭ ياخشى ئورۇن تۇرسا، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ يىراق يەرگە تاماققا بېرىشنى خالىمايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئارىلىقنىڭ يېقىن بولۇشىنى ئاشخانا تاللاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ. بىراق ئەتراپىدا سېلىشتۇرۇش ئوبيېكتى بولمىسا، ئۆزىنىڭ سەرخىللىقىنى بىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە ئىمكان بولمايدۇ.
تاراتقۇ. تائام تىجارىتىدە نوقۇل ئېلانغا پۇل خەجلەش ئىستىمالچىنىڭ گۇمانىنى قوزغاش بىلەن بىللە، تەننەرخنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا باھادا ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، مەلۇم پايدىلىق ئاممىۋى پائالىيەتكە سورۇن ھازىرلاش، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاۋاز قوشۇش، تاماق ئېتىش، توشۇش، مۇلازىمەت قاتارلىقلاردا پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يېڭىچە كەيپىيات يارىتىش، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ئېلان ئۈنۈمىگە ئېرىشىش كەلگۈسىدە تائام تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشقا ئاساس بولىدۇ. يەنە ئاشپەزلەر مۇسابىقىسى تەشكىللەش، ماھارەتلىك ئاشپەزلەرنى مۇكاپاتلاش؛ ماتېرىيال مەنبەسىنى ئاشكارىلاش، خېرىدارنىڭ نازارىتىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ تەشۋىقات ئۈنۈمى يارىتالايدۇ.
2014-يىلى4-ئاپرىل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى "دەستۇر" مەخسۇس بېتىدە ئېلان قىلىنغان.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 18:13  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-7 21:19:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تىجارەت ،سودا قىلىش تىجارەتچىدىن يۈكسەك ھوشيارلىق ،سەزگۈرلۈك ،بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەش ،رىقابەتتە يېڭىپ چىقىش ،ئالدىدىن كۆرەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ ،تىجارەت قىلىشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا يولى تۈرلۈك تۈمەن قائىدىلىرى بولىدۇ
ۋاقتى: 2014-12-7 23:55:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن ! !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:01:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش