ماۋۇ كۆچۈرمىكەشلىكنى نېمە دەيمىز ئەمدى
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
ئادەتتە خىزمەت ۋەباشقا ئىشلار تۈپەيلى بەك ئالدىراش ئۆتىمەن. شۇ سەۋەبتىن تورغىمۇ كۆپ چىقىپ كېتەلمەيمەن. بەزىدە پۇرسەت بولۇپ قالسا كەچلىرى ئۆزۈم ياقتۇرغان «يازغۇچىلارتورى» غا كىرىپ سۆيۈملۈك ئاپتورلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر مەنىلەرگە تويۇنغان ئەسەرلىرىدىن زوق ئالىمەن. مانا بۈگۈنمۇ كۈندىلىك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ «يازغۇچىلار تورى» كىردىم.گەرچە شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 11:00 ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يېڭى تېمىلارغا كۆز يۈگرۈتتۈم. بىر ئىككى تېمىنى كۆرۈپ كۆزۈم ئىختىيارسىز بوۋاقىنىڭ «كۆچۈرمىكەشلىك قاچان تۈگەيدۇ» ناملىق ئوبزورى بىلەن راھىلە توختى خەنداننىڭ «قار گۈلى» ناملىق ئىككى پارچە ئەسىرىگە چۈشتى. ھەيران قالدىم، ئەسلى بۇ ئىككى تېما خۇددى ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدەك قىزىق تالاش-تارتىش، ئۇرۇش-تالاش بولىۋاتقان، ئەتىگەنلىك چايدەك ۋاراقشىپ قايناۋاتقان تېمىلاركەن ئەمەسمۇ! شۇنداق قىلىپ بىر سائەتكە يېقىن تېمىلار ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپتىمەن. ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم. راست ئەمەسمۇ، مۇنبەرداشلار توغرا دەيدۇ، «كۆچۈرمىكەشلىك تۈپتىن يوقىتىلىشى كېرەك،بولمىسا ئەدەبىياتىمىز تەرەققى قىلمايدۇ». بۇ خىياللارنى سۈرۈۋېتىپ يادىمغا تۇيۇقسىز نەچچە ئاي ئىلگىرىكى بىر ئىش كەلدى. بۇ ئىشمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاقسىز بىر قىلمىش ئىدى. لېكىن ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈلچەكلىكى تۈپەيلى بۇ ئىشنى شۇۋاقىتتا نەزەردىن ساقىت قىلغان ئىدىم. بىراق ھازىر ئويلىسام مېنىڭ بۇ ئويۇم خاتائىكەن. شۇڭا بۇ قىلمىشنى ئاخىرى تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.
ئۆزۈم ئەسلىدىنلا شېئىرغا ئامراق بولغاچقا ھازىرغىچە نەشردىن چىققان بارلىق توپلاملارنى سېتىۋېلىپ كەلدىم. مۇشۇ ئادىتىم بويىچە بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدىن پاتىگۈل ياسىن ئىسىملىك يېڭى بىر ئاپتورنىڭ «روھ گۈلى» ناملىق بىر شېئىر توپلامىنى سېتىۋالغان ئىدىم. بۇ كىتاب 2014-يىلى 1-ئايدا نەشردىن چىققان ئىكەن. كىتابنى سېتىۋالغان شۇ كۈنى كەچتە كىتابنى كۆرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇ كىتابتىكى «ناتايىن» ناملىق بىر شېئىرغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ ھەيران قالدىم. ئەسلىدە بۇ شېئىر ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرى ئىدى. مەن بۇرۇن كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئالغان، شۇ قاتاردا مۇھەممەتجان راشىدىننىڭمۇ كۆپ شېئىرلىرىنى يادلىۋالغان ئىدىم. بۇ شېئىرمۇ يادىمدا بولغاچقا نەزىرىمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. لېكىن بۇ شېئىرنىڭ ئىككى مىسراسى كەم بولغاچقا ئەسلىدىكى مەنە خۇسۇسىيىتىنى ئاز-تولا يوقاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىتابلىرىمنى ئاقتۇرۇپ بۇ شېئىرنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. ئەسلىدە «ناتايىن» ناملىق بۇ شېئىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ 1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان «ئانا يەر قەسىدىسى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، غەزەل شەكلىدە ئىدى. لېكىن پاتىگۈل ياسىن ئىسىملىك بۇ شائىرە بۇ شېئىرنىڭ بىر-ئىككى يېرىنى ئۆزگەرتىپلا ئەسلىدىكى غەزەل شەكلىنى بۇزۇپ، مۇرەببە (تۆتلۈك) شەكىلدە ئۆز كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، تۆتلۈك شەكىلدىن ئېشىپ قالغان ئىككى مىسرالىق غەزەلنى بۇ شائىرە تولۇقلاپ يېزىشقا قۇربى يەتمىدىمۇ ئىشقىلىپ قالدۇرۇپ قويغان.
تۆۋەندە بۇ ئىككى كىتابتىكى شېئىرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرۈپ باقايلى:
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىر توپلىمى:
پاتىگۈل ياسىننىڭ شېئىرلار توپلىمى:
مەن شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشتىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان ئىدىم. بۇ توغرىلىق بىرەر نەرسە يېزىپ ئېلان قىلدۇرايمۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۇ شائىرەنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ توختاپ قالدىم.چۈنكى تەرجىمىھالدا مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى:
«پاتىگۈل ياسىن 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1997-يىلى بىر قېتىملىق خاتا داۋالاش سەۋەبىدىن ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان...» بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ تېنىم ئىختىيارسىز تىترىدى. ھەي...ئەسلىدە مېيىپكەن ئەمەسمۇ، بەلكىم يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ سۇنۇق ۋە نازۇك دىلىنى يېزىقچىلىق ئارقىلىق ئاۋۇندۇرۇپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن بولسا كېرەك، بىچارە... بۇ خىياللار كۆڭلۈمدىن كېچىش بىلەنلا بايىقى ئاچچىقىم يېنىپ تۇرۇپلا بۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ھەم قايىل بولۇپ قالدىم.چۈنكى ئارىمىزدا ئۆزى تەندۇرۇس بولسىمۇ لېكىن مۇشۇ قىزچىلىكمۇ بولالماي ئەكسىچە پارازىتنلارچە ياشاۋاتقان روھى چۈشكۈن ئادەملەر ئاز ئەمەسقۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ شائىرەنىڭ قىلمىشىنى ئېسىمدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدىم.لېكىن بۈگۈن مۇنبەردىكى بۇ دەتالاشلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ئىش قايتا ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق كونىلارنىڭ «جىسمانىي جەھەتتىكى مېيىپلىق ئەيىب ئەمەس، روھى جەھەتتىكى مېيىپلىق ئەيىب» دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارىسىنى پاتىگۈل ياسىن ئىسىملىك بۇ شائىرە قىزغا ھەدىيە قىلغۇم كېلىپ قالدى.
شۇنداقتىمۇ مەن يەنە بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ بۇ قىلغىنىم توغرىمىدۇ ياكى خاتامىدۇ، ئەگەر بۇ شائىرە بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسا ئەسلىدىكى سۇنۇق دىلى يەنە قايتىدىن ئازار يەپ قالارمۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قالدىم. ئاخىردا ئەگەر مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مەزكۇر شائىرەگە ئازار بېرىپ قويغان بولسام بۇ شائىرەدىن كەچۈرۈم سورايمەن ھەم كۆڭلۈمنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. قالغىنىغا باشقا مۇنبەرداشلار نېمە دەيدۇ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
|